باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

يېڭى دەۋر گۈزەل يېزا- كەنتلىرىنى قۇرايلى

2018.12.29 15:37         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېزا-كەنتلەرنى ئېكولوگىيەسى ئولتۇراقلىشىشقا باب كېلىدىغان گۈزەل يۇرت قىلىپ، ئاھالىلەرنى تاغلارنى كۆرۈپ، سۇلاردىن ھۇزۇرلىنىدىغان، يۇرتىنى ئېسىدە تۇتىدىغان قىلىش بولسا يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتىكى تېمىلارنىڭ بىرى.

  ئىلگىرىكى «ئەخلەتلەر شامالدا ئۇچۇپ يۈرۈيدىغان، پاسكىنا سۇلار پارلىنىپ تۈگەيدىغان، ئۆي ئىچى زامانىۋى بولغان بىلەن، ئۆينىڭ سىرتى مەينەت، قالايمىقان» ھالەتلەر ئۆزگىرىپ، بۈگۈنكى كۈندە «پاسكىنا سۇلارنىڭ بارار جايى بار، ئەخلەتلەرنى ئېلىپ كېتىدىغانلار بار، ئولتۇراق مۇھىت ياخشىلىنىپ، ھەممە يەر ياپيېشىل» بولدى، جېجياڭ ئۆلكىسى شۇ چاغدىكى ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى يولداش شى جىنپىڭنىڭ تەشەببۇسى ۋە رىياسەتچىلىكىدە، 2003-يىلىدىن باشلاپ 15 يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ، «مىڭ كەنت ئۈلگە كۆرسىتىش، تۈمەن كەنت تۈزەش» قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، 1000 ئۈلگە كۆرسىتىش كەنتى قۇرۇشنى ئاساس قىلىپ، ئۆلكە بويىچە 27 مىڭ كەنتكە كېڭەيتىپ، يېزىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۇرمۇش شارائىتى، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتى، جامائەت مۇلازىمىتىنىڭ زور دەرىجىدە ياخشىلىنىشىنى ئىشقا ئاشۇردى، يېزىلارنىڭ ئومۇمىي قىياپىتىدە چوڭقۇر ئۆزگىرىش بولدى. يېقىندا ب د ت مۇھىت پىلانلاش مەھكىمىسىنىڭ «يەرشارىنى قوغدىغۇچىلار مۇكاپاتى»غا ئېرىشكەن بۇ قۇرۇلۇش بولسا شى جىنپىڭنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنىڭ جانلىق ئەمەلىيىتى بولۇپ، يېڭى دەۋردە ئېلىمىزنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنىڭ نەتىجىلىرىنى نامايان قىلىپ، گۈزەل جۇڭگو قۇرۇش، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشنى ئەمەلىي تەجرىبە بىلەن تەمىنلەپ، يەر شارى مۇھىتىنى تۈزەشنى جۇڭگو لايىھەسى بىلەن تەمىنلىدى.

  يېزىلارنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى ياخشىلاپ، ياشاشقا باپ كېلىدىغان گۈزەل يېزا قۇرۇش بولسا يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشتىكى بىر تۈرلۈك مۇھىم ۋەزىپە. ھازىر مەملىكەت بويىچە يەنە تۆتتىن بىرگە يېقىن بولغان يېزا تۇرمۇش ئەخلەتلىرىنى يىغىۋېلىش ۋە بىر تەرەپ قىلىش ئىشقا ئاشۇرۇلمىدى، %80 يېزىلاردىكى تۇرمۇش پاسكىنا سۇلىرى بىر تەرەپ قىلىنمايۋاتىدۇ، تەخمىنەن ئۈچتىن بىر قىسىم مەمۇرىي كەنتلەر ئىچىدىكى يوللار قاتۇرۇلمىدى، يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ياشاش مۇھىتىنى تۈزەش بولسا يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى بىرىنچى مەيدان قاتتىق جەڭدۇر. بۇ يىل 4-ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇھىم يوليورۇق بېرىپ: «يېزىلارنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى تۈزەش ئۈچ يىللىق ھەرىكەت پىلانى بىلەن يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى بىرلەشتۈرۈپ يولغا قويۇپ، جېجياڭنىڭ ياخشى تەجرىبە، ئۇسۇللىرىنى يەنىمۇ كېڭەيتىپ، ئېكولوگىيەسى ئولتۇراقلىشىشقا باب كېلىدىغان گۈزەل يېزا قۇرۇش لازىم»، دەپ تەكىتلىدى. جېجياڭنىڭ «مىڭ كەنت ئۈلگە كۆرسىتىش، تۈمەن كەنت تۈزەش» قۇرۇلۇشىنى ئۈلگە قىلىپ، يېزىلارنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى تۈزەشنى تېز ئىلگىرى سۈرگەندە، يېڭى دەۋردىكى گۈزەل يېزا-كەنتلەرنى ئېكولوگىيەسى ئولتۇراقلىشىشقا تېخىمۇ ماس كېلىدىغان قىلالايمىز.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر