باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

ھەربىي ئىشلار سىياسەت- تۈزۈم ئىسلاھاتى ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنىڭ غەلىبىسىنى قەتئىي قولغا كەلتۈرۈپ، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىشلىرىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى يارىتىش لازىم

— رەئىس شى جىنپىڭنىڭ مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ سىياسەت- تۈزۈم ئىسلاھاتى خىزمىتى يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى ئازادلىق ئارمىيە ۋە قوراللىق ساقچى قىسىمدا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى

2018.11.16 14:53         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  «ھەربىي ئىشلار سىياسەت-تۈزۈم ئىسلاھاتىنىڭ مۇھىملىقى ۋە تەخىرسىزلىكىنى ئېنىق تونۇپ، ئىدىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئىشەنچنى مۇستەھكەملەپ، قەدەمنى تەكشى ئېلىپ، چىڭ تۇتۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەربىي ئىشلار سىياسەت-تۈزۈم ئىسلاھاتىنىڭ ۋەزىپىلىرىنى ياخشى ئورۇنداش لازىم.»

  مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ سىياسەت-تۈزۈم ئىسلاھاتى خىزمىتى يىغىنى 13-نويابىردىن 14-نويابىرغىچە بېيجىڭدا ئېچىلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى شى جىنپىڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. رەئىس شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى ئازادلىق ئارمىيە ۋە قوراللىق ساقچى قىسىمدا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى. كۆپچىلىك بىردەك مۇنۇلارنى بىلدۈردى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى ھەربىي ئىشلار سىياسەت-تۈزۈم ئىسلاھاتىنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتى، ئىستراتېگىيەلىك تەدبىرلىرى ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش تەلىپىنى چوڭقۇر شەرھلەپ، «نېمىشقا ئىسلاھ قىلىش، نېمىنى ئىسلاھ قىلىش، قانداق ئىسلاھ قىلىش» قاتارلىق مۇھىم مەسىلىلەرگە ئىلمىي جاۋاب بېرىپ، جۇڭگوچە ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش يولىنىڭ دەۋر تەلىپىنى نامايان قىلغان، كۈچلۈك سىياسىۋىيلىق، ئىدىيەۋىيلىك، ئىستراتېگىيەلىك، يېڭىلىق يارىتىش خاراكتېرگە ئىگە بولۇپ، پارتىيەنىڭ ھەربىي ئىشلار يېتەكچى نەزەرىيەسىنىڭ ئەڭ يېڭى مۇۋەپپەقىيىتى، ئىسلاھات ئارقىلىق ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇشتىكى يەنە بىر پارچە پىروگرامما خاراكتېرلىك ھۆججەتتۇر. ھەربىي ئىشلار سىياسەت-تۈزۈم ئىسلاھاتىنىڭ مۇھىملىقى ۋە تەخىرسىزلىكىنى چوقۇم ئېنىق تونۇپ، ئىدىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئىشەنچىنى مۇستەھكەملەپ، قەدەمنى تەكشى ئېلىپ، چىڭ تۇتۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەربىي ئىشلار سىياسەت-تۈزۈم ئىسلاھاتى ۋەزىپىلىرىنى ياخشى ئورۇنداپ، پارتىيەنىڭ يېڭى دەۋردىكى ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، خەلق ئارمىيەسىنى دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئارمىيە قىلىپ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىمىز.

  ھەرقايسى ئۇرۇش رايونلىرى، ھەرقايسى ئارمىيەلەر، قىسىم تۈرلىرى دەرھال پارتكوم يىغىنى ئېچىپ، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنى يەتكۈزدى ۋە ئۆگەندى. كۆپچىلىك مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ھەربىي ئىشلار سىياسەت- تۈزۈمى ھەربىي مۇناسىۋەتنى تەڭشەپ، ھەربىي ئىشلار ئەمەلىيىتىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، ھەربىي ئىشلار تەرەققىياتىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ، ھەربىي ئىشلار سىياسەت-تۈزۈم ئىسلاھاتى − پارتىيەنىڭ يېڭى دەۋردىكى ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، خەلق ئارمىيەسىنى دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئارمىيە قىلىپ قۇرۇپ چىقىش، «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا زور ئەھمىيەتكە ئىگە. 18-قۇرۇلتاي مابەينىدە، رەئىس شى جىنپىڭ جۇڭگو ئارزۇسى، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى كۆزلەپ دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش چوڭ ئومۇمىيىتىگە كىرگۈزۈپ، خەلق ئارمىيەسىگە رەھبەرلىك قىلىپ، ئىسلاھات ئارقىلىق ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىستراتېگىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، جۇڭگوچە ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش يولىدا داغدام قەدەم بىلەن ئىلگىرىلىدى. دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە ئىسلاھاتىدا قويۇۋېتىشكىمۇ، يىغىشتۇرۇۋېلىشقىمۇ ماھىر بولۇپ، كونىنى ئۈزۈل-كېسىل بۇزۇپ تاشلاپ، يېڭىنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، تېز سۈرئەت بىلەن قەدەمنى پۇختا ئېلىپ، ئاساسلىق ساھەلەردە تارىخىي قەدەم تاشلاپ، تارىخىي بۆسۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، تارىخىي نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى، خەلق ئارمىيەسىنىڭ تۈزۈلمىسى، قۇرۇلمىسى، ئەندىزىسى، قىياپىتى پۈتۈنلەي يېڭىلاندى. رەھبەرلىك- قوماندانلىق تۈزۈلمە ئىسلاھاتىدا مۇھىمى تۈزۈلمە خاراكتېرلىك توسالغۇلارنى بۆسۈپ تاشلاش بولۇپ، «چوڭ مېڭىنى كۈچەيتىپ، تۈگۈننى ساغلاملاشتۇرۇش» ئارقىلىق، ئارمىيەنىڭ «تۆت لىم، سەككىز تۈۋرۈكى» تىكلەندى؛ كۆلەم قۇرۇلمىسى ۋە كۈچ تۈزۈلۈشى ئىسلاھاتىدا مۇھىمى قۇرۇلما خاراكتېرلىك زىددىيەتلەرنى ھەل قىلىش بولۇپ، «بەدەننى كۈچلەندۈرۈپ، مۇسكۇلنى قاۋۇل قىلىش» ئارقىلىق، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك ھەربىي كۈچ سىستېمىسى بەرپا قىلىندى. ئالدىنقى «ئىككى چوڭ جەڭ»نىڭ مۇھىم نەتىجىلىرى __ ھەربىي ئىشلار سىياسەت-تۈزۈم ئىسلاھاتىغا پۇختا ئاساس سالدى. بۇ، ئۇرۇشتا مۇھىمى سىياسەت خاراكتېرلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش بولۇپ، «تومۇرنى راۋانلاشتۇرۇپ، قاننى جانلاندۇرۇش» ئارقىلىق، ئارمىيەمىزنىڭ سىياسەت-تۈزۈملىرىنى قايتا بەرپا قىلىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك ھەربىي ئىشلار تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈردى ۋە راۋاجلاندۇردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر