باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

مەملىكەت بويىچە تۇنجى ئورمان ھوقۇقى گۇۋاھنامىسى

دەرەخنى كەسمەيمۇ، باي بولغىلى بولىدۇ (ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ 40 يىللىقى . 40 «بىرىنچى»)

2018.11.05 15:02         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  «بۇ گۇۋاھنامىنى قولۇمغا ئالدىم، ئورماننىڭ <ئائىلىسى> بار بولدى، بىزمۇ خاتىرجەم بولدۇق!»، ئورمان ئىسلاھاتى يولغا قويۇلغان شۇ ۋاقىتنى ئەسلىگىنىدە، فۇجيەن ئۆلكىسى ۋۇپىڭ ناھىيەسى جيۋېن كەنتىنىڭ ئاھالىسى لى جيالىننىڭ كۆڭلى باشقىچە ھاياجانلاندى. 2001-يىلى 12-ئاينىڭ 30-كۈنى، ئۇ مەملىكەت بويىچە تۇنجى ئورمان ھوقۇقى گۇۋاھنامىسىغا ئېرىشتى.

  17 يىلنىڭ ئالدىدا جيۋېن كەنتى كىچىك كەنت بولۇپ، ئورمان كۆپ، تېرىلغۇ يەر ئاز ئىدى، كەنتتە 164 ئۆيلۈك، 632 نوپۇس بار ئىدى، كەنتكە قاراشلىق 20 مىڭ مودىن كۆپ تاغ ئورمانلىقى بار ئىدى.

  «ئەينى چاغدا تاغ ئورمىنى كوللېكتىپنىڭ ئىدى، كەنت ئاھالىلىرى پۇلغا ئېھتىياجلىق بولغاندا، تاغقا چىقىپ بىر نەچچە تۈپ دەرەخ كېسىپ كېلەتتى، پۇت-قولى چاققان، كاللىسى ئىشلەيدىغانلار ياغاچچىلىق قىلاتتى، پاچاقتەك توملۇقتا بولسىلا كېسىپ ئىشلىتەتتى» __ لىن جيالىن ئەسلەپ شۇنداق دېدى، __ ئۇ چاغدا ئورماننى قالايمىقان كېسىش ئەۋج ئالغان بولۇپ، ئاساسىي جەھەتتىن باشقۇرۇپ بولالمايتتى.

  تاغقا تايىنىپ تىرىكچىلىك قىلىش كەنت ئاھالىلىرىنىڭ نامرات تۇرمۇشىنى ئۆزگەرتەلمىدى. 2001-يىلى 6-ئايدا، ۋۇپىڭ ناھىيەسى جيۋېن كەنتىنى تاللاپ، ئورمان ئىسلاھاتى سىنىقى ئېلىپ بارماقچى بولدى.

  بۇ خەۋەر تارقىلىشى بىلەن، تاغلىق كەنت قاينام-تاشقىنلىققا چۆمدى. بىراق ئىسلاھات قىلىش ئۈچۈن قانداق قىلىش كېرەك؟ تاغنى قانداق بۆلۈشۈش كېرەك، كىم بۆلسە بولىدۇ؟

  لىن جيالىننىڭ ئېسىدە، شۇ چاغدا كەنت كادىرلىرى ھەممە ئۆيگە كىرىپ ئەھۋال سۈرۈشتۈرۈپ، پىكىر ئاڭلاپ، ئاخىرى مۇنداق قارارغا كەلدى: «تاغنى ئوتتۇرا ھېساب بويىچە بۆلىمىز، كەنت ئاھالىسىنىڭ ئۆزلىرى تاغنى بۆلىدۇ»، كوللېكتىپ ئىگىدارچىلىقىدىكى تاغ ئورمانلىقى ئائىلىلەرگە ھۆددە بېرىلىدۇ. ئارقىدىنلا، كەنت كادىرلىرى ئۆلچەش-سىزىش خادىملىرىنى ئېلىپ، پۈتۈن كەنتتىكى ھەر بىر بۆلەك تاغنىڭ بۇلۇڭ-پۇچقىقىغىچە بېرىپ، 164 ئۆيلۈك ئۈچۈن ئۆلچەپ، چېگراسىنى ئايرىپ، تۆت ئەتراپىنى سۈرەتلەپ بەردى.

  لىن جيالىن مۇنداق دېدى: «تاغ-ئورمىنىنى ئائىلىلەرگە ھۆددە بەرگەن شۇ كۈنى، كەنتتىكىلەرنىڭ خۇشاللىقى ئەينى يىللاردىكى ئېتىزلارنى كەنت ئاھالىلىرىگە بۆلۈپ بەرگەن چاغدىكىدىن قېلىشمايتتى».

  بۇ قېتىملىق ئورمان ئىسلاھاتىدىن كېيىن، لىن جيالىنغا 259 مو ئورمان بۆلۈپ بېرىلدى. تاغنىڭ دائىرە ھوقۇقى بېكىتىلىپ، دەرەخ تۈپ-يىلتىزىغىچە ئايرىلىپ، كىشىلەرنىڭ كۆڭلى ئەمىن تاپقۇزۇلدى. لىن جيالىننىڭ ئائىلىسىدىكى ھەممەيلەن بىنەم ئېچىپ، قاقاس تاغنى كۆكەرتىپ، ئاق بامبۇك، بامبۇك نوتىسى، شەمشاد دەرىخى تىكىپ، ئورمانلىق ئىقتىسادىنى گۈللەندۈرۈپ، بىر نەچچە يىلدا بىر ئائىلە كىشىلىرى نامراتلىقتىن قۇتۇلدى. 2004-يىلىغا كەلگەندە، ئۈچ قەۋەتلىك كىچىك بىنا سالدى. «ھەر يىلى ئاق بامبۇك، بامبۇك نوتىسىدىنلا 30-20 مىڭ يۈەن كىرىم قىلغىلى بولىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا ئورمانلىقتىكى دورىلىق ماتېرىياللار، ئورماندا بېقىلغان توخۇ-ئۆردەكلەر، ھەسەل ھەرىسىدىن كىرىمىمىز نەچچە ھەسسە قاتلاندى!»

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر