باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

يېڭى دەۋر ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرەيلى

— يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى يېتەكلەش خاتىرىسى

2018.12.17 14:56         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  تارىخقا بولغان ئەڭ تەنتەنىلىك خاتىرىلەش دەل شانلىق نەتىجىلەرنى قايتا يارىتىشتۇر.

  خەلققە بېرىلگەن ئەڭ سەمىمىي ۋەدە دەل بوشاشماي كۈرەش قىلىشتۇر.

  جۇڭگو تارىخى ۋە يۈز مىليونلىغان خەلقنىڭ تەقدىرىنى ئۆزگەرتكەن ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يېڭى ھالقىلىق تۈگۈنگە كەلگەندە، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى يېڭى دەۋر ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، كىشىنى جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەشكە ئۈندەيدىغان ئۇلۇغۋار سەپەرنى قايتا باشلىدى.

  بايراق ئېگىز لەپىلدەپ، شامال يەلكەننى ئىتتىردى

  نەنخەيدە شامال چىقىپ، جۇجياڭدا دولقۇنلار ئۆركەشلىدى.

  2012-يىلى 12-ئايدا، يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىق ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغاندىن كېيىنكى يەرلىكتە خىزمەت تەكشۈرۈشنىڭ تۇنجى بېكىتى بولغان شېنجېن چيەنخەيگە كەلدى.

  ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ تۇنجى «زەمبىرەك»ىنى ئاتقان بۇ زېمىنغا قاراپ، باش شۇجى شى جىنپىڭ «ئېلىمىز ئىسلاھاتتا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش مەزگىلى ۋە چوڭقۇر سۇ رايونى»غا كىردى، دېگەن ھۆكۈمنى چىقىرىپ، «ئىسلاھاتتا توختاپ قېلىشقا بولمايدۇ، ئېچىۋېتىش قەدىمى توختاپ قالمايدۇ»، دەپ تەكىتلىدى.

  ئالتە يىلدىن كېيىن، باش شۇجى شى جىنپىڭ گۇاڭدۇڭغا قايتا بېرىپ خىزمەت تەكشۈرۈپ، تەنتەنىلىك ھالدا: «جۇڭگونىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش قەدىمى مەڭگۈ توختاپ قالمايدۇ! كېيىنكى 40 يىلدا جۇڭگو دۇنيانى ھەيران قالدۇرىدىغان يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرىدۇ!»، دەپ جاكارلىدى.

  ۋاقىت- بوشلۇق نەزىرىنى كېڭەيتكەندىلا، ئاندىن تاللاشنىڭ ئاچقۇچىنى ئېنىق كۆرگىلى بولىدۇ.

  نەچچە ئون يىللىق تېز تەرەققىيات ئارقىلىق، جۇڭگو يەنە يېڭى بىر ئۆتكەلگە يېتىپ كەلدى. ئىسلاھاتنىڭ مۇرەككەپلىك دەرىجىسى، قىيىنلىق دەرىجىسى، سەزگۈرلۈك دەرىجىسى شۇ يىلدىكىدىن قېلىشمايدۇ.

  ئىچىگە قارىغاندا، ئىقتىسادنىڭ ئۇزاق مۇددەت يۇقىرى سۈرئەتتە ئېشىشى جەريانىدا توپلانغان بىر قاتار چوڭقۇر قاتلاملىق زىددىيەتلەر ئۈزلۈكسىز يىغىلىپ، ئىقتىسادىي تەرەققىيات يېڭى نورمال ھالەتكە كىردى، قۇرۇلمنى تەڭشەش، ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى ئالماشتۇرۇش زۆرۈر بولۇپ قالدى؛ تەرەققىيات تەكشى ئەمەس، يېتەرلىك بولماسلىق مەسىلىسى كۈنسېرى گەۋدىلىك بولماقتا، خەلق ئاممىسىنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشى تېخىمۇ جىددىي بولماقتا.

  سىرتقا قارىغاندا، خەلقئارا پۇل مۇئامىلە كىرىزىسىنىڭ تۈتەكلىرى تارقاپ كەتكىنى يوق، رايون توقۇنۇشى كۆپ يۈز بېرىپ، ئەسەبىيلىك تەھدىتى يامراپ كېتىۋاتىدۇ؛ يېڭى پەن-تېخنىكا ئىنقىلابى ۋە كەسىپ ئۆزگىرىشىنىڭ دولقۇنى ئاستىدا خەلقئارا رىقابەت ۋەزىيىتى جىددىي بولماقتا، تەتۈر دۇنياۋىلىشىش، سودا قورۇقچىلىقى باش كۆتۈرۈپ چىقماقتا. جۇڭگوغا دۈشمەنلىك قىلىدىغان سەپسەتىلەر ئۈزۈلمەي ئاڭلىنىپ تۇرماقتا.

  «جۇڭگونىڭ قەد كۆتۈرۈشى»دىن ئىبارەت دۇنياۋى مۆجىزىنى ياراتقاندىن كېيىن، زامانغا لايىق كەلمەيدىغان ئىدىيەۋى قاراش ۋە تۈزۈلمە- مېخانىزم ئىللەتلىرى ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش قەدىمىگە «پۇتلىكاشاڭ» بولماقتا، مەنپەئەتنى مۇقىملاشتۇرۇۋېلىش توسۇقلىرى ئارقا-ئارقىدىن جەمئىيەتنىڭ مۇقىم تەرەققىياتىغا تەسىر قىلىدىغان «گۈدۈك» بولماقتا.

  «چوقۇم تېخىمۇ زور سىياسىي جاسارەت ۋە ئەقىل-پاراسەت بىلەن، مۇھىم ساھەلەرنىڭ ئىسلاھاتىنى پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ چوڭقۇرلاشتۇرۇش لازىم» − تارىخنى يارىتىشتا چوقۇم قەتئىي بولۇش لازىم، باش شۇجى شى جىنپىڭ دۆلەت ئىچى-سىرتىغا ئىسلاھاتقا قايتا ئاتلىنىش كۈچلۈك سىگنالى بەردى.

  كىشىلەر بەس-بەستە بۇ ھەم قاينام-تاشقىنلىق ئىسلاھات تارىخىنى ئەسلەپ ئېھتىرام بىلدۈرۈش، شۇنداقلا يېڭى ۋەزىيەتتە يېڭى دەۋر ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش بايرىقىنى داۋاملىق ئېگىز كۆتۈرۈشتىكى قەتئىي خىتاب، دەپ قارىدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر