باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

نورمال پاراۋانلىق تەمىناتىغا كاپالەتلىك قىلىشمۇ مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئالغانلىق

2019.01.04 15:01         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېقىندا، ج ك پ مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭى ۋە گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «2019- يىللىق يېڭى يىل ۋە چاغان مەزگىلىدىكى ئالاقىدار خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى تارقىتىپ، مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: نورمال بولغان پارتىيە-ئىتتىپاق ۋە ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ پائالىيەتلىرىنى ياخشى تەشكىللەپ، كادىرلار ۋە ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ بەلگىلىمە بويىچە نورمال پاراۋانلىق تەمىناتىدىن بەھرىمەن بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. يېقىنقى يىللادىن بۇيان، ھەر يىلى يېڭى يىل ۋە چاغاندا، ئىككى ئىشخانا كادىرلار ۋە ئىشچى-خىزمەتچىلارنىڭ بەلگىلىمە بويىچە نورمال پاراۋانلىق تەمىناتىدىن بەھرىمەن بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەكلىكىنى ئېنىق تەلەپ قىلدى.

  قەدىمدىن تارتىپ، چاغان، تاڭزۇڭزا چاغىنى ۋە تاۋۇز چاغىنى قاتارلىق ئەنئەنىۋى بايراملاردا، قوشنىلار ئارا ۋە دوستلار ئاراسوۋغا-سالاملارنى بېرىشىش بولسا، بىر-بىرلىرىگە ھەقىقىي تۈردە بەخت ئۈمىتلىرىنى باغلىغانلىقلىرى ۋە بىر-بىرلىرىگە قويۇق مېھىر-مۇھەببەت يەتكۈزگەنلىكلىرىدىن دېرەك بېرىدۇ. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىلدە، كۈندىلىك تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرى ۋە مەدەنىي كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتى قاتارلىق بايراملىق پاراۋانلىق تەمىناتلىرى كىشىلەرنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋى تۇرمۇش مەنبەلىرىنى تولۇقلىغان ئىدى. ئىسلاھات-ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، كادىرلار ۋە ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ پاراۋانلىق تەمىنات تۈزۈمى ئاشۇ ئىسلاھاتلارنى باشتىن كەچۈرگەندىن كېيىن، كۈچنى مۇجەسسەملەش ۋە ئىتتىپاقلىشىپ ئالغا ئىلگىرىلەشتىكى مۇھىم رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇردى. شۇنداق دەپ ئېيتىشقا بولىدۇكى، نورمال بولغان بايراملىق پاراۋانلىق تەمىناتلىرىنىڭ كىشىلەر قەلبىدە چوڭقۇر ھېسسىيات ئاساسى بار، شۇڭا، ئورگان ۋە كارخانىلارنىڭ ئەنئەنىۋى بايراملاردا نورمال بولغان پاراۋانلىق تەمىناتلىرىنى تارقىتىشى ۋە ئۇنى داۋاملاشتۇرۇشى بولسا، بىر خىل مەدەنىيەت ئەنئەنىسى ھېسابلىنىدۇ؛ ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئۆلۈم-يىتىم ۋە توي-تۆكۈنلەردە بەلگىلىمە بويىچە ئازراق ھال سوراشلىرى بولسا، ئۆزئارا كۆڭۈل بۆلۈشكەنلىك ۋە زىچ ھەمكارلاشقان «ئائىلە مەدەنىيىتى»نى سىغدۇرغانلىق بولۇپ، ئۇ ئەمەلىيەتتە كىشىلەر قەلبىنى مايىل قىلىش مۇراسىم تۇيغۇسىغا ئىگە.

  لېكىن، ئۆتكەنكى بىر مەزگىللەردە، بەزى جايلار ۋە ئورۇنلاردا، ئەسلىدە سوۋغات ئاددىي بولسىمۇ ھۆرمىتى قويۇق بولغان بايراملىق پاراۋانلىق تەمىناتلىرىدا ئاينىپ ئۆزگىرىپ كېتىشتەك ناچار كەيپىياتلار ئوتتۇرىغا چىققان ئىدى، بايراملىق پاراۋانلىق تەمىناتلىرى بەزى ئورۇنلاردا ھەشەمەتچىلىك قىلىشنىڭ، ھەتتا خىيانەت قىلىپ چىرىكلىشىشنىڭ قالقىنى بولۇپ قالغان ئىدى، بۇنىڭغا ئاممىنىڭ پىكىرى كۆپ ئىدى. مەركەزنىڭ تۈرلۈك بەلگىلىمىلەرنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، چىرىكلىككە قاتتىق زەربە بېرىشى ۋە سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمە ئارقىلىق چەكلەپ تۇرۇشى نەتىجىسىدە، ناتوغرا پاراۋانلىق تەمىناتلىرى تەدرىجىي يوقالدى. لېكىن، بەزى ئورۇنلاردا سىياسەتنى خاتا چۈشىنىپ، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ پاراۋانلىق تەمىناتلىرىنى چەكسىز قىسىپ قويۇش خاھىشى كۆرۈلدى، بەزى رەھبىرىي كادىرلار خاتا ھالدا سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىنى ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق مەنپەئىتى بىلەن بىللە قارىمۇقارشى ئورۇنغا قويۇپ، ئۆزلىرىگە ئاۋارىچىلىق تاپماسلىق ئۈچۈن، «ھەممىنى بىر تاياقتا ھەيدەش»تەك خاتا ئۇسۇلدا، نورمال پاراۋانلىق تەمىناتلىرىنىڭ ھەممىسىنى بىردەك توختىتىپ قويدى. ئەمەلىيەتتە ئەگرىنى تۈزەشتىكى بۇنداق ئۇسۇل ھەرگىزمۇ ئىشچى-خىزمەتچىلەرگە كۆڭۈل بۆلۈش، كىشىنى روھلاندۇرۇش ۋە ئىگىلىك تىكلەشنى رىغبەتلەندۈرۈشتىكى پاراۋانلىق تۈزۈم ئورۇنلاشتۇرمىسى بىلەن ماس كەلمەيدۇ.

  مۇشۇ مەنىدىن ئېيتقاندا، ئىككى ئىشخانىنىڭ ئۇدا نەچچە يىل ھۆججەت تارقىتىپ، «كادىرلار ۋە ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ بەلگىلىمە بويىچە نورمال پاراۋانلىق تەمىناتلىرىدىن بەھرىمەن بولۇشىغا كاپالەت قىلىش»نى داۋاملىق ئايدىڭلاشتۇرۇشى بولسا، مەركەز روھىنىڭ ئىزچىللاشتۇرۇلۇشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ، ھەمدە بەلگىلىمىلەرنىڭ خاتا چۈشەندۈرۈلۈشىگە بولغان ئاگاھلاندۇرۇش ھېسابلىنىدۇ. ھازىرقى دەۋر بۇرۇنقىغا ئوخشىمايدۇ، «بايراملاردا ماددىي ئەشيالارنىلا تاما قىلىپ، ئېسىل تاماقلارنى يەۋېلىشنى تەشنالىق بىلەن كۈتۈپ تۇرىدىغان» ئۇنداق دەۋر ئاللىقاچان ئۆتۈپ كەتتى، ھازىر نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ كۆڭۈل بۆلىدىغىنى ئەمەلىيەتتە بايراملىق پاراۋانلىق تەمىناتلىرىلا ئەمەس، بەلكى نورمال بولغان پاراۋانلىق تەمىناتلىرىغا چاپلانغان تەۋەلىك تۇيغۇسىدۇر. نورمال بولغان پاراۋانلىق تەمىناتلىرىنىڭ ئەسلىگە قايتىپ كېلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، «ئىللىق»لىقنى ئوچۇق-ئاشكارا ھالدا ئۆز جايلىرىغا ئېلىپ بېرىش بولسا، دەل مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئالغانلىقنىڭ ئىپادىسىدۇر.

  شۇنى ئايدىڭلاشتۇرۇش كېرەككى، پاراۋانلىق تەمىناتلىرىدىن نورمال بەھرىمەن بولۇشقا كاپالەتلىك قىلىش بولسا، ھەرگىزمۇ ناچار ئىستىللارنى تۈزەشنى «توختىتىپ قويغانلىق» بولۇپ ھېسابلانمايدۇ، بەلكى نورمال بولغان پاراۋانلىق تەمىناتلىرى بىلەن «چىرىپ كەتكەن كۈلرەڭلىك پايدا» ئارىسىدىكى چەك-چېگرانى ئېنىق ئايرىش ھېسابلىنىدۇ. جياڭسۇ ئۆلكىسىدە بايراملىق ھال سوراش بۇيۇملىرىنىڭ 1800 يۈەندىن ئېشىپ كەتمەسلىكى بەلگىلەنگەن، شاڭخەيدە بايراملىق ھال سوراش بۇيۇملىرىنى تارقاتسا، ئۆزى ئىمزا قويۇپ تاپشۇرۇۋېلىش تىزىملىكىنى قوشۇپ قويۇش تەلەپ قىلىنغان، جياڭشىدا نەق پۇل ۋە مال سېتىۋېلىش كارتىسى قاتارلىقلارنى تارقىتىشقا بولمايدىغانلىقى ئېنىق بەلگىلەنگەن ...مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى نورمال بولغان پاراۋانلىق تەمىناتلىرىنىڭ ئۆلچىمىنى ئېنىق بەلگىلىدى، بەلگىلىمە بويىچە تارقىتىش قىزىل سىزىقىنى ئايرىپ، پاراۋانلىق تەمىناتىنى قېلىپلاشتۇردى ۋە سۈزۈكلەشتۈردى. ئىجتىمائىي ئادىللىق نۇقتىسىدىن قارىغاندا، پاراۋانلىق تەمىناتلىرىنى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن تارقىتىشتىن تاكى پاراۋانلىق تەمىناتىنى قېلىپلاشتۇرۇشقىچە ۋە يوشۇرۇن پاراۋانلىق تەمىناتىدىن تاكى ئاشكارا پاراۋانلىق تەمىناتىغىچە بولغان ئۆزگىرىشلەر بولسا، پاراۋانلىق تەمىناتىنىڭ قېلىپلاشتۇرۇلۇش ۋە سۈزۈكلەشتۈرۈلۈشىنىڭ ئومۇمىي ۋەزىيەتتىكى يۈزلىنىشىدۇر. ئۆلچەمنى قاتتىق ئىجرا قىلغاندىلا، ئاندىن تارقىتىشقا تېگىشلىك نورمال پاراۋانلىق تەمىناتلىرىنىڭ بىرسىنىڭمۇ قېلىپ قالماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ؛ تارقىتىشقا بولمايدىغان «چىرىپ كەتكەن كۈلرەڭلىك پايدا»نىڭ بىرسىنىمۇ تارقاتماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ.

  مۇۋاپىق بولغان پاراۋانلىق تەمىناتى كۆزلىمىسىنى يېتەكلەش ۋە پاراۋانلىق تەمىناتىنىڭ مورمال تارقىتىلىشىنى قېلىپلاشتۇرۇش بولسا، ساغلام سىياسىي ئېكولوگىيە بەرپا قىلىشنىڭ ئېھتىياجىدۇر، شۇنداقلا پىشىپ يېتىلگەن ئىجتىمائىي پىسخكىلىق ھالەتنىڭ يېتىلدۈرۈلۈشىنىڭ ئېھتىياجىدۇر. نورمال بولغان پاراۋانلىق تەمىناتلىرىنى جايىدا ۋە ئوچۇق-ئاشكارا تارقىتىشتەك كونكرېت ئىشلارنى قىلىشتىن باشلاپ، قائىدىنى ئىنىق قىلىپ ۋە ئۇنى كىشىلەر قەلبىگە چوڭقۇر سىڭدۈرۈپ، ئىستىلنى دۇرۇس قىلغاندىلا، ئۇلار ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملىنىدۇ ۋە چوڭقۇرلىشىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر