باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

كىشىلىك تۇرمۇش يولىدا ھەيۋەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش

__ رەئىس شى جىنپىڭنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسىگە قاتناشقانلىقىدىن خاتىرە

2018.11.07 16:58         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بوران-چاپقۇن داۋالغۇپ تۇرغان تارىخ چوڭ دولقۇنىدا، ھامان بىر خىل كۈچ بۇلۇت يېرىپ چىقىپ، ھەيۋەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەيدۇ.

  «جۇڭگو ھەرقايسى دۆلەتلەرگە بازارنى چىن سەمىمىيەت بىلەن ئېچىۋېتىدۇ، جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسىنى ھەر يىلى ئۆتكۈزۈپلا قالماستىن، بەلكى يەنە سەۋىيەلىك، ئۈنۈملۈك، بارغانسېرى ياخشى ئۆتكۈزىدۇ».

  5-نويابىر چۈشتىن بۇرۇن شاڭخەي دۆلەتلىك كۆرگەزمە مەركىزىدە، رەئىس شى جىنپىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ۋە ئاساسىي مەقسەت نۇتقى سۆزلىدى. نۇرغۇن دۆلەت ۋە رايونلارنىڭ رەھبەرلىرى، خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 1500دىن ئارتۇق ئەزىز مېھمان نەق مەيداندا ئاڭلىدى.

  74 ياشلىق چېخ زۇڭتۇڭى زېمان تۆۋەندە ئالدىنقى رەتتىن ئورۇن ئالدى. بىر يېرىم يىل ئىلگىرى، ئۇ بېيجىڭدا «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرىگە قاتناشقان. رەئىس شى جىنپىڭ دەل شۇ قېتىملىق مۇنبەردە جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزىدىغانلىق ئۇچۇرىنى جاكارلىغانىدى. بۇ قېتىم زۇڭتۇڭ زېمان كېلىشكىنى بويىچە 70 نەچچە چېخ كارخانىسىنى باشلاپ جۇڭگوغا كەلدى.

  «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئىلگىرى سۈرۈشتىن تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىمپورت كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈش ــــ جۇڭگونىڭ دۇنيانى يەنە بىر قېتىم خەلقئارا ئاممىۋى مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلىشى ھېسابلىنىدۇ.

  چوڭ ئەندىزە، كاتتا سالاپەت، چوڭقۇر مۇھەببەت. رەئىس شى جىنپىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇۋاتقان جۇڭگونى يېتەكلەپ، دۇنياغا كەڭ قۇچىقىنى ئېچىپ، ھەر قايسى دۆلەتلەر بىلەن ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، ئورتاق پايدا ئېلىپ، قول تۇتۇشۇپ ئورتاق تەرەققىياتنىڭ يېڭى خەرىتىسىنى سىزدى.

  (بىرىنچى) شەرق شامىلى يېتىپ كەلدى

  «ناخشامنى ئېلىپ كېتىڭ، تەبەسسۇمىڭىزنى قالدۇرۇپ ...»

  4-نويابىر كەچ، خۇاڭپۇجياڭ دەرياسى بويىغا جايلاشقان شاڭخەي خەلقئارا يىغىن مەركىزىنىڭ چىراغلىرى چاقناپ، دۆلەت مېھمىنى ئولتۇرىدىغان ئاپتوموبىللار بىنا ئالدىدا توختىتىلغانىدى. كىرودىيە زۇڭلىسى پۇليەنكوۋىچ، لائوس زۇڭلىسى توڭلۇن، مىسىر زۇڭلىسى مادبۇلى، كېنىيە زۇڭتۇڭى كېنياتا... ئىمپورت كۆزگەزمىسىگە قاتنىشىش ئۈچۈن جۇڭگوغا كەلگەن 10دىن ئارتۇق چەت ئەل رەھبىرى ئىلگىرى-كېيىن يېتىپ كەلدى. ياش ئۆسمۈرلەر زالدا ناخشا ساداسى ئارقىلىق ھەر قايسى دۆلەت ئەزىز مېھمانلىرىنى سەمىمىي، قىزغىن قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  سائەت 18دىن 50 مىنۇت ئۆتكەندە، يىغىن مەركىزىنىڭ 7-قەۋەت مىڭجۇ زالىدا رەئىس شى جىنپىڭ خانىمى پېڭ لىيۈەن بىلەن ئەزىز مېھمانلارنىڭ ئالدىغا چىقىپ ئۇلار بىلەن بىرمۇ بىر قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ، سەمىمىي پاراڭلاشتى.

  قارشى ئېلىش زىياپىتىدە، رەئىس شى جىنپىڭ گەپنى ئۇدۇللا باشلاپ، جۇڭگونىڭ بۇ قېتىملىق كۆرگەزمىنى ئۆتكۈزۈشتىكى يادرولۇق مەزمۇنىنى ئېيتتى: بۇ ئادەتتىكى كۆرگەزمە ئەمەس، جۇڭگونىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم قارارى، جۇڭگونىڭ بازارنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن سىرتقا ئېچىۋېتىشتىكى مۇھىم تەدبىرى.

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر