باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

مەسىلىگە دادىل يۈزلىنىپ، ئۆزىمىز ئۈستىدە ئۈزلۈكسىز ئىنقىلاب قىلايلى

— باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ 3- ئومۇمىي يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا (2)

2019.01.14 16:28         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئەڭ قالتىس مۇۋەپپەقىيەت — باشقىلاردىن ئۆتۈپ كېتىش ئەمەس، بەلكى ئۆزى ئۈستىدىن غەلىبە قىلىشتۇر؛ ئەڭ قىممەتلىك چىڭ تۇرۇش — نۇرغۇن ئازابلارغا بەرداشلىق بېرىش ئەمەس، بەلكى ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماسلىقتۇر.

  «پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىكىنى چوقۇم قەتئىي قوغداپ، پۈتۈن پارتىيە قەدىمىنىڭ بىردەكلىكىگە، ھەرىكىتىنىڭ بىرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش لازىم؛ دۆلەتنى ئىدارە قىلىشتا ئالدى بىلەن پارتىيەنى ئىدارە قىلىش، پارتىيەنى چوقۇم قاتتىق ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇش، پارتىيەنىڭ جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىدىكى ئاساسىي تايانچقا ئايلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىش لازىم؛ خەلقنى مەركەز قىلىشتا چوقۇم چىڭ تۇرۇش، ئومۇم ئۈچۈن پارتىيە قۇرۇش، خەلق ئۈچۈن ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش لازىم؛ ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش، يېڭىلىق يارىتىش، جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىش ئىستىلىدا چوقۇم چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئىزچىل تۈردە دەۋرنىڭ ئالدىدا مېڭىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش لازىم؛ پاسسىپ چىرىكلىك ھادىسىلىرى بىلەن چوقۇم قەتئىي تۈردە كۈرەش قىلىپ، پارتىيەنىڭ پاك-دىيانەتلىك بولۇشتەك سىياسىي خىسلىتىنى مەڭگۈ ساقلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش لازىم». 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ 3-ئومۇمىي يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ «بەش چوقۇم» ئارقىلىق ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان 40 يىلدىن بۇيانقى پارتىيە رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش، پارتىيەنى قاتتىق باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىشتىكى قىممەتلىك تەجرىبىلەرنى چوڭقۇر يەكۈنلىدى. بۇ ئىلمىي يەكۈنلەر پارتىيەمىزنىڭ پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش قانۇنىيىتىگە بولغان تونۇشىنى يېپيېڭى يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈپ، بىزنىڭ يېڭى دەۋردە پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈپ، پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈشىمىز ئۈچۈن مۇھىم قوللانما بىلەن تەمىنلىدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر