باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

ئېچىۋېتىلگەن، ھەمكارلىشىپ ئورتاق تەرەققىي قىلىدىغان نۇرلۇق داغدام يولغا قول تۇتۇشۇپ قەدەم قويايلى

− رەئىس شى جىنپىڭنىڭ پاپۇئا يېڭى گىۋىنېيەسى، بىرۇنېي، فىلىپپىندا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش ھەمدە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان تىنچ ئوكيان ئارال دۆلەتلىرى باشلىقلىرى ئۇچرىشىشىدىن خاتىرە

2018.11.26 15:52         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئوكياندىن ئۇچۇپ ئۆتۈپ، ئېكۋاتوردىن ھالقىپ، شىمالدىن جەنۇبقا سەپەر قىلىپ، قىش ۋە يازنى باشتىن كەچۈردى. 11-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن 21- كۈنىگىچە، رەئىس شى جىنپىڭ بېيجىڭدىن جەنۇبقا يۈرۈش قىلىپ، پاپۇئا قولتۇقى بويىدىكى مورېسبى پورتىغا يېتىپ باردى، غەربكە يۈرۈش قىلىپ كالىمانتان ئارىلىنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى سېرى بېگاۋانغا يېتىپ باردى، يەنە شىمالغا يۈرۈش قىلىپ، لۇزون ئارىلىنىڭ غەربىي قىرغىقىدىكى مانىلاغا يېتىپ باردى. يەتتە كېچە-كۈندۈزدە ئۈچ دۆلەتتە زىيارەتتە بولۇپ، بىر مەيدان خەلقئارا يىغىنغا قاتناشتى، بىر قېتىم كوللېكتىپ ئۇچرىشىش، 40 نەچچە مەيدان پائالىيەت ئۆتكۈزدى، مۇساپىسى 15000 كىلومېتىرغا يەتتى.

  يېڭى دەۋرنىڭ چوڭ دولقۇنى ئۆركەشلەپ ئالغا ئىلگىرىلىمەكتە. 100 يىلدىن بېرى كۆرۈلمىگەن چوڭ ئۆزگىرىشكە قارىتا، رەئىس شى جىنپىڭ نەزىرىنى دۇنيا چوڭ شاھمات تاختىسىغا قارىتىپ، جۇڭگوچە چوڭ دۆلەت دىپلوماتىيەسى ئۈچۈن شاھمات ئۇرۇقىدىن يەنە بىرنى ماڭدى.

  تۇغقانلار ياخشى تۇغقان بولۇشۇپ، قوشنىلار ياخشى قوشنا بولدى

  جۇڭگونىڭ دۇنيا بىلەن بولغان ئالاقە تارىخىدا، «جەنۇبىي دېڭىزغا يۈرۈش قىلىش» مول جانلىق بىر سەھىپىدۇر. 1000 يىللاردىن بۇيان، جۇڭگو بىلەن شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيادىكى دۆلەتلەر ۋە تىنچ ئوكياندىكى ئارال دۆلەتلەرنىڭ كېمە- پاراخوتلىرى توختىماي قاتناپ، سودىگەر- ئەلچىلەر كېلىپ-كېتىپ تۇردى، دېڭىز- ئوكيانلارنى كېزىپ، قەلبلەرنى تۇتاشتۇرۇپ كەلدى. ئوخشىمىغان مىللەت، ئوخشىمىغان مەدەنىيەتلەر ئۇچرىشىش جەريانىدا مەڭگۈ تارقىلىدىغان دوستلۇق قەسىدىلىرىنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، ئۈزۈلمەس چوڭقۇر دوستلۇق مېھرى باغلىدى.

  پاپۇئا يېڭى گىۋىنېيەسى − جەنۇبىي تىنچ ئوكيان ئارال دۆلەتلىرىنىڭ سەركىسى، جۇڭگونىڭ جەنۇبىي تىنچ ئوكيان رايونىدىكى يېقىن دوستى؛ بىرۇنېي، فىلىپپىن − جۇڭگونىڭ ئەۋلادمۇ ئەۋلاد دوستانە ئۆتۈپ كېلىۋاتقان جەنۇبىي دېڭىزدىكى قوشنىسى.

  بۇ قېتىمقى زىيارەت — دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 42 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو دۆلەت باشلىقىنىڭ پاپۇئا يېڭى گىۋىنېيەسىدە تۇنجى قېتىم زىيارەتتە بولۇشى، شۇنداقلا ئارىدىن 13 يىل ئۆتۈپ، يەنە بىر قېتىم بىرۇنېي ۋە فىلىپپىندا زىيارەتتە بولۇشى.

  دوستلۇق ئۇزاق داۋاملىشىپ، ھەمكارلىق كۈندىن-كۈنگە يېڭىلانماقتا

  «ئۇزۇندىن بۇيان ئارزۇ قىلغان»، «مۇھىم تارىخىي پەيت»، «ئابىدە خاراكتېرلىك ئەھمىيەتكە ئىگە زىيارەت»... زىيارەتكە بارغان ئۈچ دۆلەتنىڭ ھەممىسى تەنتەنىلىك مۇراسىم بىلەن رەئىس شى جىنپىڭنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە بەخت تىلىدى.

  پاپۇئا يېڭى گىۋىنېيەسى − رەڭگارەڭ «جەننەت قۇشى دۆلىتى»

  رەئىس شى جىنپىڭ يېتىپ بارغاندا، كەچ بولۇپ كەتكەن ئىدى. پاپۇئا يېڭى گىۋىنېيەسىنىڭ تاغلىرى، دېڭىز قىرغىقىدىن كەلگەن ھەرقايسى قەبىلە ۋەكىللىرى ئايرودرومغا يىغىلىپ، جۇڭگولۇق ئەزىز مېھماننى كۈتۈپ تۇرغان ئىدى. يۈزلىرىگە بوياق سۈركەپ، تېرە دۇمباقلارنى ياڭرىتىپ، ئۇسسۇل ئويناپ، بامبۇك نەي چېلىپ، قويۇق دوستلۇق مېھرى يىراق تاغدىكى چىراغلاردەك چاقناپ تۇراتتى.

  رەئىس شى جىنپىڭنىڭ زىيارەتكە كېلىشى پاپۇئا يېڭى گىۋىنېيەسىنىڭ ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى رەھبەرلىرىنىڭ بىرەسمىي يىغىنىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈشى ئۈچۈن ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قوشۇپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق تىنچ ئوكياندىكى ئارال دۆلەتلەرنى كۈچلۈك قوللىدى.

  پارلامېنت بىناسى ئالدىدىكى مەيداندا ھۆرمەت توپى تەڭ ئېتىلغان، فونتانلار بالقىپ تۇرغان، ھۆرمەت قاراۋۇللىرى تەنتەنىلىك، ھەربىي ئوركېستىر كۆتۈرەڭگۈ ئىدى. باش ۋالىي دادائى: پاپۇئا يېڭى گىۋىنېيەسىنىڭ جۇڭگو بىلەن بولغان دوستلۇقى چوڭقۇر، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ بۇ زىيارىتى پاپۇئا يېڭى گىۋىنېيەسى ئۇزۇن يىلدىن بۇيان تەستە قولغا كەلتۈرگەن كاتتا ئىش، دېدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر