باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

ئامما ئەتراپىدىكى «مىكرو چىرىكلىك»كە قارشى تۇرايلى

2019.01.16 16:18         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  2019-يىلى پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى قانداق ئىشلەش كېرەك؟ 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ 3-ئومۇمىي يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئالتە تۈرلۈك ۋەزىپىنى ئوتتۇرىغا قويدى، باش شۇجى ئېنىق قىلىپ، ئاممىنىڭ ئەتراپىدىكى ناتوغرا ئىستىل ۋە چىرىكلىك مەسىلىلىرىگە قارشى تۇرۇپ، ئاممىنىڭ جانىجان مەنپەئەتىنى قوغداش لازىم، دەپ كۆرسەتتى.

  ئامما ئەتراپىدىكى «مىكرو چىرىكلىك»كە قارشى تۇرۇش خەلق ئاممىسىنىڭ ئارزۇسىغا ئۇيغۇن. بىر قىسىم جايلاردا، تامغا باستۇرۇش ئۈچۈن ئىككى قاپ تاماكا قىستۇرۇپ قويۇش، قولدىن ئۆتكەندىن بىر قات قىرىۋېلىش، ياردەم پۇلىنى باشقىلارنىڭ نامىدا ئېلىۋېلىش، ئاستىرتىن بۆلۈشۈۋېلىش، تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتىدە تۇغقانلىرىغا، دوست- بۇرادەرلىرىگە ئېتىبار بېرىش... «مىكرو چىرىكلىك»نىڭ زىيىنىغا سەل قاراشقا بولمايدۇ. خەلق ئاممىسىنىڭ ئەتراپىدىكى بۇ رەزىل قىلمىشلار ئادىللىق، ھەققانىيلىققا زىيان يەتكۈزۈپ، ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسىنى ئازايتىپ، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئوبرازىغا داغ تەككۈزىدۇ. «يولۋاس» كۆتۈرۈلگەن ھامان ئۇرۇش، «چىۋىن» قالايمىقان ئۇچقان ھامان چوقۇم پالاقلاش لازىم، بۇ، كىشىلەر قەلبىنىڭ مايىللىقى، شۇنداقلا پارتىيەنى قاتتىق ئىدارە قىلىشتىكى زۆرۈر مەزمۇندۇر.

  نۇرغۇن دېلو مىساللىرىدىن قارىغاندا، نامراتلارنى يۆلەش، دېھقانلارغا چېتىشلىق ئىشلار، ئىجتىمائىي كاپالەت، مائارىپ-داۋالىنىش، مۇھىت ئاسراش قاتارلىق خەلق تۇرمۇشى ساھەسىدە قانۇنغا خىلاپ، ئىنتىزامغا خىلاپ قىلمىشلار ئاسان، كۆپ يۈز بېرىۋاتىدۇ، ئاممىنىڭ بۇ مەسىلىلەرگە بولغان «غەزىپى» تېخىمۇ كۈچەيمەكتە.

  ئاممىنىڭ ئەتراپىدىكى چىرىكلىك ۋە ئىستىل مەسىلىلىرىنى تۈزەش ھەم ئاممىنىڭ مەنپەئەتىنى قوغدايدىغان ئەلرايى قۇرۇلۇشى، شۇنداقلا پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئاساسىي قاتلامغىچە كېڭەيتىشتىكى كۈچلۈك تۇتقا. بۇ جەھەتتىكى خىزمەت مىقدارى كۆپ، دائىرىسى كەڭ، قاتتىق ئەجىر قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. ھەم كونكرېت ئادەم، كونكرېت ئىشلارنى تۇتۇش، ئىستىلدىكى جاھىل كېسەللىكلەرگە دىققەتنى مەركەزلەشتۈرۈش، «ئۇششاق خىيانەتچىلەر» قاتارلىق مەسىلىلەرنى ئاخىرغىچە چىڭ تۇتۇش، ئاممىغا ھەقىقىي ئۆزگىرىشلەرنى ھېس قىلدۇرۇش لازىم، ھەم كۈندىلىك نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىپ، ھەر قايسى جەھەتتىكى تۈزۈملەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئاساسىي قاتلاملارنىڭ ئىستىلدا دۇرۇس بولۇشى ئۈچۈن پۇختا ئاساس تىكلەش لازىم.

  ئاممىنىڭ ئەتراپىدىكى چىرىكلىشىش ۋە ناتوغرا ئىستىللارنى تۈزەش ئاممىنىڭ كۈچىدىن ئايرىلالمايدۇ. ئاممىنىڭ كۆزى روشەن بولىدۇ، قايسى ئىشتا «ھىيلە- مىكىر» بار، قايسى كىشىلەر پاكىز ئەمەس ئاممىنىڭ قەلبىدە ھېسابى بار. تۈزەشنىڭ نەتىجىلىك بولغان-بولمىغانلىقىغا قارىتا، پىكىر بايان قىلىشقا ئامما ئەڭ ھوقۇقلۇق. ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئىجتىمائىي نازارىتىنى كۈچەيتىپ، «چىۋىن ئۇچقان ھامان ھەممە كىشى پالاقلاش» ۋەزىيىتىنى شەكىللەندۈرگەندە، پارىخورلۇق، چىرىكلىكنى تۈزىيەلمەسلىك، ئىستىلنىڭ توغرا بولماسلىقىدىن ئەنسىرەشنىڭ ھاجىتى قالمايدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر