باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

يېڭى دەۋردە «فېڭچياۋ تەجرىبىسى»نى كەڭ ئەۋج ئالدۇرايلى

2018.11.13 16:39         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  «كىچىك ئىشنى كەنتتە ھەل قىلىش، چوڭ ئىشنى بازاردا ھەل قىلىش، زىددىيەتلەرنى يۇقىرىغا قالدۇرماسلىق.»

  ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 60-يىللىرى، جېجياڭنىڭ فېڭچياۋدىكى كادىرلار، ئامما «فېڭچياۋ تەجرىبىسى»نى يارىتىپ، مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرى ئۇنىڭدا چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇپ، تولۇپ تاشقان جۇشقۇنلۇق ۋە ھاياتىي كۈچنى ئۇرغۇتۇپ، مەملىكەت بويىچە سىياسىي-قانۇن ئۇنىۋېرسال تۈزەش سېپىدىكى بىر بايراققا ئايلاندى. 11-ئاينىڭ 12-كۈنى، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي قانۇن كومىتېتى ۋە جېجياڭ ئۆلكىلىك پارتكوم بىرلىكتە «فېڭچياۋ تەجرىبىسى» بارلىققا كەلگەن جايدا خاتىرىلەش يىغىنى ئۆتكۈزدى، بۇ يېڭى دەۋردە «فېڭچياۋ تەجرىبىسى»نى راۋاجلاندۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشنى زامانىۋىلاشتۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى تېزلىتىپ، تىرىشىپ تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك ئەمىن جۇڭگو قۇرۇپ چىقىپ، ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇشنى مەقسەت قىلغان.

  55 يىل ئىلگىرى، يولداش ماۋ زېدۇڭ «فېڭچياۋ تەجرىبىسى»نى ئۆگىنىپ كېڭەيتىشنى تەستىقلىدى. 15 يىل ئىلگىرى، جېجياڭ ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىلىقىغا تەيىنلەنگەن يولداش شى جىنپىڭ «فېڭچياڭ تەجرىبىسى»نى تولۇق قەدىرلەش، زور كۈچ بىلەن كېڭەيتىش، ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىشنى ئېنىق تەلەپ قىلدى. بەش يىل ئىلگىرى، باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇھىم يوليورۇق بېرىپ، «فېڭچياۋ تەجرىبىسى»دە چىڭ تۇرۇش، ياخشى راۋاجلاندۇرۇشنى تەلەپ قىلدى. 55 يىلدىن بۇيان، بولۇپمۇ پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، جايلار ۋارىسلىق قىلىش ئاساسىدا يېڭىلىق يارىتىپ، تەجرىبە توپلاش ئاساسىدا چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، «فېڭچياۋ تەجرىبىسى»نىڭ ئەمەلىيلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېزا-كەنتلەرنىڭ «فېڭچياۋ تەجرىبىسى»دىن شەھەر-بازار، مەھەللىلەرنىڭ «فېڭچياۋ تەجرىبىسى»، دېڭىز ئۈستى «فېڭچياۋ تەجرىبىسى»، تور «فېڭچياۋ تەجرىبىسى»نى ھاسىل قىلىپ، جەمئىيەت ئامانلىقى ساھەسىدىن ئىقتىساد، سىياسەت، مەدەنىيەت، جەمئىيەت، ئېكولوگىيە قاتارلىق ساھەلەرگە كېڭەيتتى. ئەمەلىيەت شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، «فېڭچياۋ تەجرىبىسى» پارتىيەنىڭ خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ ياراتقان جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشتىكى بىر يۈرۈش ئۈنۈملۈك لايىھەسى، يېڭى دەۋردىكى سىياسىي-قانۇن ئۇنىۋېرسال ئىدارە قىلىش سېپىنىڭ چوقۇم چىڭ تۇرۇش ۋە ئەۋج ئالدۇرۇشقا تېگىشلىك «ئالتۇن ۋىۋىسكا»سى. «فېڭچياۋ تەجرىبىسى»نىڭ كۈنسېرى يېڭىلىنىپ، ھاياتىي كۈچكە تولىشىدىكى سەۋەب باشتىن-ئاخىر پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدىن ئىبارەت ئەڭ چوڭ ئەۋزەللىككە تايانغانلىقى، باشتىن-ئاخىر خەلق ھەممىدىن ئۈستۈن دېگەن ئەسلىي مەقسەتتە چىڭ تۇرغانلىقى، باشتىن-ئاخىر ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىشتىن ئىبارەت دەۋر روھىنى ئەۋج ئالدۇرغانلىقى، باشتىن-ئاخىر ئاساسىي قاتلامدىن ئىبارەت زور مەنبەنى قوزغاتقانلىقىدىن بولغان.

  يېڭى دەۋردە «فېچياۋ تەجرىبىسى»دە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشتا باشتىن-ئاخىر پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەنىنى ئەمەلدە كۆرسىتىش كېرەك. ئاممىۋى لۇشيەن پارتىيەمىزنىڭ جان تومۇرى ۋە تۈپ خىزمەت لۇشيەنى، دەۋرنىڭ قانداق ئۆزگىرىشىدىن قەتئىينەزەر ئاممىۋى لۇشيەندىن ئىبارەت پارتىيەنىڭ تەۋەررۈكىنى يوقىتىپ قويۇشقا بولمايدۇ. «فېڭچياۋ تەجرىبىسى»نىڭ ئاممىغا تايىنىپ زىددىيەتنى ئۆز جايىدا ھەل قىلىشىنىڭ ماھىيىتى پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەننى ئىزچىللاشتۇرغانلىقى، ئەمەلىيلەشتۈرگەنلىكىدىن ئىبارەت. دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلىگەن ئاساستا «فېڭچياۋ تەجرىبىسى»دە چىڭ تۇرۇپ، ياخشى راۋاجلاندۇرۇشتا، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىنى تۈپ كاپالەت قىلىپ، پارتكوم رەھبەرلىك قىلىدىغان، ھۆكۈمەت مەسئۇل بولىدىغان، جەمئىيەت ماسلىشىدىغان، ئامما قاتنىشىدىغان، قانۇنچىللىق كاپالىتىگە ئىگە ئاساسىي قاتلامنىڭ جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش تۈزۈلمىسى ئورنىتىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچىنى مۇجەسسەملەش؛ «خەلقنى مەركەز قىلىش»نى تۈپ مەيدان قىلىپ، تىرىشىپ ئاممىنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان يېڭى ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپ، شەھەر-يېزا ئاممىسىنى ئاساسىي قاتلامنىڭ جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشتىكى ئەڭ زور مەنپەئەتلەنگۈچى، ئەڭ كەڭ قاتناشقۇچى، ئەڭ ئاخىرقى باھالىغۇچىلىرىغا ئايلاندۇرۇش كېرەك.

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر