باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

سىياسىي بىخەتەرلىك، جەمئىيەتنىڭ مۇقىملىقى ۋە خەلقنىڭ ئەمىنلىكىنى تېخىمۇ ياخشى قوغداش ھەققىدە

ـــ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركەزنىڭ سىياسىي-قانۇن خىزمىتى يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا

2019.01.17 14:54         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  گېزىتىمىز ئوبزورچىسى

  پەقەت تىنچ بولغان سىياسىي مۇھىت، مۇقىم بولغان ئىجتىمائىي مۇھىت، ھەققانىي بولغان قانۇن ئىدارە قىلىش مۇھىتى ۋە ئەلا سۈپەتلىك مۇلازىمەت مۇھىتى بولغاندىلا، ئاندىن خەلق ئاممىسىنىڭ ئېرىشكەنلىك تۇيغۇسى، بەختلىكلىك تۇيغۇسى ۋە بىخەتەرلىك تۇيغۇسى بارلىققا كېلىدۇ.

  مەركەزنىڭ تېخى ئەمدىلا يېپىلغان سىياسىي-قانۇن خىزمىتى يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىيىتى ۋە ئىستراتېگىيە يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان سىياسىي قانۇن خىزمىتىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن مۇۋەپپەقىيەتلەر ۋە توپلانغان تەجرىبىلەرنى ئومۇميۈزلۈك يەكۈنلەپ، يېڭى دەۋردىكى سىياسىي-قانۇن خىزمىتىنىڭ نۆۋەتتە تۇرىۋاتقان تارىخىي ئورنىنى چوڭقۇر تەھلىل قىلىپ، يۆنىلىشچانلىققا ۋە ئومۇمىيلىققا ئىگە بىر قاتار ئىستراتېگىيەلىك مۇھىم مەسىلىلەرگە ئىلمىي جاۋاب بېرىپ، يېڭى دەۋر سىياسىي-قانۇن خىزمىتىگە مۇھىم ئورۇنلاشتۇرۇشلارنى قىلىپ، يېڭى دەۋر سىياسىي-قانۇن ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ئۇلۇغۋار پىلانلارنى تۈزۈپ چىقىپ، يېڭى دەۋردىكى سىياسىي-قانۇن خىزمىتىنى بۇ ئاساسىي قوللانما بىلەن تەمىنلىدى.

  پارتىيە 18- قۇرۇلتىيى مابەينىدە، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي ـ قانۇن خىزمىتىنى تېخىمۇ مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، بىر قاتار مۇھىم تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، بىر قاتار زور تەدبىرلەرنى يولغا قويۇپ، سىياسىي بىخەتەرلىك، جەمئىيەتنىڭ مۇقىملىقى ۋە خەلقنىڭ ئەمىنلىكىنى تېخىمۇ ياخشى قوغداپ، ئىقتىساد ۋە جەمئىيەتنىڭ سىجىل ۋە ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى. ئەمگەك بىلەن تەربىيەلەش تۈزۈمىنى بىكار قىلىپ، ئىشتات تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى يولغا قويۇپ، دېلو تۇرغۇزۇپ تىزىملاش تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى يولغا قويۇپ، «تۆت لىم، سەككىز تۈۋرۈك» خاراكتېرىگە ئىگە بۇ خىل ئىسلاھاتنىڭ ئاساسىي رامكىسىنى ئاساسىي جەھەتتىن تۇرغۇزدى؛ مۇشتۇمزورلۇقنى تازىلاش ۋە رەزىللىكنى تۈگىتىش مەخسۇس كۈرىشىنى قانات يايدۇرۇپ، ئاممىنىڭ ھاياتى ۋە مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە ئېغىر خەۋپ يەتكۈزۈدىغان جىنايەتلەرگە، يېمەكلىك ۋە دورا بىخەتەرلىكىگە زىيان يەتكۈزىدىغان جىنايەتلەرگە ۋە تېلېگراف تور جىنايىتى قاتارلىقلارغا قاتتىق زەربە بېرىپ، خەلق ئاممىسىغا ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىقنى ھېس قىلدۇرۇشقا تىرىشتى؛ قانۇن بويىچە ئىش بېجىرىش، بىرەر ئىشقا يولۇققاندا قانۇننى ئىزدەش، مەسىلىنى ھەل قىلىشتا قانۇننى تەتبىقلاش، زىددىيەتنى ھەل قىلىشتا قانۇنغا تايىنىشتەك بۇ خىل ياخشى بولغان قانۇن ئىدارە قىلىش مۇھىتىنى شەكىللەندۈردى. بۇنىڭ بىلەن، خەلق ئاممىسىنىڭ جەمئىيەت ئامانلىقىغا بولغان رازىلىق دەرىجىسى ۋە سىياسىي قانۇن قوشۇنىدىن رازى بولۇش دەرىجىسى زور دەرىجىدە ئاشتى. ھازىر خەلقئارا جەمئىيەت ئومۇميۈزلۈك ھالدا، ئىقتىسادنىڭ بۇنداق سىجىل ۋە ساغلام تەرەققىي قىلىشى ھەمدە جەمئىيەتنىڭ داۋاملىق رەۋىشتە بىخەتەر ۋە مۇقىم بولۇشى بولسا، جۇڭگودا يارىتىلغان «ئىككى چوڭ مۆجىزە» ھېسابلىنىدۇ، جۇڭگو دۇنيادىكى ئەڭ بىخەتەر دۆلەتلەرنىڭ بىرى، دەپ قاراشماقتا.

  بۇ نەتىجىلەر ئاسان قولغا كەلمىدى، تەجرىبە ئىنتايىن قىممەتلىك. يېڭى ئەمەلىيەت داۋامىدا، پارتىيەمىز سىياسىي-قانۇن خىزمىتىگە بولغان تونۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، نۇرغۇن مۇھىم تەجرىبىلەرنى توپلىدى. يىغىنچاقلىغاندا، ئاساسلىقى تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت: چوقۇم شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي-قانۇن خىزمىتىگە بولغان مۇتلەق رەھبەرلىكى ۋە خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى، سىياسىي-قانۇن ساھەسىدىكى ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى، سىياسىي-قانۇن قوشۇنىنى ئىنقىلابىيلاشتۇرۇش، نورماللاشتۇرۇش ۋە كەسپىيلەشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى تېز سۈرئەتتە ئىلگىرى سۈرۈش لازىم. ئەگەر سىياسىي-قانۇن ساھەسىدە يېڭى دەۋردىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ئومۇميۈزلۈك ھالدا ياخشى ئىشلىمەكچى بولساق، ئۇنداقتا بۇ مۇھىم تەجرىبىلەردىن چوقۇم ياخشى پايدىلىنىپ، سىياسىي-قانۇن ئىشلىرى تەرەققىياتىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئۈزلۈكسىز ئېچىشىمىز لازىم.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر