باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

تارىخنى تاللىغىلى بولمايدۇ، ھازىرنى ئىگىلىگىلى بولىدۇ، كەلگۈسىنى ياراتقىلى بولىدۇ

−−− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «تەيۋەنلىك قېرىنداشلارغا خىتاب»نىڭ ئېلان قىلىنغانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا

2019.01.07 16:11         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  گېزىتىمىز ئوبزورچىسى

  جۇڭخۇا مىللەتلىرى تۈنۈگۈن چىشلىرىنى چىشلەپ قەھرىمانلىق بىلەن ئالغا باسقان ئىدى؛ جۇڭخۇا مىللەتلىرى بۈگۈنكى كۈندە تۇرمۇش يوللىرىدا ئاستىن-ئۈستۈن ۋە ئەگرى ـ توقايلىقلارنى بېشىدىن كەچۈرمەكتە؛ جۇڭخۇا مىللەتلىرى ئەتىمۇ يەنە بوران-چاپقۇنلار ئىچىدە غايىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرالايدۇ.

  تارىخنى تاللىۋالغىلى بولمايدۇ، ھازىرنى ئىگىلىگىلى بولىدۇ، كەلگۈسىنى ياراتقىلى بولىدۇ! «تەيۋەنلىك قېرىنداشلارغا خىتاب» ئېلان قىلىنغانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ چوڭقۇر ۋە كەڭ نەزەر بىلەن، مىللەتنىڭ تۈپ مەنپەئىتى، دۆلەتنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتى ۋە خەلقنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىدىن چىقىپ تۇرۇپ، بىزنى بىر ياقىدىن باش چىقىرىپ ۋە ئورتاق كۈرەش قىلىپ، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت گۈزەل كەلگۈسىنى ئورتاق بەرپا قىلىپ، ۋەتەننى بىرلىككە كەلتۈرۈشتىن ئىبارەت ئۇلۇغۋار بۇرچىمىزنى ئادا قىلىشىمىزغا دەۋەت قىلدى. پات ئارىدا يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى كۈتۈۋېلىش ئالدىدا تۇرۇۋاتقان مۇھىم ۋاقىتتا، ھەمدە جۇڭگونىڭ تېخىمۇ قۇدرەت تېپىشقا قاراپ كېتىۋاتقان بۇ يېڭى دەۋردە، ھەم شۇنداقلا دۇنيا ھازىر يۈز يىلدىمۇ كۆرۈلۈپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىشكە دۇچ كېلىۋاتقان بۇنداق بىر ئارقا كۆرۈنۈشتە، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بۇ مۇھىم سۆزلىرى كىشىنى قاتتىق ھاياجانغا ۋە تولۇپ-تاشقان ئىپتىخارلىققا سالدى.

  تەيۋەن مەسىلىسىنىڭ بارلىققا كېلىشى ۋە ئۆزگىرىپ ھازىرقى ھالەتكە كېلىشى، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ يېقىنقى زاماندىن بۇيانقى تەقدىرى بىلەن چەمبەرچاس باغلانغان. ئەپيۇن ئۇرۇشىدىن بۇيان، جۇڭگونىڭ ئەينى چاغدىكى ئىچكى قىسىمدىكى ئەنسىزلىك ۋە سىرتنىڭ تاجاۋۇزچىلىقى، ھەمدە تاغ-دەريالىرىنىڭ پارچىلىنىپ كېتىشىدەك ئېچىنىشلىق ھالەتتە تۇرغان ئاشۇ ۋەزىيەتتە، تەيۋەننىڭ يېرىم ئەسىرگە يېقىن ۋاقىتقىچە ياتلار تەرىپىدىن ئىگىلىۋېلىنىشىدىن تارتىپ، تاكى كېيىنكى ۋاقىتتا جۇڭگودا ئىچكى ئۇرۇشنىڭ داۋاملىشى ۋە تاشقى كۈچلەرنىڭ ئارىلىشىشى سەۋەبىدىن، دېڭىز بوغۇزىنىڭ ئىككى قىرغىقىنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك سىياسىي قارشىلىشىش ھالىتىدە تۇرۇشىدەك ئالاھىدە ھالەتكە چۈشۈپ قالغان ۋاقىتقا قەدەر، گەرچە ئارىلىق يېقىن بولسىمۇ بىر-بىرى بىلەن ئۇچرىشالماي كەلدى. دېمەك، ئىككى قىرغاقتىكىلەر ھازىرغىچە تېخى پۈتۈنلەي بىرلىككە كېلىپ بولالمايۋاتىدۇ. بۇ، تارىخنىڭ جۇڭخۇا مىللەتلىرىگە قالدۇرغان بىر جاراھىتى بولۇپ قالدى. ئەمما، تەيۋەننىڭ يەنىلا جۇڭگونىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكى ۋە ئۇنىڭ پەقەت ئىككى قىرغاقلىق بىر جۇڭگونىڭ تارىخىغا ئائىت بىر مەسىلە ۋە قانۇنىي ھەقىقەت ئىكەنلىك پاكىتىنى ھەرقانداق ئادەم ۋە ھەرقانداق كۈچ ئۆزگەرتەلمەيدۇ؛ ئىككى قىرغاقتىكى قېرىنداشلارنىڭ ھەممىسى جۇڭگولۇقتۇر. قاننىڭ سۇدىن قۇيۇق بولۇشىدەك ھەقىقەتنى، ھەمدە ئۇلاردا ئۆزئارا تەبىئىي ھېسسىياتنىڭ بولىدىغانلىق ۋە مىللەتنىڭ بىر ئىكەنلىك تونۇشىنى، ھەرقانداق ئادەم ۋە ھەرقانداق كۈچ ئۆزگەرتەلمەيدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر