باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان 40 يىلدىكى 40 بىرىنچى: جياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ شۈجۇ شەھىرىدە تۇنجى ئۆي-زېمىن گۇۋاھنامىسى تارقىتىلدى

2018.11.21 14:12         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  2015-يىلى 3-ئاينىڭ 1-كۈنى، جياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ شۈجۇ شەھىرى پۇقراسى شىڭ ۋېيفىڭغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئۇنتۇلغۇسىز بىر كۈن بولدى. بۇ كۈنى، ئۇ شۈجۇ شەھەرلىك كۆچمەس مۈلۈكنى تىزىملاش ئىدارىسى مۇلازىمەت زالىدا، مەملىكەت بويىچە تۇنجى كۆچمەس مۈلۈك گۇۋاھنامىسىنى ئالدى. قىزىل رەڭلىك گۇۋاھنامىگە ھوقۇق ئىگىسى، مۈلۈك ئادرېسى، ئۆينىڭ كۆلىمى، ئىشلىتىش مۇددىتى قاتارلىق مەزمۇنلار تەپسىلىي خاتىرىلەنگەن ئىدى. گۇۋاھنامىنى قولغا ئالغان شۇ ۋاقىتتا، شىڭ ۋېيفېڭ مۇنداق دېدى: «خاتىرجەم بولدۇم. بۇ ئۆي-زېمىن ئىسپاتى مال-مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداپلا قالماستىن، كەلگۈسىدە يەنە سودىلىشىش ياكى رەنىگە قويۇش ئىشلىرىدا ناھايىتى قولايلىق».

  سىچۇەن ئۆلكىسى لۇشەن ناھىيەسى نيۇتەن بازىرى خېڭجياڭ كەنتى ئاھالىسى ليۇ دېچۈەنمۇ شۇ كۈندە «قىزىل تاشلىق گۇۋاھنامە»نى ئالدى. ئۇنىڭدا تۆت كىشىلىك بۇ ئائىلىنىڭ ئۆيلۈك يەرنى ئىشلىتىش ھوقۇقى ۋە ئۆي ئىگىدارلىق ھوقۇقى تىزىملانغان ئىدى. «بۇرۇن كىنىشكا بېجىرگەندە نۇرغۇن تارماقلارغا باراتتۇق، ھازىر پەقەت كۆچمەس مۈلۈكنى تىزىملاش مەركىزىدىن ئىبارەت بىر تارماقتىلا بېجىرگىلى بولىدۇ، ۋاقىت ۋە كۈچنى تېجەيدۇ، پۇقرالار ئۈچۈن ياخشى بولدى» __ ئۇ يەنە شۇنداق دېدى .

  ئوخشاش بىر كۈندە، جەنۇبتىكى نۇقتىلىق ئورمانچىلىق ناھىيەسى جياڭشى ئۆلكىسى چۇڭيى ناھىيەسى جيېبا يېزىسى شىپى كەنتىدىكى دېھقان لىن رېنچۈن بۇ جايدىكى تۇنجى ئورمان ھوقۇقى تۈرىدىكى كۆچمەس مۈلۈك ھوقۇقى گۇۋاھنامىسىنى قولىغا ئالدى. لىن رېنچۈن مۇنداق دېدى: بۇ «قىزىل تاشلىق گۇۋاھنامە» بولسىلا، 3.3 مو ياغلىق كامېلىيە ئورمانلىقىمنىڭ مۈلۈك ھوقۇقىدىن خاتىرجەم بولىمەن.

  شەھەردىن يېزىلارغا، تۇنجى تۈركۈمدىكى كۆچمەس مۈلۈك ھوقۇقى گۇۋاھنامىسىنىڭ تارقىتىلىشى ئېلىمىزنىڭ كۆچمەس مۈلۈكنى بىرتۇتاش تىزىملاش تۈزۈمىنىڭ رەسمىي يولغا قويۇلغانلىقىدىن دېرەك بەردى. تەبىئىي بايلىق مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى ۋاڭ گۇاڭخۇا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ھەر قايسى تارماقلارنىڭ تىزىملاش ئۇسۇلى، تېخنىكا قائىدىسى بىردەك بولماسلىق سەۋەبىدىن، ئەسلىدىكى تارقاق تىزىملىتىش ئۇسۇلى ناھايىتى ئاسانلا تۈرلۈك كۆچمەس مۈلۈك ھوقۇقىنىڭ تەكرارلىنىپ تىزىملىنىشى، ئۇنتۇلۇپ قېلىشىدەك ئەھۋاللارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئوخشاش بولمىغان تارماقلاردا تارقاق باشقۇرۇلسا ۋە تىزىملانسا يەنە ئاسانلا دېھقانچىلىق-ئورمانچىلىق يېرى، دېھقانچىلىق-چارۋىچىلىق يېرى ۋە ئورمانچىلىق-چارۋىچىلىق يېرىنىڭ ھوقۇق تەۋەلىكى ئېنىق ئايرىلماسلىق، ھوقۇق تەۋەلىكى ئېنىق بولماسلىقتەك ئەھۋاللارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، زىددىيەت ۋە ماجرالارنى پەيدا قىلىدۇ. بىر تۇتاش تىزىملاش ئالاقىدارلار ئوتتۇرىسىدا كۆچمەس مۈلۈك ھوقۇقى چېكىنى تېخىمۇ ياخشى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ھوقۇق تەۋەلىكى ماجىراسىنى ئازايتىپ، تىزىملاشنىڭ توغرىلىقى ۋە نوپۇزىنى ئۆستۈرىدۇ. بىر تۇتاش تىزىملاش يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، كۆچمەس مۈلۈكنى تىزىملاش ئۇچۇرىنى قانۇن بويىچە ئاشكارا سۈرۈشتۈرۈش تۈزۈمى ئورنىتىلىپ، يەنە كۆچمەس مۈلۈك سودىسىنىڭ بىخەتەرلىكى كاپالەتكە ئىگە قىلىنىدۇ. ۋاڭ گۇاڭخۇا يەنە مۇنداق دېدى: بۇ، دۆلىتىمىزنىڭ پۇقرالارنىڭ مال-مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش مۇساپىسىدىكى يەنە بىر ئابىدە. ئاساسىي قانۇن پۇقرالارنىڭ مال - مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغدايدۇ، نەرسە ھوقۇقى قانۇنىدا دېھقانلارنىڭ يەردىن پايدىلىنىدىغان مۈلۈك ھوقۇقى تەكىتلەندى. كۆچمەس مۈلۈكنى تىزىملاش ئارقىلىق، ھوقۇقنىڭ يەنە بىر باھارى باشلاندى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر