باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

سىغدۇرۇشچان بولۇش ۋە ئومۇميۈزلۈك نەپ يەتكۈزۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئورتاق تەرەققىي قىلىشنى ئىلگىرى سۈرەيلى

-- رەئىس شى جىنپىڭنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا قىلغان ئاساسىي مەقسەت نۇتقى توغرىسىدا

2018.11.08 17:07         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشى بارغانچە چوڭقۇر تەرەققىي قىلىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، ئاجىزلار كۈچلۈكلەرگە يەم بولۇش ۋە ئاجىزلارنى كۈچلۈكلەر بوزەك قىلىشتەك ئىدىيەدە بولۇش، ئۇ بىر خىل تۇيۇق يولدۇر.شۇڭا، سىغدۇرۇشچان بولۇش، ئومۇميۈزلۈك نەپ يەتكۈزۈش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ۋە ئورتاق پايدا ئېلىش بولسا، ماڭغانسېرى كېڭىيىدىغان ۋە ئىنسانىيەتكە خاس بولغان توغرا يولدۇر.

  رەئىس شى جىنپىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا ئاساسىي مەقسەت نۇتقى سۆزلىگەندە، ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشىدىن ئىبارەت بۇ تارىخىي ۋەزىيەتنى ئىلمىي ئىگىلەپ، سىغدۇرۇشچان بولۇش ۋە ئومۇميۈزلۈك نەپ يەتكۈزۈشتە چىڭ تۇرۇش ھەم ئورتاق تەرەققىي قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشتەك تەشەببۇسنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئېچىۋېتىش ۋە ھەمكارلىشىشنى پائال ئىلگىرى سۈرۈشلىرى، ھەمدە تېخىمۇ گۈزەل دۇنيانى ئورتاق بەرپا قىلىشلىرى ئۈچۈن،ئۇلارغا توغرا يۆنىلىش ۋە يولنى كۆرسىتىپ بەردى، ھەمدە يىغىنغا قاتناشقان ئەزىز مېھمانلارنىڭ يۈكسەك ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشتى، نەتىجىدە، شى جىنپىڭنىڭ ئۇ نۇتقى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كەڭ دىققىتىنى قوزغىدى.

  "باھار كەلمەس بىر تاللا گۈل تەنھا ئېچىلسا، باھار دەيمىز بارچە گۈلنىڭ ھىدى چېچىلسا." بەختلىك تۇرمۇشقا ئىنتىلىش ھەرقايسى ئەل خەلقلىرىنىڭ ئورتاق ئارزۇسى. بۈگۈنكى دۇنيادا، ماددىي تېخنىكا سەۋىيەسىنىڭ تەرەققىي قىلىشى قەدىمكى كىشىلەر تەسەۋۋۇر قىلالمايدىغان دەرىجىگە يەتتى. لېكىن، تەرەققىيات تەڭپۇڭ بولماسلىق ۋە يېتەرلىك بولماسلىق مەسىلىسى يەنىلا ئومۇميۈزلۈك مەۋجۇت، دۇنيادا يەنە نۇرغۇن دۆلەتتىكى خەلقلەرنىڭ تۇرمۇشى قىيىنچىلىق ئىچىدە تۇرماقتا. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، دۇنيا بارغانسېرى ئۆزئارا ئايرىلالمايدىغان تەقدىرى ئورتاق گەۋدىگە ئايلاندى. مۇشۇنداق ۋەزىيەتتە، ئەگەر يەنىلا "سەن ئۇتتۇرىسەنكى، مەن ئۇتىمەن، ئۇتقۇچى ھەممىگە ئىگە"دەيدىغان ئۇ خىل كونىراپ قالغان لوگىكا بىلەن تەپەككۇر قىلسا، ئەگەر يەنىلا بۇرۇنقىدەك بىر-بىرىگە ۋە قوشنىسىغا ئورا كولايدىغان ئۇنداق كونا ۋە پەسكەش ۋاسىتىلەرنى قوللانسا، نەتىجىدە، باشقىلارنىڭ يولىنى ئېتىپ قويۇپلا قالماستىن، يەنە ئۆزىنىڭ يولىنىمۇ چوقۇپ ئېتىپ قويىدۇ، ئۆزى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ ئاساسىنى چىرىتىپ قويىدۇ، پۈتۈن ئىنسانىيەتنىڭ كەلگۈسىگە زىيان يەتكۈزىدۇ. خۇددى رەئىس شى جىنپىڭ تەكىتلىگەندەك: «ئىنسانىيەت جەمئىيىتى سىجىل تەرەققىي قىلماقچى بولسا، ھەر قايسى دۆلەتلەر چوقۇم ئېچىۋېتىشتا ۋە ھەمكارلىشىشتا چىڭ تۇرۇشى كېرەككى،ھەرگىز ھەمكارلىشىپ قارشى تۇرماسلىقى كېرەك، ئورتاق پايدا ئېلىشلىرى كېرەككى،ھەرگىز ئۆزى يالغۇز ئىگىلىۋالماسلىقى كېرەك.» پەقەت سىغدۇرۇشچان بولۇش ۋە ئومۇميۈزلۈك نەپ يەتكۈزۈشتە چىڭ تۇرغاندىلا، پەقەت دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ گۈللەپ راۋاجلىنىشىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرگەندىلا، پەقەت نۇرغۇن دۆلەت خەلقلەرنىڭ ھازىر يەنىلا دۇچ كېلىۋاتقان نامراتلىق ۋە قالاقلىق مەسىلىسىنى ئورتاق تۈگەتكەندىلا، پەقەت پۈتكۈل دۇنيادىكى بالىلارنىڭ كىيىم-كېچەك ۋە يېمەك-ئىچمەكتىن غەم قىلمايدىغان تۇرمۇشىنى ئورتاق بەرپا قىلغاندىلا، ئاندىن تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن ھەر قايسى دۆلەتلەرگە نەپ يەتكۈزگىلى، ھەمدە ھەممە كىشىنى مەدەنىيەتتىن ئوزۇق ئالقۇزغىلى بولىدۇ.

  سىغدۇرۇشچان بولۇش ۋە ئومۇميۈزلۈك نەپ يەتكۈزۈشتە چىڭ تۇرۇش ھەم ئورتاق تەرەققىي قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، چوقۇم ئېچىۋېتىش، يۈرۈشتۈرۈش ۋە ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، ھەمدە ئورتاق پايدا ئېلىش يولىدا مېڭىش كېرەك. ئېچىۋەتكەندىلا ئاندىن ئالغا باسقىلى، ھەمكارلاشقاندىلا ئاندىن تەڭ مەنپەئەتلىنىشنى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدۇ. خەلقئارا سودا ۋە مەبلەغ سېلىش قاتارلىق ئىقتىساد-سودا ئالاقىلىرىنىڭ يىلتىزى ئەسلىدە ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ئۆزئارا پايدىلىنىشى ۋە بىر-بىرىنىڭ ھاجىتىدىن چىقىشىغا چېتىلىدۇ. ھەرقايسى دۆلەتلەر توسۇقنى ئازايتىپ، ئېچىۋېتىش دائىرىسىنى كېڭەيتكەندىلا، خەلقئارا سودىنىڭ يولى راۋانلىشىدۇ؛ ئەگەر قوشنىسىغا ئورا كولاپ، ئۆزىنى قامىۋالسا، خەلقئارا ئىقتىساد-سودىنىڭ يولىمۇ توسۇلۇپ قالىدۇ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ساغلام راۋاجلىنىشىمۇ تەسكە توختايدۇ. ئەگەر ھەرقايسى ئەللەر ئېچىۋېتىلگەن سىياسەت يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرسا، كۆپ تەرەپلىك ۋە قوش تەرەپلىك ئېچىۋېتىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرسە، ھەرقايسى دۆلەتلەر ئىقتىسادنىڭ ھەمتۈرتكىلىك يۈرۈشتۈرۈلۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، سودا ۋە مەبلەغ سېلىش ئەركىنلىكىگە قولايلىق يارىتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرسە، ئېچىۋېتىلگەن دۇنيا ئىقتىسادىنى ئورتاق بەرپا قىلسا، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ يەنىمۇ ئېچىۋېتىلىشى، ئالماشتۇرۇشى ۋە سىغدۇرۇشچانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگىلى ۋە ئورتاق تەرەققىي قىلغىلى بولىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر