باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي دېڭىزىنى تېخىمۇ ھەيۋەتلىك قىلايلى

-- رەئىس شى جىنپىڭنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا قىلغان ئاساسىي مەقسەت نۇتقى سۆزى توغرىسىدا

2018.11.12 16:19         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  گېزىتىمىز ئوبزورچىسى

  جۇڭگو ئىسلاھات ۋە ئېچىۋېتىشنىڭ 40 يىللىق تارىخى بولسا، بىر پارچە كۈرەش تارىخىدۇر.

  تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىدا، رەئىس شى جىنپىڭ دېڭىزنى تەمسىل كەلتۈرۈپ جۇڭگو ئىقتىسادىنى مۇھاكىمە قىلدى ۋە «جۇڭگونىڭ ئىقتىسادى ھەرگىزمۇ بىر بىر كىچىك كۆلچەك ئەمەس، بەلكى چەكسىز بىر دېڭىزدۇر. نۇرغۇن بوران-چاپقۇنلارنى باشتىن كەچۈرگەن بۇ دېڭىز يەنىلا شۇ جايىدا! 5000 يىلدىن ئارتۇق جاپا-مۇشەققەتلەرنى باشتىن كەچۈرگەن جۇڭگومۇ يەنىلا بۇ ماكاندا قەد كۆتۈرۈپ تۇرماقتا! كەلگۈسىگە يۈزلىنىپ تۇرۇپ كۆزەتسەكمۇ، جۇڭگو مەڭگۈ بۇ ماكاندا بولغۇسى!»دېدى، ھەمدە جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي ئىستىقبالىنىڭ پارلاق ئىكەنلىكىگە بولغان ئىشەنچىسىنى مەردانىلىك بىلەن جاكارلاپ، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئۇزاق مۇددەتكىچە ساغلام ۋە مۇقىم ھالدا تەرەققىي قىلىشنى ساقلاشقا بولغان ئىشەنچ ۋە ئىرادىسىنى نامايان قىلدى، ھەم شۇنداقلا، جۇڭگو باشتىن-ئاخىر دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىدىكى مۇقىم ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ مەنبەسىدۇر، دەيدىغان جۇڭگو ئېتىقادىدىن دۇنيا كىشىلىرىنى خەۋەردار قىلدى.

  جۇڭگو ئىقتىسادىدىن ئىبارەت بۇ دېڭىزنى تېخىمۇ ھەيۋەتلىك قىلدۇرماقچى بولساق، غەلىبە قىلىش ئىشەنچىمىزنى كۈچەيتىشىمىز لازىم. نۆۋەتتە، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ يۈرۈشۈشى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولۇپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلىمەكتە. ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە، ئېلىمىزنىڭ GDP سىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى %6.7گە يەتكەن بولۇپ، شەھەر-بازارلاردا يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنىڭ سانى 11 مىليون كىشىدىن ئاشقان، مۇلازىمەت كەسىپلىرىنىڭ ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا تۆھپە قوشۇش نىسبىتى %60.8نى ئىگىلىگەن. بۈگۈنكى جۇڭگو، دۇنيا بويىچە 2- چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدىگە ئايلاندى، ئۇنىڭ ئۇدا نەچچە يىل دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىغا قوشقان تۆھپە نىسبىتى % 30تىن ئاشتى. باشقا ئاساسىي ئىقتىسادىي گەۋدىلەر بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ئېلىمىز ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىدا يەنىلا دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ. خۇددى رەئىس شى جىنپىڭ تەكىتلىگەندەك: جۇڭگو بولسا، ئۇنىڭ ئىقتىسادى ئۇزاققىچە ساغلام ۋە مۇقىم تەرەققىي قىلىدىغان نۇرغۇن پايدىلىق شارائىتلارغا ئىگە، بىزدە 1 مىليارد 300 مىليوندىن ئارتۇق نوپۇسى بولغان ئىچكى ئېھتىياج بازىرىمىز بار، دۇنيا بويىچە ئەڭ مۇكەممەل بولغان كەسىپ سىستېمىمىز ۋە ئۈزلۈكسىز كۈچىيىۋاتقان پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىمىز بار، ئالىي مائارىپ تەربىيەسى كۆرگەن ياكى كەسپىي ماھارەت يېتىلدۈرگەن 170 مىليوندىن ئاشىدىغان ئىختىساسلىقلىرىمىزغا ئىگەمىز. ھەر تەرەپتىكى ئامىللارنى ئومۇملاشتۇرۇپ تەھلىل قىلساق، جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ ساغلام ۋە مۇقىملىقى ئاساسى جەھەتتىن ئۆزگەرمىدى، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تىرەك بولىدىغان ئىشلەپچىقىرىش ئامىللىرىنىڭ شارائىتى ئۆزگەرمىدى، ئۇزاق مۇددەتكىچە مۇقىملىق ساقلانغان ئاساستىكى ياخشىلىنىشنىڭ ئومۇمىي ۋەزىيىتى ئۆزگەرمىدى. جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىيات ئىستىقبالىغا قارىتا، بىز يەنىلا ئۈمىدۋار پوزىتسىيەدە تۇرساق بولىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر