باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

يېڭى بىر ئەۋلاد پۇقراۋى كارخانىچىلار تېخىمۇ جاسارەت بىلەن يېڭى نەتىجىلەرنى يارىتىشى لازىم

— باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پۇقراۋى كارخانىلار سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش ھەققىدە

2018.11.07 14:48         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتە بولمىغان ئىگىلىك ساغلام تەرەققىي قىلىشى لازىم، بۇنىڭ ئالدىنقى شەرتى: ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتە بولمىغان ئىگىلىكتىكى زاتلار ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشى كېرەك.

  «يېڭى بىر ئەۋلاد پۇقراۋى كارخانىچىلار پېشقەدەملەرنىڭ جاپا- مۇشەققەتكە چىداپ كۈرەش قىلىش، دادىللىق بىلەن تەۋەككۈل قىلىش، دىققەتنى ئوقەتچىلىككە قارىتىش، ئاساسىي كەسىپنى سەرخىل قىلىشتەك روھىغا ۋارىسلىق قىلىپ ۋە جارى قىلدۇرۇپ، كارخانىنى تىرىشىپ زورايتىش، سەرخىللاشتۇرۇش كېرەك.» پۇقراۋى كارخانىلار سۆھبەت يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى نەزەردە تۇتۇپ، كەڭ پۇقراۋى ئىگىلىكتىكى زاتلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە بولغان ئۈمىدىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، زور ئۈمىد باغلاپ، پۇقراۋى كارخانىچىلارنىڭ پائال ئىلگىرىلەپ، جاسارەت بىلەن يېڭى نەتىجىلەرنى يارىتىش ئىشەنچىسىگە ئىلھام بېرىپ، ئۇلارنىڭ قىيىنچىلىقنى يېڭىپ، تىجارەتنىڭ تەرەققىياتىنى ياخشى قىلىش غەيرىتىنى ئۇرغۇتتى.

  بازارنىڭ ھاياتىي كۈچى ئادەم ئارقىلىق بولىدۇ، بولۇپمۇ كارخانىچىلاردىن، كارخانىچىلار روھى ئارقىلىق بولىدۇ. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان 40 يىلدىن بۇيان، ئېلىمىز پۇقراۋى ئىگىلىكىنىڭ كىچىكلىكتىن زورىيىپ، ئاجىزلىقتىن كۈچىيىشى كەڭ پۇقراۋى كارخانىچىلارنىڭ جاپالىق ئەمگىكى، بوشاشماي كۈرەش قىلىشىدىن ئايرىلالمايدۇ. 1980-يىلى، ۋېنجوۋدىكى جاڭ خۇامېي بىرىنچى پارچە يەككە سودا- سانائەتچىلەر تىجارەت كىنىشكىسىنى قولىغا ئالدى؛ 1987-يىلىغا كەلگەندە، مەملىكەت بويىچە شەھەر-بازارلاردىكى يەككە سودا- سانائەت قاتارلىق ھەرقايسى كەسىپلەر بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار 5 مىليون 690 مىڭ كىشىگە يەتتى؛ 2017-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، دۆلىتىمىزدە پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ سانى 27 مىليوندىن ئاشتى، يەككە سودا-سانائەتچىلەر 65 مىليوندىن ئاشتى. ئۇزاقتىن بېرى، پۇقراۋى كارخانىچىلار ئالدىدا مېڭىشقا جۈرئەت قىلىشتەك يېڭىلىق يارىتىش ئېڭى، بوشاشماي كۈرەش قىلىش روھى بىلەن، مىليونلىغان ئەمگەكچىلەرنى تەشكىللەپ ۋە يېتەكلەپ، جاسارەت بىلەن تىرىشىپ، جاپالىق ئىشلەپ ئىگىلىك تىكلەپ، ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىپ، پۇقراۋى ئىقتىسادنىڭ تەرەققىي قىلىپ زورىيىشىنى بىۋاسىتە ئىلگىرى سۈرۈپلا قالماي، پۇقراۋى ئىگىلىكنى دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە كەم بولسا بولمايدىغان كۈچكە ئايلاندۇردى.

  يېڭى بىر ئەۋلاد پۇقراۋى كارخانىچىلار تېخىمۇ جاسارەت بىلەن يېڭى نەتىجىلەرنى يارىتىپ، پېشقەدەم كارخانىچىلارنىڭ ئىگىلىك تىكلەش روھى ۋە پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشتەك شەرەپلىك ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلىشى، جارى قىلدۇرۇشى لازىم. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پۇقراۋى كارخانىچىلارغا قويغان ئۈمىدى ۋە تەلىپى چوڭقۇر مەنىلىك ۋە سەمىمىي غەمخورلۇققا تولغان بولۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پۇقراۋى ئىقتىسادنىڭ ساغلام تەرەققىياتىغا ۋە پۇقراۋى ئىگىلىكتىكى زاتلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى نامايان قىلدى. پۇقراۋى كارخانىچىلار، بولۇپمۇ ياش ئەۋلادلار ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئۆزىنىڭ ئىجتىمائىي ئوبرازىنى قەدىرلەش، ۋەتەننى قىزغىن سۆيۈش، خەلقنى قىزغىن سۆيۈش، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنى قىزغىن سۆيۈش، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش، كارخانىچىلار روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇش، ۋەتەننى سۆيىدىغان، كەسىپنى قەدىرلەيدىغان، قانۇنلۇق تىجارەت قىلىدىغان، ئىگىلىك يارىتىپ ۋە يېڭىلىق يارىتىدىغان، جەمئىيەتكە جاۋاب قايتۇرىدىغان تىپلاردىن بولۇشى لازىم؛ توغرا كەيپىياتقا ئەھمىيەت بېرىش، توغرا يولدا مېڭىش، پۈتۈن زېھنى بىلەن كارخانا ئېچىش، قانۇن-ئىنتىزامغا رىئايە قىلىپ تىجارەت قىلىش، قانۇنلۇق، قائىدىلىك بولۇپ، كارخانىنىڭ رىقابەت ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش لازىم؛ كارخانىنىڭ ئىچكى ماھارىتىنى ئوبدان مەشىق قىلىش، بولۇپمۇ تىجارەت ئىقتىدارى، باشقۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش، قانۇنىي ئىگە تۈزەش قۇرۇلمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش لازىم؛ يەنە خەلقئارا نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى ۋە يادرولۇق رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ دۇنياۋى رىقابەت كۈچىگە ئىگە، دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان كارخانىلارنىڭ بارلىققا كېلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش لازىم. شۇنداق قىلغاندا، تېخىمۇ كەڭ سەھنىدە ئۆز تالانتىنى نامايان قىلىپ، ماھارىتىنى كۆرسىتەلەيدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر