باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

يېڭى دەۋردە يېڭى ۋە تېخىمۇ زور مۆجىزىلەرنى يارىتايلى

ئىسلاھات ۋە ئېچىۋېتىش يولغان قويۇلغانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى تەبرىكلەش

2018.12.18 15:16         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  تارىخنىڭ مۇساپىسى قاينام-تاشقىنلىققا تولغان ھالدا ھەيۋەتلىك بولىدۇ، دەۋرنىڭ چوڭ ئېقىمى توختىماي ئالغا ئىلگىرىلەيدۇ.

  1978- يىلى، پارتىيەمىز 11- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ 3- ئومۇمىي يىغىنىنى بەلگە قىلىپ، جۇڭگودا ئىسلاھات ۋە ئېچىۋېتىشتەك ئۇلۇغ مۇساپىنى باشلىدى. خۇددى باھار گۈلدۈرمامىسى بىلەن زېمىن ئويغانغاندەك، پارتىيەمىز خەلقنى يېتەكلەپ ئېلىپ بارغان بۇ «يېڭى ئۇلۇغ ئىنقىلاب» بىر دۆلەتنىڭ گۈللىنىش تەرەققىياتىنىڭ سەلتەنەتلىك داستانىنى يېزىپ چىقتى، بىر مىللەتنىڭ جۇشقۇن روھتىكى گۈللىنىش كەيپىياتىنى ئۇرغۇتتى. بۇ، جۇڭگونى چوڭقۇر دەرىجىدە ئۆزگەرتىپلا قالماستىن، يەنە دۇنياغىمۇ چوڭقۇر دەرىجىدە تەسىر كۆرسەتتى.

  40 يىلدىن بۇيان، «ھەقىقەتنىڭ ئۆلچىمى توغرىسىدىكى چوڭ مۇھاكىمە»دىن باشلاپ چىقىلغان بۇ يولدا، ئىسلاھات ۋە ئېچىۋېتىش باشتىن-ئاخىر جۇڭگو زېمىنىدا ياڭرىغان دەۋر ساداسى بولۇپ كەلدى. يېزىلاردىن باشلاپ تاكى شەھەرلەرگىچە، نۇقتىدا سىناق قىلىشتىن باشلاپ تاكى دائىرىنى كېڭەيتىشكىچە، ئىقتىسادىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىدىن باشلاپ تاكى ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقىچە، تۈرلۈك ئىسلاھاتلارنىڭ روھى ئۇدا تومۇرداش بولۇپ كەلمەكتە؛ دېڭىز بويلىرىدىكى رايونلىرىدىن باشلاپ تاكى ئىچكى قۇرۇقلۇققىچە، «دۆلەت دەرۋازىسىنى ئېچىۋېتىش»تىن باشلاپ تاكى «ھەر تەرەپلىك ئېچىۋېتىش»قىچە، دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا كىرىشتىن باشلاپ تاكى «بىر بەلباغ، بىر يول»نى بىرلىكتە قۇرۇشقىچە، ئېچىۋېتىشنىڭ بارلىق قەدەملىرى ئۈزلۈكسىز ھالدا ئالغا ئىلگىرلىمەكتە. بۈگۈن، «سوتسىيالىستىك جۇڭگو زادى نەگە بارىدۇ؟» دېگەنگە جاۋاب تېپىشنى ئۈمىد قىلىدىغان بۇ سىياسىي پارتىيە ئاخىر زامانىۋىلىشىشقا ئېلىپ بارىدىغان بىر جۇڭگو يولىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاچتى؛ ئىلگىرى «يەر شارىدىن قوغلىنىش خەۋپى»گە دۇچ كەلگەن بۇ دۆلەت، مانا ئەمدى دۇنيادىكى ئىككىنچى چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدىگە ئايلاندى؛ يېقىنقى دەۋرلەردىن بېرى، ئۇلۇغ گۈللىنىشتىن ئىبارەت قەتئىي ئىرادىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرالماي كەلگەن بۇ مىللەت «دەۋرگە ئەگىشىپ ئۇنىڭغا يېتىشىۋېلىش» ئارزۇسىدىن تەرەققى قىلىپ، مانا ئەمدى ئاخىرى «دەۋرنى يېتەكلەپ ئۇنىڭغا باشلامچى بولۇپ مېڭىش»تەك ئۇلۇغ ھالقىشنى ئىشقا ئاشۇردى.

  دەل مۇشۇنداق بولغاچقا، باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى چۇڭقۇر مەنىلىك قىلىپ كۆرسەتتى: ئىسلاھات ۋە ئېچىۋېتىش بولسا، «ھالقىلىق تاللاش»، «ھاياتلىق مەنبەسى» ۋە «مۇھىم ئەڭگۈشتەر» ھېسابلىنىدۇ، ئۇ ھەم «توغرا يول»، «دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش يولى» ۋە «خەلقنى بېيىتىش يولى» ھېسابلىنىدۇ. دەل مۇشۇنداق بولغاچقا، 18- قۇرۇلتايدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى مىسلىسىز بىر كۈچ سالمىقى بىلەن ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، 1600دىن ئارتۇق ئىسلاھات لايىھەسىنى يولغا قويۇپ، تارىخىي خاراكتېرلىك ئۆزگىرىشلەر ۋە نەتىجىلەرنى بۇ بىپايان زېمىن يۈزىگە يېزىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ يېڭى بىر دەۋرگە كىرىشىنى ئىلگىرى سۈردى. «ئىسلاھات ۋە ئېچىۋېتىش بولمىغان بولسا، جۇڭگونىڭ بۈگۈنى بولمايتتى، ئۇ بولمىسا، جۇڭگونىڭ كەلگۈسىمۇ ھەم بولمايدۇ». بۈگۈن، ئىسلاھات ۋە ئېچىۋېتىش يەنىلا زامانىمىزدىكى جۇڭگونىڭ ئەڭ روشەن ئالاھىدىلىكى، ھەم شۇنداقلا پارتىيەمىزنىڭ يېڭى تارىخىي مەزگىلىدىكى روشەن بايرىقىدۇر؛ «ئىسلاھات ۋە ئېچىۋېتىشنى ئاخىرغىچە ئېلىپ بارايلى!» دېگەن بۇ چاقىرىق يەنىلا مىليونلىغان جۇڭگو خەلقىنىڭ ئورتاق يۈرەك ساداسى، ھەم شۇنداقلا جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ھالقىلىق تەدبىر ھېسابلىنىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر