باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە بولغان قانۇنىيەتلىك تونۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك

--مەركەزنىڭ ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا (2)

2018.12.24 15:38         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  تەجرىبىلەرنى يەكۈنلەش داۋامىدا ئىدىيەۋى تونۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا ماھىر بولۇش ۋە قانۇنىيەت ئۈستىدە ئىزدىنىش داۋامىدا خىزمەت ۋەزىيىتىنى شەكىللەندۈرۈشكە ماھىر بولۇش، مانا بۇ، پارتىيەمىزنىڭ ئېسىل ئەنئەنىسى ۋە ئىدارە قىلىشتىكى ئاقىلانىلىكىدۇر.

  مەركەزنىڭ ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنى ئېلىمىزنىڭ بىر يىلدىن بۇيانقى ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن يېڭى نەتىجىلىرى ۋە پارتىيەمىزنىڭ ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتىكى مۇھىم تەجرىبىلىرىنى خۇلاسىلەپ، پارتىيەمىزنىڭ يېڭى ۋەزىيەتتىكى ئىقتىساد خىزمىتىگە بولغان قانۇنىيەتلىك تونۇشىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، نۆۋەتتىكى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىللىك ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىمىز ئۈچۈن، بىزنى مۇھىم قوللانما بىلەن تەمىنلىدى.

  بۇ يىل بولسا، پارتىيە 19ـ قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇشنىڭ باشلىنىش يىلى، شۇنداقلا ئېلىمىزنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدىكى ئالاھىدە بىر يىل ھېسابلىنىدۇ. ئېلىمىز تەرەققىياتىنىڭ تاشقى مۇھىتىدا روشەن ئۆزگىرىشلەر بارلىققا كەلدى، ئىقتىساد جەھەتتە، ئىلگىرىكىدەك يۇقىرى سۈرئەتتە ئېشىش باسقۇچىدىن تەرەققىي قىلىپ، ھازىرقىدەك يۇقىرى سۈپەتتە راۋاجلىنىش باسقۇچىغا ئۆتتى. ھازىرقى ۋەزىيەت بولسا، تەرەققىيات تەڭپۇڭ بولماسلىق ۋە يېتەرلىك بولماسلىق مەسىلىسى يەنىلا مەۋجۇت بولىۋاتقان، ھەمدە ھەر خىل دەۋرىيلىك، قۇرۇلمىلىق ۋە تۈزۈلمىلىك ئامىللار ئۆزئارا گىرەلىشىپ كەتكەن ھالدا تۇرماقتا. مۇرەككەپ بولغان خەلقئارا مۇھىتتا، ھەمدە دۆلەت ئىچىدىكى ئىسلاھات، تەرەققىيات ۋە مۇقىملىقتىن ئىبارەت ۋەزىپىلەر مۈشكۈل ۋە ئېغىر بولىۋاتقان ئەھۋال ئاستىدا، ئېلىمىز ئىقتىسادىنىڭ سىجىل ۋە ساغلام تەرەققىي قىلالىشى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقنىڭ ساقلاپ قېلىنىشى، ھەمدە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتىكى يېڭى قەدەملەرنىڭ بېسىلىشىغا ئىكانىيەتلەرنىڭ يارىتىلىشى قاتارلىقلاردا ھالقىلىق سەۋەبلەر شۇلاردىكى، ئۇ بولسىمۇ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇشتا ۋە بىزنىڭ ئەمەلىيەت داۋامىدا، يېڭى ۋەزىيەتتىكى ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە بولغان قانۇنىيەتلىك تونۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرغانلىقىمىزدا.

  ئۇتۇقلار ئاسان قولغا كەلمەيدىكەن، تەجرىبىلەرمۇ ئىنتايىن قىممەتلىك ئىكەن. بۇ قانۇنىيەتلىك تونۇشلارنى يىغىنچاقلىساق، ئۇلارنى تۆۋەندىكىدەك «بەش جەزمەن»گە يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ: يەنى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىكىدە جەزمەن چىڭ تۇرۇش كېرەك؛ ئۇزاق مەزگىللىك ۋەزىيەتتىن نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتنى جەزمەن تونۇش كېرەك؛ ماكرولۇق تەڭشەش-تىزگىنلەش دەرىجىسىنى جەزمەن توغرا ئىگىلەش كېرەك؛ جەمئىيەت كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەسىلىلەرگە جەزمەن ۋاقتىدا ئىنكاس قايتۇرۇش كېرەك؛ ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئاكتىپلىقىنى جەزمەن تولۇق قوزغاش كېرەك. بۇ «بەش جەزمەن»دە، شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي ئىشلىرىنى يېتەكلەپ، ئۇنى مۇقىم ۋە ئۇزاققىچە داۋاملىشىدىغان قىلىشتىكى يۈكسەك ئەقىل-پاراسىتى تولۇق ئەكس ئەتتۈرۈلگەن، ھەمدە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇرەككەپ ۋەزىيەتنى كونترول قىلىش ئىقتىدارى تولۇق نامايان قىلىنغان. مەركەزنىڭ ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە، بۇ «بەش جەزمەن»نى ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەردە، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولىدىغان تۈرلۈك ۋەزىپىلەردە گەۋدىلەندۈرۈشىمىز كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر