باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشلا جۇڭگونى تەرەققىي قىلدۇرالايدۇ

__ رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى سودا-سانائەت رەھبەرلىرى باشلىقلار يىغىنىدا قىلغان ئاساسىي مەقسەت نۇتقى توغرىسىدا

2018.11.20 15:48         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش بولمىغان بولسا، جۇڭگونىڭ بۈگۈنى بولمايتتى، شۇنداقلا جۇڭگونىڭ كەلگۈسىمۇ بولمايتتى.

  «40 يىللىق ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش تارىخىي مۇساپىسىنى ئەسلىسەك، جۇڭگو خەلقى ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭلا جۇڭگونى تەرەققىي قىلدۇرالايدىغانلىقىنى تېخىمۇ قەتئىي ھالدا تونۇپ يەتتى». رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى سودا-سانائەت رەھبەرلىرى باشلىقلار يىغىنىدا ئاساسىي مەقسەت نۇتقى سۆزلەپ، «باتۇرلۇق بىلەن ئىزدىنىپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەش»، «باغرىنى كەڭ ئېچىپ، دۇنيانى قۇچاقلاش»، «دىققىتىنى تەرەققىياتقا مەركەزلەشتۈرۈپ، خەلققە بەخت يارىتىش»، «دۇنيانى كۆڭلىگە پۈكۈپ، تەرەققىياتنى ئورتاق كۆزلەش»تىن ئىبارەت تۆت جەھەتتىن ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ جۇڭگو ۋە دۇنيانىڭ ئورتاق تەرەققىي قىلىپ ئالغا ئىلگىرىلىشىدىكى ئۇلۇغ مۇساپە ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر شەرھلەپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگونىڭ خەلققە بەخت يارىتىپ، دۇنياغا تۆھپە قوشۇشتەك قەتئىي ئىرادىسىنى تەنتەنىلىك جاكارلاپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشتى.

  40 يىللىق بوران-چاپقۇنلۇق مۇساپە، 40 يىللىق جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش، جۇڭگو خەلقى ئۆزىنىڭ ئەقىل-پاراسىتى ۋە ئەمگەكچان ئىككى قولىغا تايىنىپ، دۆلەت ۋە مىللەت تەرەققىياتىنىڭ سەلتەنەتلىك داستانىنى پۈتۈپ، ئورنىدىن دەس تۇرۇش، بېيىشتىن قۇدرەت تېپىشقىچە بولغان تارىخىي ھالقىشنى كۈتۈۋېلىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنىڭ شانلىق مۇساپىسىنى ئاچتى. 1978-يىلىدىن 2017-يىلىغىچە، جۇڭگو ئاھالىسىنىڭ ئىلىكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىمى 22.8 ھەسسە ئېشىپ، 740 مىليون كىشى نامراتلىقتىن قۇتۇلدى؛ ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنىڭ سانى ئىككى ھەسسە ئېشىپ، شەھەر-يېزىلاردا ھەقسىز مەجبۇرىيەت مائارىپى ئومۇميۈزلۈك ئىشقا ئېشىپ، دۇنيا بويىچە ئاھالە بىلەن قاپلىنىش نىسبىتى ئەڭ كۆپ ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسى ئاساسىي جەھەتتىن شەكىللەندى؛ جۇڭگو دۇنيادىكى 1-چوڭ مال سودىسى دۆلىتى، ئەڭ چوڭ ساياھەت بازىرى، 130دىن ئارتۇق دۆلەتنىڭ ئاساسلىق سودا شېرىكى... گە ئايلاندى. 40 يىلدا، جۇڭگونىڭ قىياپىتى، جۇڭگو خەلقىنىڭ قىياپىتىدە ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىش يۈز بېرىپ، جۇڭگو خەلقىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى كۆرۈنەرلىك ئېشىپ، جۇڭگو ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن ئەقىل-پاراسەت ۋە كۈچ قوشتى.

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر