باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

گۈزەل جۇڭگو قۇرۇش ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشايلى

2018.12.03 08:54         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ مەڭگۈلۈك تەرەققىياتىغا مۇناسىۋەتلىك تۈپ چوڭ پىلان. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئۈچ شىمال قۇرۇلۇشىغا مۇھىم يوليورۇق بەرگەنلىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى ۋە قەتئىي ئىرادىسىنى نامايان قىلدى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئۈچ شىمال قۇرۇلۇشىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن غايەت زور نەتىجىلەرنى يۈكسەك مۇئەييەنلەشتۈرىدىغانلىقىنى نامايان قىلدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئۈچ شىمال قۇرۇلۇشىغا قاتناشقان 13 ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، شەھەر) ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش- قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىگىمۇ يېڭى تەلەپنى ئوتتۇرىغا قويدى.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ئۈچ شىمال قۇرۇلۇشى دۆلىتىمىزنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشى بىلەن تەڭ يولغا قويۇلغان مۇھىم، زور ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشى، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىدىكى مۇھىم بەلگە خاراكتېرلىك قۇرۇلۇش. 40 يىل بوشاشماي تىرىشىش ئارقىلىق قۇرۇلۇش غايەت زور ئېكولوگىيەلىك، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈپ، يەر شارى ئېكولوگىيەسىنى تۈزەشتىكى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۈلگىگە ئايلاندى. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: بوشاشماي كۈرەش قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، تۈزۈلمە- مېخانىزمدا يېڭىلىق يارىتىپ، سىياسەت- تەدبىرلەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئۈچ شىمال قۇرۇلۇشىنى سىجىل، بوشاشماي ئالغا سىلجىتىپ، ئورمان- ئوتلاق بايلىقىنىڭ ئومۇمىي مىقدارى ۋە سۈپىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ئۈچ شىمال رايونىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى سىجىل ياخشىلاپ، ۋەتىنىمىزنىڭ شىمالىي زېمىنىدىكى يېشىل ئېكولوگىيە توسۇقىنى مۇستەھكەملەپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، گۈزەل جۇڭگو قۇرۇش ئۈچۈن يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇش كېرەك.

  ئۈچ شىمال قۇرۇلۇشىنىڭ مۇھىم كۈچى بولۇش سۈپىتى بىلەن، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سەمىمىي تەلىمى ۋە سەمىمىي ئۈمىدىنى ئەستە چىڭ ساقلىشى، شى جىنپىڭنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇشى، ئەمەلىيلەشتۈرۈشى، «ئۈچ شىمال قۇرۇلۇشىنى سىجىل بوشاشماي ئالغا سىلجىتىش»، «ۋەتىنىمىزنىڭ شىمالىي زېمىنىدىكى يېشىل ئېكولوگىيە توسۇقىنى مۇستەھكەملەش ۋە راۋاجلاندۇرۇش» مۇھىم يوليورۇقىنى پۇختا، جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك.

  ئۈچ شىمال رايونى دۆلىتىمىزنىڭ ئېكولوگىيەسىنى تۈزەشتىكى ئەڭ مۇھىم، ئەڭ تەخىرسىز، ئەڭ جاپالىق رايونلارنىڭ بىرى. سەككىز چوڭ قۇملۇق، تۆت چوڭ قۇملۇق يەرنىڭ ھەممىسى بۇ يەرگە تارقالغان. ئۈچ شىمال قۇرۇلۇشى يىرىك پىلانى 1978- يىلى باشلىنىپ، 2050- يىلى ئاخىرلىشىدۇ، ئۈچ باسقۇچقا بۆلۈپ، سەككىز قارار قۇرۇلۇش قىلىنىپ، ۋەتىنىمىزنىڭ شىمالىي زېمىنىدا قۇم- بورانغا تاقابىل تۇرىدىغان، سۇ- تۇپراقنى ساقلايدىغان، دېھقانچىلىقنى قوغداپ، چارۋىچىلىقنى ئىلگىرى سۈرىدىغان يېشىل سەددىچىن سېپىلى بەرپا قىلىنىدۇ. ھازىر، ئۈچ شىمال ئىھاتە ئورمىنى قۇرۇلۇشى 5- قارارغا كەلدى. ئاپتونوم رايونىمىز ئۈچ شىمال ئىھاتە ئورمىنى قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ئورمان بىلەن قاپلىنىش نىسبىتىنى %1.03تىن %4.87 كە ئۆستۈردى. سۈنئىي بوستانلىق كۆلىمىنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىلدىكى 13 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىردىن ھازىرقى 62 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىرغا كېڭەيتتى. ئېكولوگىيەلىك مۇھىت زور دەرىجىدە ياخشىلاندى. ئىلگىرىكى توپا يېغىپ، قۇم- بوران توختىماي چىقىدىغان جايلار بۈگۈنكى كۈندە دەل- دەرەخلەر سايە تاشلىغان، قۇشلار سايرىشىپ، گۈللەر خۇش پۇراق چاچىدىغان گۈزەل ماكانغا ئايلىنىپ، ئاپتونوم رايوننىڭ دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىقىنىڭ يىلمۇيىل ئۇدا مول ھوسۇل ئېلىشىنى كۈچلۈك ئېكولوگىيە كاپالىتىگە ئىگە قىلدى، بولۇپمۇ خاس باغ- ئورمانچىلىقنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئۈنۈم كۆرۈنەرلىك بولۇپ، ھەر مىللەت دېھقان- چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنى كۆپەيتىپ بېيىشى، خاتىرجەم ياشىشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، ئېكولوگىيەلىك ئۈنۈم، ئىقتىسادىي ئۈنۈم، ئىجتىمائىي ئۈنۈمنىڭ ھەممىسىدە كۆپ تەرەپتىن پايدا ئېلىشنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇردى.

  ئېكولوگىيەلىك مۇھىت پارتىيەنىڭ بۇرچى، ئاساسىي مەقسىتىگە مۇناسىۋەتلىك مۇھىم، زور سىياسىي مەسىلە، شۇنداقلا خەلق تۇرمۇشىغا مۇناسىۋەتلىك مۇھىم، زور ئىجتىمائىي مەسىلە. پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە ھۆكۈمەت باشتىن- ئاخىر سالماقنى ئاشۇرۇپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئاسمىنىنىڭ تېخىمۇ كۆك، تاغلىرىنىڭ تېخىمۇ يېشىل، سۇلىرىنىڭ تېخىمۇ سۈزۈك، مۇھىتىنىڭ تېخىمۇ گۈزەل بولۇشى ئۈچۈن بوشاشماي تىرىشچانلىق كۆرسەتتى. شىنجاڭنىڭ ئۈچ شىمال ئىھاتە ئورمىنى قۇرۇلۇشىنىڭ ياخشى ئۇنىۋېرسال ئۈنۈمگە ئېرىشىشى شى جىنپىڭنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنىڭ شىنجاڭ زېمىنىدا ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتقانلىقىنىڭ چوڭقۇر دەلىلى، خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئېكولوگىيە ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش، ئېكولوگىيە ئارقىلىق خەلققە پايدا يەتكۈزۈش، ئېكولوگىيە ئارقىلىق خەلقنى كۆزلەشتە چىڭ تۇرۇپ، ياخشى ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئەڭ ئومۇميۈزلۈك مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان خەلق تۇرمۇشىنىڭ بەخت- سائادىتىگە ئايلاندۇرغانلىقىنىڭ جانلىق ئەمەلىيىتى.

  نۆۋەتتە، ئۈچ شىمال رايونىنىڭ ئېكولوگىيەسى يەنىلا ئاجىز. ئۈچ شىمال قۇرۇلۇشىدا تولۇق غەلىبە قىلىش ئۈچۈن، بوشاشماي كۈرەش قىلىش، داۋاملىق بوشاشماي كۈرەش قىلىش كېرەك. بىز ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىمىزنى قەتئىي تۈردە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، سۇلار سۈزۈك، تاغلار يېشىل بولۇشنىڭ ئۆزى بىر بايلىق دېگەن ئىدىيەنى ئاڭلىق ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، تۈزۈلمە- مېخانىزمدا يېڭىلىق يارىتىپ، سىياسەت- تەدبىرلەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېشىل تەرەققىياتتا چىڭ تۇرۇپ، ئىلمىي قانۇنىيەتكە ھۆرمەت قىلىپ، ئۈچ شىمال قۇرۇلۇشىنى داۋاملىق ياخشى قىلىش ھەم ئۇنى يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى ئالغا سىلجىتىش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، يېشىللىقنى كۆپەيتىش بىلەن كىرىمنى ئاشۇرۇشنى بىرلەشتۈرۈشنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تېخىمۇ مۇستەھكەم ئېكولوگىيە توسۇقى بەرپا قىلىشىمىز كېرەك.

  بىز شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، شى جىنپىڭنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىپ، تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى قەتئىي بوشاشماي ئالغا سىلجىتىپ، ئۈچ شىمال قۇرۇلۇشىنى يۇقىرى سۈپەتتە ئالغا سىلجىتساقلا، ياخشى ئېكولوگىيەلىك مۇھىت جەزمەن شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا كۈچ قوشالايدۇ، جەزمەن ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش، گۈزەل جۇڭگو قۇرۇشقا يېڭى تۆھپە قوشالايدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر