باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

90 مىڭ گەز كۆكتە ئەنقا پەرۋاز قىلماقتا

__ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ 40 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى توغرىسىدا

2018.12.26 16:25         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  تارىخ ھامان ئالغا باسىدۇ، تارىخ ئەزەلدىن ئىككىلەنگۈچىلەر، قاراپ تۇرغۇچىلار، بوشاڭلار، ئاجىزلارنى ساقلاپ تۇرمايدۇ. تارىخ بىلەن تەڭ قەدەمدە مېڭىپ، دەۋر بىلەن تەقدىرداش بولغانلارلا پارلاق كەلگۈسىگە ئىگە بولالايدۇ.

  «40 يىللىق ھەيۋەتلىك دولقۇن قىرغاققا ئۇرۇلماقتا، 90 مىڭ گەز كۆكتە ئەنقا پەرۋاز قىلماقتا.» ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ 40 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ تولۇپ تاشقان ھاياجانلىق ئىلىكىدە 40 يىللىق ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ ئۇلۇغ مۇساپىسىنى ئەسلەپ ئۆتتى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت تارىخىي نەزەردە ئىسلاھات ئېچىۋېتىشنىڭ مۇھىم ئەڭگۈشتەر، مۇقەررەر يول، ئاچقۇچلۇق تەدبىر بولۇش سۈپىتى بىلەن چوڭقۇر، ئۇزاق ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ، «ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئاداققىچە داۋاملاشتۇرۇش»قا چاقىرىق قىلدى. بۇ تارىخ چوڭ يۈزلىنىشىنى ئىگىلەشتىكى چوڭقۇر كۆزىتىش، شۇنداقلا دەۋرنىڭ تەرەققىياتىغا يېتەكچىلىك قىلىشتىكى مەردانە خىتابنامە.

  تارىخ چوڭ يۈزلىنىشىدىن قارىغاندا، يېقىنقى زاماندىن بۇيانقى ئۇزاق تارىخىي مۇساپىدە، جۇڭگو خەلقى ناھايىتى نۇرغۇن ئازاب-ئوقۇبەتلەرنى باشتىن كەچۈردى، ناھايىتى نۇرغۇن قۇربانلارنى بەردى، ناھايىتى نۇرغۇن كۈرەشلەرنى قىلدى. «دەريالارنىڭ تىك قىيا، تار ھەم خەتەرلىك جىلغىلاردىن بۆسۈپ ئۆتەلىشى ئۇنىڭ مىڭ چاقىرىملىق مۇساپىدە ئۆركەشلەپ ئېقىپ، سان-ساناقسىز قايتما ئېقىن، تاشقىننىڭ زور كۈچىنى توپلىغانلىقىدىندۇر.» دەل مۇشۇ 40 يىللىق ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئارقىلىق جۇڭگو خەلقى بېيىش، قۇدرەت تېپىش مۇساپىسىدە ھەل قىلغۇچ قەدەم تاشلاپ، جۇڭخۇا مىللىتى «دەۋرگە يېتىشىش»تىن «دەۋرگە يېتەكچىلىك قىلىش»تەك ئۇلۇغ ھالقىشنى ئىشقا ئاشۇردى. ھازىر جۇڭگو خەلقى ۋە جۇڭخۇا مىللىتى تارىخ مۇساپىسىدە توپلىغان قۇدرەتلىك ئېنېرگىيە تولۇق پارتلاپ چىقماقتا، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى توسۇۋالغىلى بولمايدىغان قۇدرەتلىك كۈچ بىلەن تەمىنلىمەكتە. مۇشۇنداق بولغاچقا، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنى قۇرۇش، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنى قۇرۇش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، «4-ماي» ھەرىكىتىدىن بۇيان دۆلىتىمىزدە يۈز بەرگەن ئۈچ ئۇلۇغ تارىخىي ۋەقە، يېقىنقى زاماندىن بۇيانقى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ئۈچ ئۇلۇغ ئابىدە دەپ ئاتىدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر