باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

يېڭى سەپەرگە ئاتلىنىپ، يېڭى سەھىپىنى داۋاملىق يازايلى

— كادىرلار ۋە ئامما باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركەز سىياسىي- قانۇن خىزمىتى يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى قىزغىن مۇزاكىرە قىلدى

2019.01.18 18:25         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  «بايرىقى روشەن ھالدا سىياسىيغا ئاڭلىق ئەھمىيەت بېرىشنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇپ، پارتىيە ۋە خەلق ئۈچۈن قاراۋۇللۇقنى ياخشى ساقلاشتەك مۇقەددەس بۇرچنى ھەقىقىي ياخشى ئادا قىلىش لازىم،»

  «باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشنى مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، ئۆگىنىش-ئويلاش، ئۆگىنىش-ئورۇنداش، ئۆگىنىش-ئىشلىتىشنى تىرىشىپ بىرلەشتۈرۈش لازىم.»

  ئاممىنىڭ جانىجان مەنپەئەتىگە چېتىلىدىغان نۇقتىلىق ساھەلەردە قانۇن ئىجرا قىلىش، قانۇن يۈرگۈزۈش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئاسماننىڭ تېخىمۇ كۆك، سۇنىڭ تېخىمۇ سۈزۈك، ھاۋانىڭ تېخىمۇ ساپ، يېمەكلىكنىڭ تېخىمۇ بىخەتەر، قاتناشنىڭ تېخىمۇ راۋان، جەمئىيەتنىڭ تېخىمۇ ئىناق، تەرتىپلىك بولۇشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش كېرەك؛ ئامانلىق قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشتە يېڭىلىق يارىتىپ، سىياسىي-قانۇن سىستېمىسى ۋە ئالاقىدار تارماقلارنىڭ بايلىق ۋە كۈچىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، مەسىلىلەرنى ھەمكارلىشىپ ھەل قىلىدىغان، بىرىكمە-ھەرىكەتچان خىزمەت بېجىرىش، تىنچ-ئامانلىقنى ئورتاق بەرپا قىلىشتەك ياخشى ۋەزىيەتنى يارىتىش كېرەك؛ قانۇن بويىچە ئىش قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، قانۇنغا، ئىنتىزامغا رىئايە قىلغۇچىلارنى خۇش قىلىپ، قانۇنغا خىلاپلىق قىلىدىغان كىشىلەرنى قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈش كېرەك؛ رەزىللىككە چېتىشلىق چوڭ دېلولارنى چىڭ تۇتۇپ، قارا ۋە ۋەھشىي كۈچلەرنىڭ ئىقتىسادىي بازىسى، كەينىدىكى «مۇناسىۋەت تورى»، «مۇھاپىزەت كۈنلۈكى»گە زەربە بېرىپ، زەربە بېرىش، مۇداپىئە كۆرۈشتە ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەشكە ھەقىقىي كۈچ سەرپ قىلىپ، ئىنچىكە ئىشلەپ، ئەمەلىي ئۈنۈم، ئۇزاق ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركەز سىياسىي- قانۇن خىزمىتى يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى كەڭ كادىرلار ۋە ئامما ئارىسىدا قىزغىن مۇنازىرە قوزغىدى. كۆپچىلىك بىردەك مۇنداق دەپ قارىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ ئىدىيەسى چوڭقۇر، مەزمۇنى مول بولۇپ، يېڭى دەۋردىكى سىياسىي-قانۇن خىزمىتىنىڭ تارىخىي ئورنىنى چوڭقۇر تەھلىل قىلىپ، سىياسىي-قانۇن خىزمىتىدىكى بىر قاتار يۆنىلىش خاراكتېرلىك، ئومۇمىيلىق، ئىستراتېگىيەلىك مۇھىم مەسىلىلەرگە ئىلمىي جاۋاب بېرىپ، يېڭى دەۋر سىياسىي-قانۇن ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات ئۇلۇغۋار پىلانىنى لايىھەلەپ، ئاساسىي قوللانما بىلەن تەمىنلىدى، ئۇ، يېڭى دەۋردىكى سىياسىي- قانۇن ئىشلىرىنىڭ يېڭى سەپەرگە ئاتلىنىش، يېڭى سەھىپە پۈتۈشتىكى يول كۆرسەتكۈچى نۇرلۇق چىراغ ۋە ھەرىكەت پىروگراممىسى.

  پارتىيەنىڭ مۇتلەق رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش، خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك

  پارتىيەنىڭ سىياسىي-قانۇن خىزمىتىگە بولغان مۇتلەق رەھبەرلىكىدە، خەلقنى مەركەز قىلىشتىن ئىبارەت تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇش __ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋردىكى سىياسىي -قانۇن خىزمىتىگە قويغان ئېنىق تەلىپى.

  بېيجىڭنىڭ تەپتىش ئورگىنىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشتا مۇھىمى، پايتەختنىڭ سىياسىي خاراكتېرىنى توغرا ئىگىلەپ، پايتەخت ئېڭىنى تۇرغۇزۇپ، مەركىزىي ئۆلچەمدە چىڭ تۇرۇپ، پايتەخت ئالاھىدىلىكىنى نامايەن قىلىش، بايرىقى روشەن ھالدا سىياسىيغا ئاڭلىق ئەھمىيەت بېرىشنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇپ، پارتىيە ۋە خەلق ئۈچۈن ياخشى پوستا تۇرۇش، قاراۋۇللۇقنى ياخشى ساقلاشتەك مۇقەددەس بۇرچنى ھەقىقىي ياخشى ئادا قىلىشتۇر»-،بېيجىڭ شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشى جىڭ دالى يەنە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: سىياسىي-قانۇن خىزمىتىگە ئومۇمىيلىق نەزەرىدە پىكىر يۈرگۈزۈپ ۋە پىلانلاپ، كۈچنى ساقلاپ، كۈرەش قىلىشقا جۈرئەت قىلىپ، «نۇقسانسىز بولۇش، بىر نۇقساندا چوڭ خەۋپ كېلىپ چىقىدۇ» دەيدىغان مەسئۇلىيەت ئېڭى ۋە كىرىزىس ئېڭىنى تۇرغۇزۇپ، دۆلەت بىخەتەرلىكى ۋە جامائەت بىخەتەرلىكى جىنايىتىنى تەپتىش قىلىش خىزمىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پايتەختنىڭ بىخەتەرلىكىنى تىرىشىپ قوغدايمىز.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر