باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

دۇنيانىڭ ئورتاق گۈللىنىشىگە تېخىمۇ زور تۆھپە قوشايلى

— رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى سودا-سانائەت باشلىقلار يىغىنىدا سۆزلىگەن ئاساسىي مەقسەت نۇتقى توغرىسىدا

2018.11.22 16:01         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەتنىڭ تەرەققىياتىنى كۆزلەش ھەم دۇنياغا تۆھپە قوشۇش − جۇڭگو خەلقى ئۆزىگە يۈكلىگەن مۇقەددەس بۇرچتۇر.

  «كەلگۈسىگە يۈزلىنىپ، جۇڭگو تېخىمۇ مەسئۇل بولۇش روھى، تېخىمۇ كەڭ قورساقلىق بىلەن، تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتلىك ئېشىش ئارقىلىق، ئۆزىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش بىلەن بىللە، دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق گۈللىنىشى ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشىدۇ.» رەئىس شى جىنپىڭ ئاسىيا- تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى سودا-سانائەت رەھبەرلىرى باشلىقلار يىغىنىدا ئاساسىي مەقسەت نۇتقى سۆزلەپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان 40 يىلدا جۇڭگو ۋە دۇنيانىڭ ئورتاق تەرەققىيات ئۇلۇغ مۇساپىسىنى چوڭقۇر مۇھەببەت بىلەن ئەسلەپ ئۆتۈپ، جۇڭگونىڭ دۇنيا ئۈچۈن داۋاملىق تۆھپە قوشىدىغان ئەمەلىي ھەرىكىتىنى تەنتەنىلىك جاكارلاپ، جۇڭگونىڭ باشتىن-ئاخىر دۇنيا تەرەققىياتىغا تۆھپە قوشقۇچىلاردىن بولۇشتەك قەتئىي ئىرادىسىنى نامايان قىلدى.

  40 يىللىق ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئارقىلىق جۇڭگو ئۆزىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپلا قالماي، يەنە دۇنياغا بەخت ئېلىپ كەلدى. 40 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو خەلقى كەڭ قورساقلىق بىلەن، دۇنيانى قۇچاقلاپ، دۆلەت دەرۋازىسىنى ئېچىۋېتىپ قۇرۇلۇش قىلىشتا چىڭ تۇردى، جۇڭگونىڭ تاۋار ئىمپورت-ئېكسپورت ئومۇمىي سوممىسى 198 ھەسسە ئاشتى، مۇلازىمەت سودىسىنىڭ ئىمپورت-ئېكسپورت ئومۇمىي سوممىسى 147 ھەسسە ئاشتى، جەمئىي جەلپ قىلىنغان چەت ئەل مەبلىغى 2 تىرىليون دوللاردىن ئېشىپ، جۇڭگو دۇنيادىكى 1-چوڭ مال سودىسى دۆلىتى، ئەڭ چوڭ ساياھەت بازىرى، 130تىن ئارتۇق دۆلەتنىڭ ئاساسلىق سودا ھەمراھى بولۇپ قالدى. 40 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو ئىشىكنى سىرتقا ئېچىۋېتىش داۋامىدا چوڭ دۆلەتلىك مەسئۇلىيەتچانلىقىنى نامايان قىلىپ، دۇنيا ئىقتىسادىنى باشقۇرۇشقا ئاكتىپ قاتنىشىپ، كەڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ تەرەققىياتىنى پائال قوللاپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىغا بىر قەدەر يۇقىرى تۆھپە قوشۇش نىسبىتىنى ساقلاپ، ئاسىيا پۇل مۇئامىلە كىرىزىسى، خەلقئارا پۇل مۇئامىلە كىرىزىسىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ئۆز تۆھپىسىنى قوشۇپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش ئۈچۈن پاراسەت ۋە كۈچ قوشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر