باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

دۇنيا ئىقتىسادى ئۈچۈن يېڭى ئېشىش بوشلۇقىنى كېڭەيتىش

-- رەئىس شى جىنپىڭ ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونى سودا-سانائەت باشلىقلىرى يىغىنىدىكى ئاساسىي مەقسەت نۇتقى توغرىسىدا

2018.11.22 08:34         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  «بەش يىل ئىلگىرى، مەن«بىر بەلباغ، بىر يول»نى بىرلىكتە قۇرۇش تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدىم. بۇنداق قىلىشتىكى مەقسەت ھەرقايسى دۆلەتلەر ۋە ھەرقايسى رايونلار ئارا ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەمتۈرتكىلىك تەرەققىيات ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈش، شۇ ئارقىلىق دۇنيا ئىقتىسادى ئۈچۈن يېڭى ئېشىش بوشلۇقىنى كېڭەيتىشتىن ئىبارەت.»

  رەئىس شى جىنپىڭ ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى سودا-سانائەت رەھبەرلىرى باشلىقلار يىغىنىدا ئاساسىي مەقسەت نۇتقى سۆزلەپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى بىرلىكتە قۇرۇش تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشنىڭ مەقسىتى ۋە تۈپ پىرىنسىپىنى تەكىتلەپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، جۇڭگو پات ئارىدا 2- نۆۋەتلىك «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرى ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. شى جىنپىڭنىڭ كەسكىن تەلەپپۇزدا ئېيتقان ئۇ سۆزلىرى ئەمەلىيەتتە جۇڭگونىڭ دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق گۈللىنىشى ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشىدىغان ئىرادىسى ۋە ئىشەنچىسىنى،ھەم شۇنداقلا«بىر بەلباغ، بىر يول»نى بىرلىكتە قۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، قەدەمنى چوڭقۇر ۋە پۇختا بېسىپ، ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىگە بەخت يارىتىش ئۈچۈن يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قوشىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

  «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش بولسا، ھەرقايسى دۆلەتلەر ۋە ھەرقايسى رايونلارنىڭ تەرەققىياتىدىكى ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئاشۇرۇشنى مەقسەت قىلغان بولۇپ، ئۇ ئەمەلىيەتتە دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتىنى يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ بىلەن تەمىنلىدى. بەش يىلدىن بۇيان، جۇڭگو 140تىن ئارتۇق دۆلەت ۋە خەلقئارا تەشكىلات بىلەن «بىر بەلباغ، بىر يول» ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىدى، زور بىر تۈركۈم چوڭ تىپتىكى ھەمكارلىق تۈرلىرى شۇ دۆلەتلەر ۋە رايونلاردا يىلتىز تارتتى. جۇڭگونىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول»غا ئالاقىدار دۆلەتلەر بىلەن ئېلىپ بارغان مال سودا سوممىسى بەش تىرىليون ئامېرىكا دوللىرىدىن ئاشتى، چەت ئەلگە بىۋاسىتە سېلىنغان مەبلەغلەر 600 مىليون ئامېرىكا دوللىرىدىن ئاشتى، ھەمدە شۇ جايلار ئۈچۈن 200 مىليوندىن ئارتۇق ئىش ئورنى يارىتىپ بەردى.ئېلىمىزنىڭ چەتئەللەرگە سالغان مەبلىغى پۈتۈن دۇنيانىڭ چەتئەللەرگە بىۋاسىتە سالغان مەبلەغلىرىنىڭ ئېشىشىدىكى مۇھىم ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىگە ئايلاندى. بەش يىللىق ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسى نۇرغۇن دۆلەت ۋە رايونلارنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات نىشانى بىلەن ئۆزئارا ماس كېلىدۇ. ئۇ، دۇنيا مىقياسىدا ئىقتىسادىي ھەمكارلىقنى، ھەمدە سودا ۋە مەبلەغ سېلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دۇنيا ئىقتىسادىغا يېڭى ئېشىش نۇقتىسى ياراتتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر