باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

مىڭلىغان تاغ-دەريالارنى كېزىش ئادەتتىكى ئىشتۇر

— باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئىسپانىيە، ئارگېنتىنا، پاناما، پورتۇگالىيەدە زىيارەتتە بولغانلىقى ۋە 20 دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرىنىڭ 13- قېتىملىق باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىپ، خەلقئارا ۋەزىيەتنىڭ مۇقىملىقىنى ئاشۇرۇپ، خەلقئارا سىستېمىنى يۆنىلىش تۇيغۇسى بىلەن تەمىنلەپ، خەلقئارا جەمئىيەتكە ئاكتىپ كۈچ قوشقانلىقى ھەققىدە

2018.12.07 16:35         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  2018-يىلى 11-ئاينىڭ 27- كۈنىدىن 12-ئاينىڭ 5-كۈنىگىچە، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ تەكلىپكە بىنائەن ئىسپانىيە، ئارگېنتىنا، پاناما، پورتۇگالىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولدى ھەم ئارگېنتىنانىڭ بوئېنۇس ئايرېستا ئۆتكۈزۈلگەن 20 دۆلەت گۇرۇھى (G20) رەھبەرلىرىنىڭ 13-قېتىملىق باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشتى. زىيارەت ئاخىرلاشقاندا، دۆلەت كومىسسارى، قوشۇمچە دىپلوماتىيە مىنىستىرى ۋاڭ يى مۇخبىرلارغا بۇ قېتىملىق زىيارەت ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى.

  ۋاڭ يى مۇنداق دېدى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ بۇ زىيارىتى مەۋج ئۇرۇۋاتقان خەلقئارا ۋەزىيەتتىكى بىر قېتىملىق يول باشلاش ساياھىتى. 20 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىپ، دۇنيا ئىقتىسادىنى تۈزەش ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى توغرىلاپ، جۇڭگونىڭ ئاساسلىق چوڭ دۆلەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ ئۇزاققىچە مۇقىم بولۇشقا يېتەكلىدى. ياۋروپا-لاتىن ئامېرىكىسى سەپىرى «بىر بەلباغ، بىر يول» ھەمكارلىقىنىڭ تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى ئۆستۈرۈپ، جۇڭگو-ياۋروپا، جۇڭگو- لاتىن ئامېرىكىسى مۇناسىۋىتىنىڭ پارلاق ئىستىقبالىنى يارىتىپ بەردى. رەئىس شى جىنپىڭنىڭ بۇ قېتىمقى سەپىرى دۇنيانىڭ كۆپ قۇتۇپلىشىش ۋە ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىش دەۋر ئېقىمىغا ماسلىشىپ، كۆپ تەرەپلىمىلىكنى قەتئىي قوللاپ، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىشنى پائال تەشەببۇس قىلىپ، تارىخىي تەرەققىيات يۆنىلىشىنى تۇرغۇزۇپ، دەۋر ساداسىنى ياڭرىتىپ، ھالقىلىق پەيتتە تۇرۇۋاتقان خەلقئارا ۋەزىيەتنى مۇقىملاشتۇرۇپ، چوڭقۇر ئۆزگىرىش بولۇۋاتقان خەلقئارا سېستىمىنى يۆنىلىش تۇيغۇسى بىلەن تەمىنلەپ، ئەندىشە كەيپىياتىغا چۆمگەن خەلقئارا جەمئىيەتكە ئاكتىپ كۈچ قوشتى.

  توققۇز كۈن ۋاقىت ئىچىدە، رەئىس شى جىنپىڭ مىڭلىغان تاغ-دەريالاردىن ھالقىپ، ياۋروپا-ئامېرىكا چوڭ قۇرۇقلۇقىنى كېسىپ ئۆتتى، مۇساپىسى 40 مىڭ كىلومېتىردىن ئاشتى، زىچ ئورۇنلاشتۇرۇلغان 70 مەيدانغا يېقىن قوش تەرەپ ۋە كۆپ تەرەپ پائالىيىتىگە قاتناشتى. مادرىدتىن بۇئېنوس ئايرېسقىچە، پاناما شەھىرىدىن لىسبونغىچە رەئىس شى جىنپىڭ قەيەرگە بارسا، ئۆزئارا ئىشىنىش ئاساسى شۇ يەردە يىلتىز تارتىپ، ھەمكارلىشىشنىڭ نەتىجىسى شۇ جايدا ھوسۇل بەردى، دوستلۇق مېھرى شۇ يەردە پورەكلەپ ئېچىلدى. زىيارەت قىلىنغان ھەر قايسى دۆلەتلەر رەئىس شى جىنپىڭنى ئەڭ ئەزىز مېھمانلار سۈپىتىدە ئوخشاشلا ئالىي ئېھتىرام بىلەن كۈتۈۋالدى ۋە ئالاھىدە ئورۇنلاشتۇردى. ئىسپانىيە پادىشاھى فىلىپ Ⅵ ئەر-ئايال رەئىس شى جىنپىڭ ۋە ئۇنىڭ رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن ئۈچۈن مەخسۇس ئائىلە زىياپىتى ئۆتكۈزدى؛ پاناما زۇڭتۇڭى ۋارېلا ئەر-ئايال ئايرودرومغا بېرىپ كۈتۈۋالدى ۋە ئۇزىتىپ قويدى؛ ئىسپانىيە، پورتۇگالىيە كۈرەشچى ئايروپىلان ئەۋەتىپ، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ مەخسۇس ئايروپىلانىنى قوغدىدى، پورتۇگالىيە، ئارگېنتىنا يەنە ئاتلىق ھۆرمەت قاراۋۇلى ئەترىتىنى رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ماشىنا ئەترىتىنى قوغداشقا ئورۇنلاشتۇردى؛ ئارگېنتىنا زۇڭتۇڭى ماكرى رەئىس شى جىنپىڭغا «ئازاد قىلغۇچى سان مارتىن چوڭ زەنجىر دەرىجىلىك ئوردېنى» بەردى. 20 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنى باشلىنىشى بىلەن، رەئىس شى جىنپىڭ يېتەكلەش خاراكتېرلىك سۆز قىلدى؛ 20 دۆلەت گۇرۇھى يىغىن مەيدانى سىرتىدا، جۇڭگو-ئامېرىكا باشلىقلىرى ئۇچرىشىشى دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتتى. دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى جامائەت پىكرى داۋاملىق رەئىس شى جىنپىڭنىڭ بۇ قېتىمقى سەپىرىنىڭ پۈتكۈل جەريانىنى زىچ ئىز قوغلاپ، ئومۇميۈزلۈك ھالدا: بۇ قېتىمقى دۆلەت باشلىقى دىپلوماتىيەسى جۇڭگونىڭ خەلقئارا سەھنىدىكى تەسىر كۈچى، چاقىرىق كۈچى ۋە ئىجادىيەت كۈچىنى نامايان قىلدى، دەپ ماختىدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر