باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

ۋەتەننى تىنچ بىرلىككە كەلتۈرۈش مۇساپىسىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى چوڭ جاكارنامە

2019.01.03 15:27         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېڭى يىل كىرىشى بىلەنلا، مەركەز «تەيۋەنلىك قېرىنداشلارغا خىتاب» ئېلان قىلىنغانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى داغدۇغىلىق تەبرىكلىدى، باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلدى. بۇ، يېڭى دەۋردە تەيۋەنگە قارىتىلغان خىزمەتلەرگە يېتەكچىلىك قىلىدىغان پىروگرامما خاراكتېرلىك سۆز، يېڭى دەۋردىكى تەيۋەنگە قارىتىلغان خىزمەتلەرنىڭ ئاساسىي قوللانمىسى ۋە ھەرىكەت قىبلىنامىسى بولۇپ، ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنىڭ تىنچ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ۋەتەننى تىنچ بىرلىككە كەلتۈرۈش مۇساپىسىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم يېتەكچى ئەھمىيەتكە ئىگە، چوقۇم چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىدۇ.

  1979-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى «تەيۋەنلىك قېرىنداشلارغا خىتاب»نى ئېلان قىلىپ، ۋەتەننىڭ تىنچ يول بىلەن بىرلىككە كېلىشىنى قولغا كەلتۈرۈشتىكى زور سىياسەت-فاڭجېنىنى تەنتەنىلىك جاكارلىدى. بۇ، تەيۋەنگە قارىتىلغان خىزمەتلەر ۋە ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتى مۇساپىسىدىكى ئابىدىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە چوڭ ئىش بولۇپ، ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىدا يېڭى تارىخىي سەھىپە ئېچىپ بەردى.

  تارىخنى ئەسلەش بۈگۈنگە ئىلھام، ئەتىدىن بېشارەت بېرىدۇ. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىدە يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان 70 يىلدىن بۇيان، بولۇپمۇ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى «تەيۋەنلىك قېرىنداشلارغا خىتاب»نى ئېلان قىلغان 40 يىلدىن بۇيان، ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسى ئومۇميۈزلۈك ئەسلەپ ئۆتۈلۈپ، بىزنىڭ يېڭى دەۋرنى مەۋقە قىلىپ، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ مۇساپىسىدە ۋەتەننىڭ تىنچ بىرلىككە كېلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم سىياسەت- تەشەببۇسلىرىمىز ئومۇميۈزلۈك شەرھلىنىپ، ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتى تەرەققىياتىنىڭ تارىخىي يۈزلىنىشى چوڭقۇر كۆرسىتىلدى. باش شۇجى مۇنداق كۆرسەتتى: تەيۋەن جۇڭگونىڭ بىر قىسمى، ئىككى قىرغاق بىر جۇڭگودىن ئىبارەت تارىخ ۋە قانۇنىي پاكىتنى ھەرقانداق ئادەم ۋە ھەرقانداق كۈچ ئۆزگەرتەلمەيدۇ. ئىككى قىرغاقتىكى قېرىنداشلارنىڭ ھەممىسى جۇڭگولۇق، قان سۇدىن قۇيۇق، ئۆزئارا ھەمدەم بولۇشتەك تەبىئىي ھېسسىيات ۋە مىللەت تونۇشىنى ھەرقانداق ئادەم ۋە ھەرقانداق كۈچ ئۆزگەرتەلمەيدۇ. تەيۋەن بوغۇزى ۋەزىيىتىنىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى، ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىيات دەۋر ئېقىمىنى ھەرقانداق ئادەم، ھەرقانداق كۈچ توسۇۋالالمايدۇ! دۆلەت كۈچلىنىش، مىللەت گۈللىنىش، ئىككى قىرغاق بىرلىككە كېلىشتەك تارىخىي يۈزلىنىشنى ھەرقانداق ئادەم، ھەرقانداق كۈچ توسۇۋالالمايدۇ! ۋەتەننى بىرلىككە كەلتۈرۈش لازىم ھەم مۇقەررەر ھالدا بىرلىككە كېلىدۇ. بۇ، ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدىكى تارىخىي يەكۈن، شۇنداقلا يېڭى دەۋردىكى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنىڭ مۇقەررەر تەلىپى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر