باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

ئېلىمىزدىكى ئەڭ چوڭ ئېچىۋېتىلگەن قۇرۇقلۇق يولى پورتى __مانجۇلى

ئېچىۋېتىلگەن يول ماڭغانسېرى كېڭىيىدۇ (ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى تەبرىكلەش. 100 شەھەر، 100 ناھىيە، 100 كارخانىنى تەكشۈرۈش سەپىرى)

2018.11.20 16:16         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  11-ئايدىكى ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونىنىڭ مانجۇلى شەھىرى قاتتىق سوغۇق ئىدى. لېكىن سوغۇق ھاۋا «سومكىچىلار»نى توسۇپ قالالمايتتى، چۈشتىن بۇرۇن سائەت 11 لەردە، چوڭ-كىچىك سومكىلىرىنى كۆتۈرگەن رۇسىيەلىكلەر بېكىتىلگەن سېتىش نۇقتىسىغا كېلىپ، تىجارىتىنى باشلىۋەتتى.

  «بۇ خىل سودا ئەندىزىسىگە 30 نەچچە يىل بولدى، ئۇلار ئۆزى ئېلىپ كەلگەن نەرسىلىرىنى سېتىپ بولۇپ، يەنە بۇ يەردىن نەرسە سېتىۋېلىپ قايتىدۇ. لېكىن بۇرۇنقى سودا تارقاق بولۇپ، كۆلەم شەكىللەندۈرمىگەنىدى.» مانجۇلى جۇڭگو-رۇسىيە چېگرا بازىرى سودا رايونى باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى چېڭ گوبىن مۇخبىرلارنى يېقىندا جۇڭگو-رۇسىيە ئۆزئارا باجدىن خالىي سودا رايونىغا باشلاپ بېرىپ، مۇنداق دېدى: «ھازىر بىز ئىسلاھات ئېلىپ باردۇق، بۇ يەردە رۇسىيەنىڭ بارلىق رايونلىرىنىڭ تاۋارلىرى بار، بىزنىڭ تاللاش نۇقتىمىز بارغانسىرى كەڭ بولدى.»

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، دۆلەتنىڭ نۇقتىلىق تەرەققىي قىلدۇرىدىغان، ئېچىۋېتىلگەن تەجرىبە رايونى قۇرۇلۇشى سۇپىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، مانجۇلىنىڭ تاشقى سودا ئومۇمىي سوممىسى سىجىل ئاشتى، تىجارەت سۇبيېكتلىرىنىڭ سانى يىلدىن-يىلغا كۆپەيدى، تاشقى سودا كەسپىنىڭ ئومۇمىي تەرەققىيات سەۋىيەسى كۆرۈنەرلىك ئۆستى.تاۋارغا تاۋار ئالماشتۇرۇشتىن ئېلېكتىرونلۇق سودىنىڭ تەرەققىياتىغىچە ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىقى كۈنسېرى قويۇقلاشتى.

  بۇ يىل 72 ياشقا كىرگەن يۈ رۇنزې بولسا، بىرىنچى تۈركۈمدە رۇسىيەگە بېرىپ تىجارەت قىلغان مانجۇلىلىق. ئۇ مۇنداق دېدى: «بىز دەسلەپ رۇسىيەگە بارغان چاغدا، پەقەتلا بىر قىسىم چېگرا سودىسىلا قىلاتتۇق، ھازىر بىز موسكۋادا تىجارەت قىلماقتىمىز، ھەمكارلىق دائىرىمىزمۇ بارغانسېرى كېڭەيدى.»

  1992-يىلى، دۆلەت مانجۇلىنى تۇنجى تۈركۈمدە چېگرا بويىدىكى ئېچىۋېتىلگەن شەھەر دائىرىسىگە كىرگۈزدى ھەمدە جۇڭگو-رۇسىيە چېگرا بازىرى سودا رايونى قۇرۇشنى تەستىقلىدى

  1996-يىلى، گوۋۇيۈەن چېگرا سودىسى سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، كارخانىلارنىڭ چېگرا سودىسى ئىمپورت كەسپىنى كېڭەيتىش ئاكتىپلىقىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈردى. مانجۇلى تاموژنىسىدىن ئىمپورت-ئېكسپورت قىلىنغان تاۋارلار ئۈزلۈكسىز كۆپەيدى، 2017-يىلىغا كەلگەندە، مانجۇلى تاموژنىسىنىڭ ئىمپورت-ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتى 37 مىليارد 610 مىليون يۈەنگە يەتتى، چېگرا ئېغىزىنىڭ مال ئۆتكۈزۈش مىقدارى 31 مىليون 90 مىڭ توننىغا يېتىپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكىنىڭ 130 ھەسسىسىگە يەتتى.

  «بۇ تەرەپ پارچە سېتىش رايونى، ئاۋۇ تەرەپ مەخسۇس سېتىش دۇكىنى، نۇرغۇن زاۋۇتلار بۇ يەردە بەس-بەستە دۇكان ئاچماقتا.» باجدىن خالىي رايون مەسئۇلىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، «ئەنگە ئېلىنغان چوڭ تۈردىكى تاۋار 40 تۈرگە يەتكەن، بۇ 554 تۈرلۈك بۇيۇم ۋە 2000 تۈردىن ئارتۇق تاۋارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.» 2017-يىلى 7-ئايدىن ھازىرغا قەدەر بولغان بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت ئىچىدە، جۇڭگو-رۇسىيە ئۆزئارا باجدىن خالىي سودا رايونىدا 2 مىليارد 140 مىليون يۈەنلىك سېتىش مىقدارى ئىشقا ئاشۇرۇلغان.

  ئەنئەنىۋى سودىدىن باشقا، ئېلېكتىرونلۇق سودىمۇ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلاندى. 2016-يىلى، مانجۇلى شەھىرىنىڭ ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونى باۋتەي سودا شەھەرچىسى ئېلېكتىرونلۇق سېتىش سۇپا سىستېمىسى تىجارەت باشلىدى، نۆۋەتتە تۈرلۈك مەھسۇلاتلار 3000 خىلدىن ئاشتى. ھازىر مانجۇلى شەھىرىدە رويخەتكە ئالدۇرۇلغان ئېلېكتىرون كارخانىلىرىدىن 89ى بار بولۇپ، چېگرا سىرتىدىن سېتىۋېلىش دۇكانلىرى 300دىن ئاشتى، كارخانىلار ئۆزى قۇرغان تۈر سۇپىسى ۋە ئەشيا ئوبوروت سۇپىسى 13كە يېتىپ، ئېلېكتىرونلۇق سودا يىللىق سودا سوممىسى 700 مىليون يۈەندىن ئاشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر