باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

تۆھپە يارىتىدىغان يېڭى دەۋردە ئاياللارمۇ بوش كەلمەيدۇ

__ جۇڭگو ئاياللىرى مەملىكەتلىك 12–قۇرۇلتىيى ئېچىلغانلىقىدىن خاتىرە

2018.10.31 16:39         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئالتۇن كۈزدە كاتتا مەرىكە ئۆتكۈزۈلۈپ، ئاياللار شانلىق سەھىپىلەرنى پۈتتى. جۇڭگو ئاياللىرى مەملىكەتلىك 12–قۇرۇلتىيى 30-ئۆكتەبىر خەلق سارىيىدا داغدۇغىلىق ئېچىلدى. مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن 1700دىن ئارتۇق ھەر مىللەت ۋەكىل پۈتۈن مەملىكەتتىكى مىليونلىغان ئايالنىڭ ئارزۇسى ۋە تاپشۇرۇقىنى زىممىسىگە يۈكلەپ، بىر يەرگە جەم بولۇپ، جۇڭگونىڭ ئاياللار ئىشلىرى تەرەققىياتى چوڭ پىلانىنى ئورتاق كېڭەشتى.

  ئۆزىگە ئىشىنىش، بۇ قېتىملىق قۇرۇلتايدىكى ھالقىلىق سۆزگە ئايلاندى. خۇش تەبەسسۇم، كۆتۈرەڭگۈ قىياپەت، نەپىس كىيىم ... خەلق سارىيىنىڭ شەرقىي ئىشىكى سىرتىدا، يىغىنغا قاتناشقان ۋەكىللەر سۈرەتكە چۈشۈپ خاتىرە قالدۇردى، قىزغىن، خۇشال كەيپىيات يېڭى دەۋردىكى ئاياللارنىڭ سالاپىتىنى نامايان قىلدى.

  خۇبېي ئۆلكىسى «يىچاڭ» كەشتىچى قىز ھۈنەر-سەنئەت بۇيۇملىرى ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ مەسئۇلى، ۋەكىل شيې رۇڭ ھاياجانلىنىپ مۇنداق دېدى: يېقىنقى بەش يىلدىن بۇيان، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئاياللار خىزمىتىگە بولغان يۈكسەك ئېتىبارىنى، چەكسىز غەمخورلۇقىنى ھەقىقىي ھېس قىلدىم.

  جۇڭگو ئاياللىرى مەملىكەتلىك 12 – قۇرۇلتىيى ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغىلى 40 يىل بولغان مۇھىم پەيتكە توغرا كەلدى. سەنشى ئۆلكىسى «چىڭخۇا» ئالەم قاتنىشى جابدۇقلىرى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى 2-شۆبە زاۋۇتىنىڭ رەقەملىك كونترولدا يونۇش ئىشچىسى، ۋەكىل خەن لىپىڭ مۇنداق دېدى: ئالەم بوشلۇقى ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ 1-سېپىدىكى ئايال ئىشچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، «ئۇزۇن سەپەر»نىڭ بوشلۇققا كۆتۈرۈلۈشى، «خاسىيەتلىك كېمە»نىڭ ئالەمدە ئۇچۇشى قاتارلىق مۇھىم قۇرۇلۇشلارنىڭ زاپچاسلىرىنى پىششىقلاش ۋە ئىشلەپچىقىرىش ۋەزىپىسىگە قاتنىشىپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغاندىن بۇيانقى ئالەم قاتنىشى ئىشلىرىدا يۈز بەرگەن غايەت زور ئۆزگىرىشلەرگە شاھىت بولدۇم. بۇ قېتىملىق كاتتا يىغىنغا نۇرغۇن ئىستەكلەرنى باغلىدىم ۋە تولۇپ تاشقان ئىشەنچكە تولدۇم.

  1-سەپتىكى سېخنىڭ ھالقىلىق تېخنىكا باشلامچىسى، جاسارەت بىلەن پەن-تېخنىكا چوققىسىغا يامىشىۋاتقان ئالىملار، كەنت ئاھالىلىرىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ، باي بولۇشقا يېتەكلىگەن كەشىپكارلار، مېھرى-مۇھەببىتى بىلەن ھەمشىرىلىرىگە مېھرىبانلىق يەتكۈزگەن ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ مەسئۇللىرى ... خەلق سارىيى قابىلىيەتلىكلەر بىلەن تولۇپ، ھەر بىر ۋەكىل ئۆزىنىڭ خىزمەت ئورنىدا ھاياتىنىڭ قالتىس ھېكايىسىنى پۈتمەكتە.

  قۇرۇلتاي 30-ئۆكتەبىر چۈشتىن بۇرۇن ئۆتكۈزۈلدى. شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، خەن جېڭ قاتارلىق پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرى قۇرۇلتايغا قاتنىشىپ تەبرىكلىدى، جاۋ لېجى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن سۆز قىلدى.

  «ئاياللارنىڭ روھىي قىياپىتى يېڭىچە تۈسكە كىرىپ، يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش قىزغىنلىقى ئۇرغۇپ، ئىقتىدارى ۋە ئورنى كۆرۈنەرلىك ئۆستى، ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقنىڭ 1-سېپى، ھەر ساھە، ھەر كەسىپلەردە ئۇلارنىڭ ئىشەنچ بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش، تىرىشىپ نەتىجە يارىتىش، ئەمەلىي ئىشلەپ تۆھپە قوشۇشتەك سىيماسى جىلۋىلىنىپ، بوشاشماي ئالغا ئىلگىرىلەش، ئېگىلمەس، پاراسەتلىك، كەڭ قورساق بولۇشتەك يېڭى دەۋر ئاياللىرىنىڭ سالاپىتى نامايان قىلىندى.»

  «ئەمەلىيەت شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، ئاياللار ئىنسانلارنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋى مەدەنىيىتىنى ياراتقۇچى، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ ئالغا ئىلگىرىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم كۈچ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ ئىشلىرىنىڭ يېرىم دۇنياسى بولۇشقا مۇناسىپ!»...

  قەتئىيلىك بىلەن ئېيتىلغان سۆزلەر، پۈتۈن مەيداندا كۈچلۈك ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى.

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر