باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

پارتىيەنىڭ ئىقتىساد خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك

--مەركەزنىڭ ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش توغرىسىدا

2018.12.28 15:27         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  گېزىتىمىز ئوبزورچىسى

  پارتىيەنىڭ ئىقتىساد خىزمىتىگە بولغان مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىشتە چىڭ تۇرۇش بولسا، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ بىر زور ئەۋزەللىكى ۋە ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ تۈپ كاپالىتى ھېسابلىنىدۇ.

  مەركەزنىڭ ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىدا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە، چوقۇم پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، پارتىيەنىڭ ئىقتىساد خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش لازىم. بۇ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىيلىقىنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ ۋە ئېلىمىزنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئەمەلىيىتى مەۋقەسىدە تۇرۇپ ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئېنىق تەلەپلەر ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا، ھەر قايسى جايلار ۋە تارماقلار چوقۇم مەركەزنىڭ ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆزلەشتۈرۈپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ ئاساسىي نەزەرىيىسى، ئاساسىي لۇشيەنى ۋە ئاساسىي ئىستراتېگىيەسىدە قەتئىي تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، تەرەققىياتنى پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈپ دۆلەتنى گۈللەندۈرۈشنىڭ بىرىنچى مۇھىم ۋەزىپىسى قىلىشلىرى، ھەمدە ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، بىر نىيەتتە بولۇپ، تەكشى قەدەم تاشلاپ، خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەشلىرى كېرەك.

  كېلەر يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە، چوقۇم پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىش كېرەك. پارتىيە تەشكىلاتلىرى، ھۆكۈمەت تارماقلىرى، ئارمىيە، خەلق ۋە مائارىپ، مەيلى قايسى ساھەدە بولسۇن، ھەمدە پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەر قانداق جايلىرىدا پارتىيە ھەممىگە رەھبەرلىك قىلىدۇ. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزىنى ۋە مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىكىنى قوغداش بولسا، دۆلىتىمىزنىڭ تۈزۈم ئەۋزەللىكىنىڭ ئاساسىدۇر. جۇڭگونىڭ ئىقتىسادى بىر چوڭ پاراخوت بولۇپ، ئۇ پاراخوتنىڭ ھەجىمى قانچە چوڭ بولغانسېرى ۋە دولقۇنلار قانچە چوڭ بولغانسېرى، رول تۇتقۇچىنىڭ رولى شۇنچە مۇھىم بولىدۇ. ۋەزىيەت قانچە مۇرەككەپ بولغانسېرى ۋە خىرىس قانچە كەسكىنلەشكەنسېرى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك ھالدا بىر تۇتاش رەھبەرلىك قىلىشىدىكى كومپاسلىق رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ.

  18- قۇرۇلتايدىن بۇيان، بىز گەرچە مۇرەككەپ بولغان تۈرلۈك تاشقى مۇھىتلارغا دۇچ كەلگەن بولساقمۇ، گەرچە دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ يېڭىچە بىر نورماللىققا قەدەم قويۇشىدەك بىر قاتار چوڭقۇر ئۆزگىرىشلەرنىڭ يۈز بېرىش ۋەزىيىتىگە دۇچ كەلگەن بولساقمۇ، بىز يەنىلا پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا تارىخىي نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردۇق، بىزنىڭ تارىخىي خاراكتېرلىك ئىسلاھاتلارنى ئېلىپ بېرىشىمىز ۋە ئۇنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرىشىمىز يەنىلا مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى. بۇلاردىكى تۈپكى ئامىل دەل "يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكى"دۇر.

  بۇ يىلمۇ يەنە گەرچە ئىككىخىل تاللاش ياكى كۆپ خىل تاللاشتەك نۇرغۇن قىيىن ۋەتەس بولغان ئەھۋاللارغا دۇچ كەلگەن بولسىمۇ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى يەنىلا ئىچكى ۋە تاشقى جەھەتتىكى ئىككى چوڭ ۋەزىيەتنى توغرا ئىگىلەپ، ئىستراتېگىيەلىك كۈچنى ساقلاپ قېلىپ، توغرا تاكتىكىنى قوللىنىپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ جەزمەن توغرا يۆنىلىشنى بويلاپ ئالغان بىسىشىنى قەتئىي ئىلگىرى سۈردى. ئەمەلىيەت شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىقتىساد خىزمىتى توغرىسىدىكى تەدبىر ۋە ئورۇنلاشتۇرمىلىرى تامامەن توغرا. دېمەك، پارتىيەمىز مۇرەككەپ ۋە ئۆزگىرىشچان ۋەزىيەتتە، سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكىنى كونترول قىلىش ئىقتىدارى ۋە ئەقىل-پاراسىتىگە ئىگە. بىر يىلدىن بۇيان، بىز ئەمەلىيەت داۋامىدا، يېڭى ۋەزىيەتتىكى ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە بولغان قانۇنىيەتلىك تونۇشىمىزنى چوڭقۇرلاشتۇردۇق، ئۇ بولسىمۇ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك ھالدا بىر تۇتاش رەھبەرلىك قىلىشىنىڭ ئەڭ ئۇھىم ئىكەنلىك تونۇشىمىزدا چوقۇم چىڭ تۇرۇشتىن ئىبارەتتۇر.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر