باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

تۆۋەن چەك تەپەككۇرىدا چىڭ تۇرۇپ، كۈلپەت ئېڭىنى كۈچەيتەيلى

− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئۆلكە باشلىقى، مىنىستىر دەرىجىلىك ئاساسلىق رەھبىرىي كادىرلارنىڭ مەخسۇس تېمىدىكى تەتقىقات ۋە مۇھاكىمە كۇرسىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا

2019.01.22 15:54         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  نەتىجىگە قانچە بەك ئېرىشىدىغان ۋاقىتتا، شۇنچە ئېھتىياتچان بولۇش، خاتىرجەم شارائىتتىمۇ كۈلپەت ئېڭى بولۇشى كېرەك. بۇ، پارتىيەمىزنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىشتىكى بىر مۇھىم تەجرىبىسىدۇر.

  ئۆلكە- مىنىستىر دەرىجىلىك ئاساسلىق رەھبىرىي كادىرلارنىڭ تۆۋەن چەك تەپەككۇرىدا چىڭ تۇرۇپ، زور خەۋپ-خەتەرنىڭ كۈچەپ ئالدىنى ئېلىش مەخسۇس تېمىلىق مۇھاكىمە كۇرسىنىڭ ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋردىكى پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىيىتى يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، ماركسىزملىق سىياسىيون، نەزەرىيەچىگە خاس چوڭقۇر كۆزىتىش ئىقتىدارى، ئۆتكۈر ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى ۋە ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىسى بىلەن، نۆۋەتتە ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدە ئېلىمىز دۇچ كېلىۋاتقان خەۋپسىزلىك ۋەزىيىتىنى ئىلمىي ئانالىز قىلىپ، زور خەۋپ-خەتەرنىڭ كۈچەپ ئالدىنى ئېلىپ، ئىقتىسادنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىي قىلىشى ۋە ئىجتىمائىي ئومۇمىيلىقنىڭ مۇقىملىقى توغرىسىدا ئېنىق تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، بىزنىڭ زور خەۋپ-خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ھەقىقىي ياخشى ئىشلىشىمىز ئۈچۈن ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى كۆرسىتىپ، مۇھىم قوللانما بىلەن تەمىنلىدى.

  «كۈتۈلمىگەن ئىشلاردىن ئالدىنئالا ساقلىنىش ــــ دۆلەتنى ئىدارە قىلىشتىكى قائىدە». پارتىيەمىز كۈلپەت ئىچىدە بارلىققا كەلگەن، كۈلپەت ئىچىدە ئۆسۈپ يېتىلگەن، كۈلپەت ئىچىدە زورايغان پارتىيەدۇر. 1945-يىلى يولداش ماۋ زېدۇڭ پارتىيە 7-قۇرۇلتىيىدا خۇلاسە دوكلاتى بېرىپ، «زىيان تارتىشقا تەييارلىنىش»نى سۆزلىگەندە، بىراقلا 17 تۈرلۈك قىيىنچىلىقنى تىزىپ چىققان ئىدى. 18- قۇرۇلتاي مابەينىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆپ قېتىم زور يىغىنلاردا كۈلپەت ئېڭىنى كۈچەيتىش، خەۋپ-خەتەر ۋە خىرىستىن ساقلىنىشنى ئاتايىن تەكىتلىدى. پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا، زور خەۋپ-خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش − ئۈچ چوڭ جەڭنى ياخشى قىلىشتىكى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇلدى؛ بۇلتۇر، ئۆلكە- مىنىستىر دەرىجىلىك ئاساسلىق رەھبىرىي كادىرلارنىڭ پارتىيە 19-قۇرۇلتاي روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش مۇھاكىمە كۇرسىنىڭ ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ كۈلپەت ئېڭىنى كۈچەيتىپ، خەۋپ-خەتەر ۋە خىرىسنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا ئىزچىل بولۇش قاتارلىق زور مەسىلىلەرنى چوڭقۇر شەرھلىدى. بۈگۈنكى كۈندە، يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىدەك مۇھىم يىلدا، زور خەۋپ-خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشنىڭ يەنە بۇ قېتىمقى ئۆلكە- مىنىستىر دەرىجىلىك كادىرلارنىڭ مەخسۇس مۇھاكىمە كۇرسىنىڭ باش تېمىسى قىلىنغانلىقى شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىزچىل بولغان كۈلپەت ئېڭىنى، باشتىن ئاخىر تۆۋەن چەك تەپەككۇرىدا چىڭ تۇرۇشتەك پىرىنسىپال ئىدىيەسىنى تولۇق ئەكس ئەتتۈرۈپ بەردى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان مۇرەككەپ، ئۆزگىرىشچان تاشقى مۇھىت ۋە مۈشكۈل، ئېغىر ئىچكى ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ۋەزىپىسى ئالدىدا، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پائال تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئالدىنى ئېلىپ، ئىشنىڭ باشلىنىشىدىنلا ئۇنىڭ ماھىيىتىنى ۋە تەرەققىيات يۈزلىنىشىنى بىلىپ، بىخ ھالىتىدىلا يوقىتىپ، ھەل قىلغۇچ قەدەمنى ياخشى بېسىپ، تەشەببۇسكارلىق جېڭىنى ياخشى قىلىپ، زور خىرىسلارغا، زور خەۋپ-خەتەرلەرگە مۇۋەپپەقىيەتلىك تاقابىل تۇرۇپ، زور توسالغۇلارنى يېڭىپ، زور زىددىيەتلەرنى ھەل قىلىپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، تارىخىي ئۆزگىرىشلەرنى ھاسىل قىلدى. ئەمەلىيەت شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، تۆۋەن چەك تەپەككۇرىدا چىڭ تۇرۇپ، كۈلپەت ئېڭىنى كۈچەيتىش − پارتىيەمىزنىڭ خەۋپ-خەتەر، خىرىسلارنى يېڭىپ، غەلىبىدىن غەلىبىگە ئۈزلۈكسىز مېڭىشىدىكى مۇھىم پىكىر قىلىش ئۇسۇلى، خىزمەت ئۇسۇلى، رەھبەرلىك ئۇسۇلىدۇر.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر