باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ مۇتلەق غەلىبىسىنى مۇستەھكەملەيلى ۋە تەرەققىي قىلدۇرايلى

— باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ 3- ئومۇمىي يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا (4)

2019.01.16 16:16         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  كېمىنى سۇنىڭ ئېقىشىغا قارشى ھەيدىگەندە، سۈرئەتنى ئاستىلىتىشقا بولمايدۇ؛ سۇ تامچىسى تاشنى تەشمەكچى بولسا، بىر تېمىممۇ توختاپ قېلىشقا بولمايدۇ. پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى ھەم ئىستىھكامغا ھۇجۇم قىلىش ئۇرۇشى، ھەم ئۇزاققا سوزۇلىدىغان ئۇرۇش بولۇپ، ئۇنى بىر مىنۇتمۇ بوشاشتۇرۇپ قويۇشقا بولمايدۇ، بىر مىنۇتمۇ بوشاشتۇرۇپ قويۇلمايدۇ.

  «بىز پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈپ، پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈشىمىز لازىم». 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ 3-ئومۇمىي يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋردىكى پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىيىتى يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، نۆۋەتتىكى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ ئالتە تۈرلۈك ۋەزىپىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى، بۇ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ تېخىمۇ زور ئىستراتېگىيەلىك نەتىجىسىنى قولغا كەلتۈرۈپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ مۇتلەق غەلىبىسىنى مۇستەھكەملەپ ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشتا زور يېتەكچى ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپ، يېڭى دەۋردىكى ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى ۋە مىزان بىلەن تەمىن ئەتتى.

  «قايتىدىن تولۇق قوراللىنىپ سەپەرگە ئاتلىنىپ، مەڭگۈ داۋاملاشتۇرىدىغان جاھىللىق بىلەن پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك». پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق باشقۇرۇشنى باشتىن-ئاخىر ئىزچىل، قەتئىي ئېغىشماي ئىلگىرى سۈردى، پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي ئېكولوگىيەدە يېڭى كەيپىيات نامايان قىلىنىپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدە مۇتلەق غەلىبە قولغا كەلتۈرۈلۈپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا زور نەتىجە قولغا كەلتۈرۈلدى. شۇنىمۇ كۆرۈش كېرەككى، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش ۋەزىيىتى يەنىلا جىددىي ۋە مۇرەككەپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا يەنىلا يۈك ئېغىر، مەنزىل يىراق. پارتىيەمىز ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىك قىلىپ، ئۇزاق مۇددەتلىك ھاكىمىيەت يۈرگۈزىدۇ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ھەر ۋاقىت «قورشاپ ئوۋلىنىش»، چىرىتىش خەۋپ-خەتىرىگە دۇچ كېلىدۇ. رېئاللىق شۇنى قايتا-قايتا كۆرسەتتىكى، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدە كەينىگە يانغىلى بولمايدۇ، يانىدىغان يولمۇ يوق، چوقۇم «قاتتىق» دېگەن سۆزنى ئۇزاققىچە داۋاملاشتۇرۇپ، چىرىكلىشىشكە پېتىنالمايدىغان، چىرىكلىشەلمەيدىغان، چىرىكلىشىشنى ئويلىمايدىغان بولۇشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئىلگىرى سۈرۈش، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ نازارەتچىلىك سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، پارتىيەنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشىنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۆزىنى ئۆزى پاكلاشتۇرۇش، ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئۆز-ئۆزىنى يېڭىلاش، ئۆزىنى يۈكسەلدۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇش لازىم.

  2019-يىلى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش، تۇنجى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ھالقىلىق يىل بولۇپ، ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ مەسئۇلىيىتى ئېغىر. پۈتۈن پارتىيەدىكىلەر باش شۇجى شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان ئالتە تۈرلۈك ۋەزىپىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇشى ئەمەلىيلەشتۈرۈشى لازىم: يەنى، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىدىيەنى قوراللاندۇرۇشنى كۈچەيتىش؛ پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، پۈتۈن پارتىيەنىڭ مەركەزلىك بىرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىپ، بۇيرۇققا قاتتىق ئەمەل قىلىش؛ ئېسىل ئىستىلنى جارى قىلدۇرۇپ، بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ ھاللىق سەۋىيەگە يېتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش؛ چىرىكلەشكەنلەرنى قەتئىي جازالاپ، مۇتلەق غەلىبىنى مۇستەھكەملەش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش؛ سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى كۈچەيتىپ، نازارەتچىلىك سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش؛ ئاممىنىڭ ئەتراپىدىكى ناتوغرا ئىستىل ۋە چىرىكلىك مەسىلىلىرىگە قارشى تۇرۇپ، ئاممىنىڭ جانىجان مەنپەئەتىنى قوغداش لازىم. بۇ ئالتە تۈرلۈك ۋەزىپە ناھايىتى كۈچلۈك سىياسىۋىيلىق، دەۋرىيلىك، قاراتمىلىققا ئىگە بولۇپ، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى تەشەببۇسكارلىق بىلەن دادىل زىممىسىگە ئېلىپ، كۈرەش قىلىشقا جۈرئەت قىلىپ، كۈرەش قىلىشقا ماھىر بولۇپ، بوشاشماي، توختاپ قالماي، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش ئارقىلىق پارتىيەنىڭ ئىتتىپاقلىقى ۋە بىرلىكىنى مۇستەھكەملەپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنى كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلىش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر