باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەشتە چىڭ تۇرۇش ۋە ئىسلاھاتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇش كېرەك

ئىقتىساد مۇقىم بولسا، كىشىلەر قەلبى مۇقىم بولىدۇ، ئومۇمىي ۋەزىيەتمۇ مۇقىم بولىدۇ

2018.11.01 15:23         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە، ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىشى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولدى، ھەمدە مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەپ، مۇۋاپىق ئارىلىق داۋاملىق ساقلاندى.» 10- ئاينىڭ 31- كۈنى، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ يىغىنىدا، ھازىرقى ئىقتىسادىي ۋەزىيەت ۋە ئىقتىساد خىزمىتى تەھلىل قىلىندى ۋە مۇزاكىرە قىلىندى. يىغىندا، بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ئېلىمىزنىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەر تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈلدى، ھەمدە كېيىنكى قەدەمدىكى ئىقتىساد خىزمىتىگە مۇھىم ئورۇنلاشتۇرۇش قىلىنىپ، ئېنىق تەلەپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى. نەتىجىدە، بىزنىڭ ئىشەنچىمىز چىڭىتىلدى، ھەمدە جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش، ھەم شۇنداقلا ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ ۋەزىيىتىنى ئىلمىي ئىگىلەپ، ئىقتىسادىي ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ سىجىل ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، ئىلگىرىلەش يۆنىلىشى ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىلدى ۋە ئۇلار مۇھىم قوللانما بىلەن تەمىنلەندى.

  ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولدى، ھەمدە مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش قولغا كەلتۈرۈلدى. بۇ، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى ئۈچ پەسلىدە ئېلىمىز ئىقتىسادىنىڭ ئايلىنىش ئالاھىدىلىكىدۇر. بۇ يىل كىرگەندىن بويان، ئادەتتىن تاشقىرى مۇرەككەپ ۋە كەسكىن بولغان خەلقئارا ۋەزىيەت ئاستىدا، ھەمدە دۆلەت ئىچىدىكى ئېغىر ۋە مۈشكۈل بولۇۋاتقان ئىسلاھاتنىڭ تەرەققىيات ۋەزىپىسى ئالدىدا، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، يۇقىرى سۈپەتتە راۋاجلاندۇرۇش تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، قىيىنچىلىق ۋە خىرىسقا پائال تاقابىل تۇرۇپ كەلدى. نەتىجىدە، ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە، دۆلەت ئىچىدىكى ئىشلەپچىقىرىشنىڭ ئومۇمىي قىممىتى ئىلگىرىكى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %6.7 ئاشتى، شۇنىڭ بىلەن، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سەۋىيەلىك ئاساسىي سان ئاساسىدا ئېشىش سۈرئىتى دۇنيادىكى ئاساسلىق ئىقتىسادىي گەۋدىلەرنىڭ ئالدىدا تۇرۇش ھالىتى داۋاملىق ساقلاندى. ئىقتىسادنىڭ ئېشىش ئەھۋالى، ئىشقا ئورۇنلىشىش، مال باھاسى، خەلقئارا كىرىم-چىقىم، كارخانىلارنىڭ پايدىسى، مالىيە كىرىمى ۋە ئەمگەك ئۈنۈمدارلىقى قاتارلىقلارنىڭ ئاساسلىق كۆرسەتكۈچلىرىدىن قارىغاندا، ئېلىمىز ئىقتىسادىنىڭ يۈرۈشۈشى مۇۋاپىق دائىرىدە تۇرماقتا. نەتىجىدە، خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى ۋە دۇنيا بانكىسى جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ سىجىل تەرەققىياتىغا يۇقىرى باھا بەردى. ئىسلاھاتنىڭ ئۆز پايدىسىنى سىجىل يەتكۈزۈپ بېرىشى، يېڭى ۋە كونا ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى ئالماشتۇرۇشنىڭ تېزلىشىشى، ئىقتىسادىي قۇرۇلمىنىڭ داۋاملىق سەرخىللىشىشى، ھەمدە ئۇنىڭ پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتىنى قوللىشى، پۇل مۇئامىلە بازىرىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان بىر قاتار تەدبىرلەرنىڭ يولغا قويۇلۇشى قاتارلىقلار نەتىجىسىدە، كىشىلەرنىڭ بازار ئىشەنچىسى ئۇرغۇتۇلۇپ، جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ ئاساسى تېخىمۇ ئاشۇرۇلدى.

  «مۇقىم» بولغانلىقنى كۆرۈش، ھەم «ئىلگىرىلەش» ئەھۋالىنى ئىگىلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا، «ئۆزگىرىش» بولغانلىقنىمۇ سەگەكلىك بىلەن كۆرۈشىمىز ۋە چىڭ تۇتۇشىمىز كېرەك. نۆۋەتتە، ئېلىمىز ئىقتىسادىنىڭ ئايلىنىشى مۇقىملىق ئاساسىدا ئۆزگىرىش ھالىتىدە تۇرۇۋاتقان بولسىمۇ، ئىقتىسادنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىش ئەندىشىسىدىن كېلىپ چىقىۋاتقان بېسىممۇ زورىيىۋاتىدۇ، قىسمەن كارخانىلارنىڭ تىجارىتىدە قىيىنچىلىق كۆپرەك بولۇۋاتىدۇ، ئۇزاقتىن بۇيان يىغىلىپ قالغان يوشۇرۇن خەۋپلەر ئاشكارىلىنىۋاتىدۇ. بۇنىڭغا قارىتا، بىز بىر جەھەتتىن شۇنى كۆرۈشىمىز كېرەككى، نۆۋەتتە ئېلىمىزنىڭ ئىقتىسادىي ۋەزىيىتىنىڭ بۇ خىل ھالەتتە تۇرۇشى ئۇزاق مۇددەتلىك ۋە قىسقا مۇددەتلىك ئامىللار، ھەمدە ئىچكى ۋە تاشقى ئامىللارنىڭ ئورتاق رول ئوينىغانلىقىنىڭ نەتىجىسى. دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادى "يۇقىرى سۈرئەتتە ئېشىش" باسقۇچىدىن "يۇقىرى سۈپەتتە راۋاجلىنىش" باسقۇچىغا ئۆتتى، تاشقى مۇھىتىدىمۇ چوڭقۇر ئۆزگىرىش يۈز بەردى، بەزى سىياسەتنىڭ ئۈنۈمىنى يەنىمۇ قويۇپ بېرىشقا توغرا كېلىدۇ. يەنە بىر جەھەتتىن، ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىشى جەريانىدا ساقلانغان گەۋدىلىك زىددىيەت ۋە مەسىلىلەرگە چوقۇم يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ئالدىن كۆرەرلىكنى كۈچەيتىپ، ۋاقتىدا تەدبىر قوللىنىپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەشتەك خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، ھەمدە يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، ھەم شۇنداقلا تەمىنلەش جەھەتتىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئاساسىي لىنىيە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئاساسلىق زىددىيەتلەرنى چىڭ تۇتۇپ، ئۇلارنى قاراتمىلىق ھالدا ھەل قىلىش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر