باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

زور پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ چوڭ قولتۇق رايونىنى ياخشى قۇرايلى

2019.02.19 15:10         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  «جۇجياڭ دېلتىسى» خەرىتىسى ئاخىرغىچە پىلانلىنىپ، گۇاڭدۇڭ-شياڭگاڭ-ئاۋمېننىڭ ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا يېڭى پۇرسەت نامايان بولدى. گۇاڭدۇڭ-شياڭگاڭ-ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونى قۇرۇشنى باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۆزى پىلانلاپ، ئۆزى ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئۆزى ئالغا سىلجىتقان دۆلەت ئىستراتېگىيەسى، يېڭى دەۋردە ئومۇميۈزلۈك ئېچىۋېتىش يېڭى ئەندىزىسى شەكىللەندۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىشتىكى يېڭى تەدبىر، شۇنداقلا «بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش» ئىشلىرى تەرەققىياتىنىڭ يېڭى ئەمەلىيىتى. «گۇاڭدۇڭ-شياڭگاڭ-ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونى تەرەققىيات يىرىك پىلان تېزىسى» ئاشكارا ئېلان قىلىندى، بۇ پىروگرامما خاراكتېرلىك ھۆججەتتە گۇاڭدۇڭ-شياڭگاڭ-ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورنى، تەرەققىيات نىشانى، بوشلۇق ئورۇنلاشتۇرۇشى قاتارلىقلار ئومۇميۈزلۈك پىلانلىنىپ، ھاياتىي كۈچ ۋە خەلقئارا رىقابەت كۈچىگە باي ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان قولتۇق رايونى بىلەن دۇنيا دەرىجىلىك شەھەرلەر توپى بوشاشماي تىرىشىش ئارقىلىق قەدەممۇقەدەم رېئاللىققا ئايلانماقتا.

  گۇاڭدۇڭ-شياڭگاڭ-ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونى قۇرۇش ئومۇمىيەت ۋە كەلگۈسى تەرەققىيات مەۋقە قىلىنىپ چىقىرىلغان مۇھىم، زور پىلان. ئېلىمىزدىكى ئېچىۋېتىش دەرىجىسى ئەڭ يۇقىرى، ئىقتىسادىي ھاياتىي كۈچى ئەڭ كۈچلۈك رايونلارنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، گۇاڭدۇڭ-شياڭگاڭ-ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونى دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىيىتىدە مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنغا ئىگە. 40 يىللىق ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش جەريانىدا گۇاڭدۇڭ-شياڭگاڭ-ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونىنىڭ ئىقتىساد ئەمەلىي كۈچى، رايونلار ئارا رىقابەت كۈچى روشەن ئېشىپ، خەلقئارادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان قولتۇق رايونى ۋە دۇنيا دەرىجىلىك شەھەرلەر توپى قۇرۇشنىڭ ئاساسىي شەرتىنى ھازىرلىدى. يىرىك پىلان تېزىسى بويىچە، گۇاڭدۇڭ-شياڭگاڭ-ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونى ھاياتىي كۈچكە تولغان دۇنيا دەرىجىلىك شەھەرلەر توپى، خەلقئارا پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش مەركىزى، «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىنىڭ مۇھىم تايانچى، ئىچكىرى ئۆلكىلەر بىلەن شياڭگاڭ، ئاۋمېننىڭ چوڭقۇر ھەمكارلىقىدىكى ئۈلگىلىك رايون قىلىپ قۇرۇپ چىقىلىپلا قالماي، يەنە ياشاشقا، ئىشلەشكە، ساياھەت قىلىشقا باب كېلىدىغان ئەلا سۈپەتلىك تۇرمۇش چەمبىرىكى قىلىپ بەرپا قىلىنىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ ئۈلگىسىگە ئايلىنىدۇ. گۇاڭدۇڭ-شياڭگاڭ-ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونى قۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئېلىمىز ئىقتىسادىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش كۈچى ۋە رىقابەت كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇشنى تايانچقا ئىگە قىلىشقا پايدىلىق؛ ئىسلاھاتنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىپ، خەلقئارا بىلەن جىپىسلاشقان ئوچۇق ئىقتىساد يېڭى تۈزۈلمىسى ئورنىتىپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك خەلقئارا ئىقتىسادىي ھەمكارلىق يېڭى سۇپىسى قۇرۇشقا پايدىلىق.

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر