باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىيات توغرا يۆنىلىشىنى ئىگىلەيلى

— رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونى سودا-سانائەت باشلىقلار يىغىنىدا ئاساسىي مەقسەت نۇتقى سۆزلىگەنلىكى ھەققىدە

2018.11.19 15:37         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۇنيا ئىقتىسادى نەگە بارىدۇ، ئىنسانلار قانداق تاللىشى كېرەك؟ بۇ ئىنسانىيەتنىڭ ئىستىقبالى ۋە تەقدىرىگە مۇناسىۋەتلىك زور تېما.

  ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ سودا-سانائەت رەھبەرلىرى باشلىقلار يىغىنىدا، رەئىس شى جىنپىڭ ئاساسىي مەقسەت نۇتقى سۆزلەپ، دۇنيانىڭ تارىخىي زور ۋەزىيىتىگە ئىلمىي ھۆكۈم قىلىپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىيات توغرا يۆنىلىشىنى ئىگىلەشتىكى بەش تەشەببۇسنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئىقتىسادنىڭ يەر شارىلىشىشىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دۇنيانى تۈزەش سىستېمىسى ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى جۇڭگو لايىھەسى بىلەن تەمىنلەپ، «دۇنيا خەلقى بىر ئائىلە كىشىلىرى»دىن ئىبارەت جۇڭگو ئەقىل- پاراسىتى نامايان قىلىپ، جۇڭگونىڭ دۇنيانى ئورتاق ئېچىۋېتىشىنىڭ مۇھىم ئىلگىرى سۈرگۈچىسى، دۇنيا ئىقتىسادىنى تۈزەش ئىسلاھاتغا پائال تۆھپە قوشقۇچىسىدىن ئىبارەت ئەمەلىي ئوبرازىنى نامايان قىلدى.

  ھازىرقى دۇنيا 100 يىلدىن بۇيان كۆرۈلمىگەن چوڭ ئۆزگىرىشنى باشتىن كەچۈرمەكتە. بىر تەرەپتىن، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئالاقىسى كۈنسايىن قويۇقلاشتى، دۇنيانى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە خەلقئارا تەرتىپنىڭ ئۆزگىرىشى تېز ئالغا سىلجىۋاتىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن، دۇنيا ئىقتىسادى چوڭقۇر تەڭشىلىپ، قورۇقچىلىق، بىر تەرەپلىمىلىك مەسلىكى باش كۆتۈرۈپ قالدى، ئىقتىسادنىڭ يەرشارىلىشىشى ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىماقتا، كۆپ تەرەپلىك ۋە ئەركىن سودا تۈزۈلمىسى زەربىگە ئۇچرىدى، مۇقىمسىز، ئېنىقسىز ئامىللار يەنىلا ناھايىتى كۆپ، خەۋپ-خەتەر، خىرىسلار كۈچەيمەكتە. بىراق، ئىقتىسادنىڭ يەر شارىلىشىشى كەينىگە ياندۇرغىلى بولمايدىغان تارىخىي يۈزلىنىش بولۇپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتىنى كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ بىلەن تەمىنلىدى. مۇرەككەپ ۋەزىيەت داۋامىدا قانۇنىيەتنى ئىگىلەپ، ۋەزىيەتنى ئېنىق تونۇپ، ئېچىۋېتىش-ھەمكارلىشىش ئىشەنچىنى مۇستەھكەملەپ، خىيىم-خەتەر، خىرىسلارغا ئورتاق تاقابىل تۇرۇش − ئىنسانلارنىڭ ئەڭ ئاقىلانە تاللىشىدۇر. ئومۇمىي ۋەزىيەتكە ماسلىشىش داۋامىدا، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىيات توغرا يۆنىلىشىنى ئىگىلەپ، خەلقئارا جەمئىيەت ئۈچۈن ئۈنۈملۈك ئىدارە قىلىش پىكىر يولى تېپىش بولسا ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ مەنپەئىتىگە مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئىنسانىيەتنىڭ ئەقىل-پاراسىتى ۋە خەلقارا ھەققانىيەتنى نامايان قىلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر