باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

تارىخىي چوڭ يۈزلىنىشتىن قانۇنىيەتنى ئىگىلەپ، يۆنىلىشكە يېتەكچىلىك قىلايلى

 ــــ رەئىس شى جىنپىڭنىڭ 20 دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرى باشلىقلار يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى توغرىسىدا

2018.12.03 17:15         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  «قاتمۇقات خىرىسلار ئالدىدا، بىز ھەم تەخىرسىزلىك تۇيغۇسىنى كۈچەيتىشىمىز، ھەم ئەقىل- ئىدراكنى ساقلاپ، ئېگىزدە تۇرۇپ يىراققا نەزەر سېلىپ، مەسئۇلىيەتچان پوزىتسىيە بىلەن دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ چوڭ يۆنىلىشىنى ئىگىلىشىمىز كېرەك».

  جەنۇبىي يېرىم شارنىڭ ئۈمىدكە تولغان ئەتىياز مەزگىلىدە، رەئىس شى جىنپىڭ 20 دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرى بۇئېنۇس ئايرېس باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشتى، ھەم 1- باسقۇچلۇق يىغىندا يېتەكچى خاراكتېرلىك سۆز قىلىپ، ئىنسانىيەت تارىخىنىڭ چوڭ يۈزلىنىشىنى چوڭقۇر تەھلىل قىلىپ، 20 دۆلەت گۇرۇھىنىڭ دۇنيا ئىقتىسادىنى توغرا يولنى بويلاپ ئالغا ئىلگىرىلەپ تەرەققىي قىلىشقا يېتەكلەشتىكى تۆت نۇقتىلىق تەشەببۇسىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇپ، يىغىنغا قاتناشقان رەھبەرلەرنىڭ يۈكسەك ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشتى، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كەڭ دىققەت- ئېتىبارىنى قوزغىدى.

  ھازىرقى دۇنيا زور تەرەققىيات، زور ئۆزگىرىش، زور تەڭشىلىش مەزگىلىدە تۇرۇۋاتىدۇ. گەرچە دۇنيا ئىقتىسادى ئومۇمىي جەھەتتىن ئېشىشنى ساقلىغان بولسىمۇ، لېكىن كىرىزىسنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىق تەسىرى تېخى تۈگىگىنى يوق، ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىدا يېڭى- كونا ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى ئالماشتۇرۇش تېخى تاماملانمىدى، تۈرلۈك خەۋپ- خەتەر تېز توپلىنىۋاتىدۇ. يېڭى بىر نۆۋەتلىك پەن- تېخنىكا ئىنقىلابى ۋە كەسىپ ئۆزگىرىشى چوڭقۇر ئۆزگىرىش پەيدا قىلدى، باي- نامراتلىق پەرقى بىلەن ئىجتىمائىي زىددىيەتنىڭ بېسىمى ئۈزلۈكسىز ئاشتى. ئىنسانىيەت يەنە بىر قېتىم ئاچا يول ئېغىزىغا كەلدى، دۇنيا ئىقتىسادى يەنە بىر قېتىملىق تارىخىي تاللاشقا دۇچ كەلدى. ھەمكارلىشىش كېرەكمۇ ياكى قارشىلىشىش كېرەكمۇ؟ ئېچىۋېتىش كېرەكمۇ ياكى بېكىنىۋېلىش كېرەكمۇ؟ ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، ئورتاق پايدا ئېلىش كېرەكمۇ ياكى نۆل نەتىجىلىك كۈچ سىنىشىش كېرەكمۇ؟ بۇ مەسىلىلەرگە قانداق جاۋاب بېرىش ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ مەنپەئىتىگە مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئىنسانىيەتنىڭ ئەقىل- پاراسىتى، ئەخلاق ۋە ھەققانىيىتىنى سىنايدۇ.

  «تارىخنى ئۆرنەك قىلىش ئارقىلىق دۆلەتنىڭ گۈللىنىشى بىلەن خارابلىشىشىنىڭ ئالمىشىشىنىڭ سەۋەبىنى چۈشەنگىلى بولىدۇ». يېقىنقى دەۋردىن بۇيانقى دۇنيا تارىخى شۇنى تولۇق چۈشەندۈرىدۇكى، ئوخشاش بولمىغان تاللاش ئىلگىرى دۇنياغا پەرقلىق تارىخىي ئىزلارنى قالدۇرغانىدى، ئىنسانىيەتنىڭ ئېچىۋېتىش- ھەمكارلىق، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش- ئورتاق پايدا ئېلىشتەك مۇۋەپپەقىيەتلىك ھېكايىلىرىمۇ، شۇنداقلا ئېچىنىشلىق تارىخىي ساۋاقلىرىمۇ بولغان. تارىخنىڭ چوڭ يۈزلىنىشىدىن قارىغاندا، ئىنسانىيەت تەرەققىياتىنىڭ يۈكسىلىش دولقۇنى توختىماي ئىلگىرىلەيدۇ، دۇنيا ئىقتىسادىدا پات- پات داۋالغۇش كۆرۈلۈۋاتىدۇ، لېكىن ھەرقايسى دۆلەتلەر ئېچىۋېتىشكە يۈزلىنىش، يۇغۇرۇلۇشقا يۈزلىنىشتەك چوڭ ۋەزىيەت ئۆزگەرمىدى. كەسىپ زەنجىرى، قىممەت زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرى ئۈزلۈكسىز ئۇزىراپ ۋە كېڭىيىپ، ئىشلەپچىقىرىش ئامىلىنىڭ پۈتۈن يەر شارىدا ئايلىنىشىغا تۈرتكە بولۇپ، نەچچە مىليارد نوپۇسنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشىغا كۈچ قوشتى. ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئۆزئارا ھەمكارلىشىشى، ئەۋزەللىكلەر ئارقىلىق بىر- بىرىنى تولۇقلىشى ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشنىڭ ئوبيېكتىپ تەلىپى، شۇنداقلا ئىشلەپچىقىرىش مۇناسىۋىتى ئۆزگىرىشىنىڭ ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ. بۇ مۇساپىدە، ھەرقايسى دۆلەتلەر مەنپەئەت ئورتاق گەۋدىسى، مەسئۇلىيەت ئورتاق گەۋدىسى، تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى تەدرىجىي شەكىللەندۈرىدۇ. دەل رەئىس شى جىنپىڭ تەكىتلىگەندەك: «مەيلى كەلگۈسىمىز پارلاق بولسۇن ياكى بوران- چاپقۇنلۇق بولسۇن، قول تۇتۇشۇپ ھەمكارلىشىش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق پايدا ئېلىش بىردىنبىر توغرا تاللاش». بۇ ھەم ئىقتىسادىي قانۇنىيەت سەۋەبىدىن بولغان، ھەم ئىنسانىيەت جەمئىيىتى تەرەققىياتىنىڭ تارىخىي لوگىكىسىغىمۇ ئۇيغۇن.

  بۇ يىل خەلقئارا پۇل مۇئامىلە كىرىزىسى يۈز بەرگەنلىكىگە ئون يىل بولدى، شۇنداقلا 20 دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرى باشلىقلار يىغىنىنىڭ ئون يىللىقى. ئون يىل ئىلگىرى، خەلقئارا پۇل مۇئامىلە كىرىزىسىنىڭ ئەڭ جىددىي پەيتىدە، 20 دۆلەت گۇرۇھى ئېغىر خەۋپ ئالدىدا بۇرچىنى زىممىسىگە ئېلىپ، جاپا- مۇشەققەتتە ھەمدەم بولۇشتەك ھەمراھلىق روھىغا ئەمەل قىلىپ، ھاڭ گىرۋىكىگە بېرىپ قالغان دۇنيا ئىقتىسادىنى مۇقىم بولۇش ۋە ئەسلىگە كېلىش يولىغا قايتۇرۇپ كەلدى. بۇ بىر قېتىملىق ئىجادىيەت بولۇپ، ئىتتىپاقلىق ئىختىلاپنى يەڭدى، ئورتاق پايدا ئېلىش شەخسىي مەنپەئەتنىڭ ئورنىنى ئالدى. دەل رەئىس شى جىنپىڭ كۆرسەتكەندەك: «ئون يىلدىن بۇيان، بىز جاپا- مۇشەققەتتە ھەمدەم بولۇپ، بىر نىيەتتە تەڭ كۈچ چىقىرىپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ چېكىنىش گىردابىدىن قۇتۇلۇپ، ئەسلىگە كېلىپ ئېشىش يولىغا مېڭىشىغا تۈرتكە بولدۇق. ئون يىلدىن كېيىن، بىز قايتا جاسارەتكە كېلىپ، ئىستراتېگىيەلىك نەزەر دائىرىمىزنى نامايان قىلىپ، دۇنيا ئىقتىسادىنى توغرا يولنى بويلاپ ئالغا ئىلگىرىلەپ تەرەققىي قىلىشقا يېتەكلىشىمىز كېرەك». تارىخىي چوڭ يۈزلىنىشتىن قانۇنىيەتنى ئىگىلەش، يۆنىلىشكە يېتەكچىلىك قىلىش، تارىخىي بۇرچتىن ئىشەنچنى چىڭىتىش، دادىل مەسئۇلىيەتچان بولۇش، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ توغرا يۆنىلىشىنى پۇختا ئىگىلەش 20 دۆلەت گۇرۇھىنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيىتى.

  تارىخىي چوڭ يۈزلىنىشتىن قانۇنىيەتنى ئىگىلەش، يۆنىلىشكە يېتەكچىلىك قىلىشتا، ئېچىۋېتىش- ھەمكارلىقتا، ھەمراھلىق روھىدا، يېڭىلىق يارىتىش- يېتەكلەشتە، ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق- ئورتاق پايدا ئېلىشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. رەئىس شى جىنپىڭ مۇنداق تۆت تەشەببۇسنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدى: ئېچىۋېتىش- ھەمكارلىقتا چىڭ تۇرۇپ، كۆپ تەرەپلىك سودا تۈزۈلمىسىنى قوغداش؛ ھەمراھلىق روھىدا چىڭ تۇرۇپ، ماكرو سىياسەتنى ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىش؛ يېڭىلىق يارىتىش- يېتەكلەشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ ئېشىش ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى قېزىش؛ ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق- ئورتاق پايدا ئېلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پۈتۈن يەر شارىنىڭ سىغدۇرۇشچان تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. شۇنى كۆرۈش كېرەككى، 20 دۆلەت گۇرۇھى ئەزالىرى ئارىسىدىكى ئېيىغا ئوتتۇرىچە يېڭىدىن كۆپەيگەن سودا قورۇقچىلىق چەكلىمىسى يېرىم يىل ئىلگىرىكىدىن بىر ھەسسە كۆپەيدى، 2018- يىلى، پۈتۈن يەر شارى مال سودا مىقدارىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى %0.3 تۆۋەنلىشى مۇمكىن. شۇنى بىلىش كېرەككى، ھەمراھلىق روھى 20 دۆلەت گۇرۇھىنىڭ ئەڭ قىممەتلىك بايلىقى، مەيلى قانداق قىيىنچىلىققا دۇچ كېلىشتىن قەتئىينەزەر، 20 دۆلەت گۇرۇھى ئەزالىرى بىردەك ئىتتىپاقلىشىپ، ۋاقىتلىق قىيىنچىلىقنى ئورتاق يېڭىشى كېرەك. رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان تۆت تەشەببۇسى ئوچۇق، يۇغۇرما بولغان تارىخىي ئېقىمغا ماسلاشقان، داغدۇغىلىق ئالغا ئىلگىرىلەش تارىخىي چوڭ يۈزلىنىش ئىگىلەنگەن، 20 دۆلەت گۇرۇھىنىڭ مەسئۇلىيىتى، بۇرچى ئايدىڭلاشتۇرۇلغان بولۇپ، جۇڭگونىڭ ئەقىل- پاراسىتى بىلەن كەڭ قورساقلىقلىقى نامايان قىلىنغان. يىغىنغا قاتناشقان نۇرغۇن رەھبەر ئېيتقاندەك، ھەرقايسى تەرەپلەر ئىتتىپاقلىقنى كۈچەيتىپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ كۈچلۈك، ئىمكانىيەتلىك سىجىل، تەڭپۇڭ، سىغدۇرۇشچان تەرەققىياتىغا ئورتاق تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

  بىر كىشىنىڭ تىرىشچانلىقى چەكلىك بولىدۇ، بىر كوللېكتىپنىڭ تىرىشچانلىقى چەكسىز بولىدۇ. 20 دۆلەت گۇرۇھى قانۇنىيەتنى ئىگىلەپ، يۆنىلىشكە يېتەكچىلىك قىلىپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، قول تۇتۇشۇپ ھەمكارلاشقاندىلا، جەزمەن ئوچۇق دۇنيا ئىقتىسادى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، ھەرقايسى دۆلەت خەلقىنى دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش نەتىجىلىرىدىن ئورتاق بەھرىلەندۈرەلەيدۇ.

  (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12- ئاينىڭ 1- كۈنى تېلېگراممىسى)


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر