باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

ئىشەنچكە تولغان جۇڭگو مەڭگۈ بۇ يەردە

2018.11.26 14:06         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  «5000 يىلدىن ئارتۇق جاپا-مۇشەققەتلەرنى باشتىن كەچۈرگەن بولسىمۇ، جۇڭگو يەنىلا بۇ يەردە! كەلگۈسىگە يۈزلىنىشتە، جۇڭگو مەڭگۈ بۇ يەردە!»، باش شۇجى شى جىنپىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا ئاساسىي مەقسەت نۇتقى سۆزلەپ، «بىمالال، تەمكىن جۇڭگو ئىشەنچى»دىن ئىبارەت ئېنىق بىر پوزىتسىيەنى دۇنياغا يەتكۈزدى.

  بىمالال، تەمكىنلىك __ ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىش چوڭ ۋەزىيىتىگە قارىتا ھۆكۈم قىلىشتىن كەلگەن، ئىشەنچ __ جۇڭگونىڭ ئۆز تەرەققىيات كۈچىنى مەنبە قىلغان. جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسى بۈگۈنگە قەدەر دۇنيادا تۇنجى بولۇپ ئىمپورت تېما قىلىنغان دۆلەت دەرىجىلىك كۆرگەزمە بولۇپ، خەلقئارا سودا تەرەققىيات تارىخىدىكى بىر چوڭ يېڭىلىق. بىر ئېغىز سۆز بىلەن ئېيتقاندا، دۇنيا ئۈچۈن باشلامچى بولۇشقا جۈرئەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.

  بىرىنچى، ئېلىمىزنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئىستىقبالىغا پۈتۈنلەي ئۈمىدۋار پوزىتسىيەدە بولۇش

  ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىن بۇيان، ئېلىمىز ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ئۇزاق مۇددەت ئىككى خانىلىق سان بويىچە ئېشىشنى ساقلىدى، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى سەل ئاستىلىدى، بولۇپمۇ بۇ يىل تاشقى مۇھىتتا روشەن ئۆزگىرىش بولدى، ئىقتىسادىي تەرەققىيات بەزى گەۋدىلىك زىددىيەت ۋە مەسىلىلەرگە دۇچ كەلدى، بەزى كارخانىلارنىڭ تىجارەت قىيىنچىلىقى كۆپەيدى، بەزى ساھەلەردە يوشۇرۇن خەۋپ-خەتەر ۋە خىرىس زورايدى. بەزىلەر ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئىستىقبالىغا ئەندىشە-گۇماندا بولدى، ھەتتا ئاتالمىش جۇڭگو ئىقتىسادى «يەرگە قاتتىق چۈشىدۇ»، «سۈرئەتنى يوقىتىش نەزەرىيەسى»، «ئاجىزلىشىش نەزەرىيەسى» قاتارلىق ئاجايىپ-غارايىپ سۆزلەر پەيدا بولدى. شۇنى ئېتىراپ قىلىش كېرەككى، نۆۋەتتە ئېلىمىزنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى دۇچ كەلگەن قىيىنچىلىق بولسا رېئال، مەسىلىلىرى مۇرەككەپ. لېكىن بۇلارنىڭ ھەممىسى تەرەققىياتتىكى قىيىنچىلىق، ئالغا ئىلگىرىلەش داۋامىدىكى مەسىلىلەردۇر. بۇنىڭغا نىسبەتەن، بىز پايدىلىق شارائىتنى كۆرۈپ، ئېلىمىزنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا بولغان ئىشەنچىمىزنى ئۇرغۇتىشىمىز لازىم.

  بۇ خىل ئىشەنچ ئېلىمىزنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى ئاساسىي جەھەتتىن ھۆكۈم قىلىشتىن كەلگەن. دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادى داۋاملىق مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەشتەك تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى ساقلىدى، تەرەققىياتنىڭ يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى داۋاملىق ئۆستى، ئاساسىي ئەھۋالى ساغلام. بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى ئۈچ پەسلىدە، ئېلىمىزنىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى %6.7 ئاشتى، بۇنىڭ ئىچىدە، 3-پەسىلدە %6.5 ئاشقان بولۇپ، كۆزلىمە نىشانغا ئۇيغۇن. بىر يىلدا ئېلىنغان ئاشلىقنىڭ 1 تىرىليون 200 مىليارد جىڭدىن ئېشىشىنى ساقلىشى مۆلچەرلەنمەكتە. شەھەر-بازارلاردا يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشقانلار 11 مىليون 70 مىڭ ئادەم بولۇپ، يىللىق نىشان مۇددەتتىن بۇرۇن ئورۇندالدى. ئىشقا ئورۇنلىشىش، مال باھاسى، خەلقئارا كىرىم-چىقىم، كارخانىنىڭ پايدىسى، مالىيە كىرىمى، ئەمگەك ئۈنۈمدارلىقى قاتارلىق ئاساسلىق كۆرسەتكۈچتىن قارىغاندا، جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي ئايلىنىشى مۇۋاپىق دائىرىدە تۇرۇۋاتىدۇ. باشقا ئاساسىي ئىقتىسادىي گەۋدىلەر بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ئېلىمىز ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشى يەنىلا دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ. ئومۇمىي جەھەتتىن قارىغاندا، دۆلىتىمىز ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ ساغلام، مۇقىم بولۇش ئاساسى ئۆزگەرگىنى يوق، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تىرەك بولىدىغان ئىشلەپچىقىرىش ئامىللىرىنىڭ شارائىتى ئۆزگەرگىنى يوق، ئۇزاق مۇددەتلىك مۇقىملىق ئاساسىدا ياخشىلىنىشقا يۈزلىنىش ئومۇمىي ۋەزىيىتى ئۆزگەرگىنى يوق.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر