باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

بىرىنچى پاتېنت ئىلتىماس نومۇرى

بىلىمنىڭ باھاسى يوق، ھەم باھاسى بار (ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ 40 يىللىقى __ 40 دانە «بىرىنچى»)

2018.10.30 16:24         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  «پاتېنت ھوقۇقى ئىلتىماس قىلىش ئۈچۈن مۇشۇ يەردە ئۆچرەت تۇرۇڭ، بىرىنچى نومۇر ئالەم قاتنىشى 207-پونكىتى». 30 نەچچە يىل بۇرۇن، بۇ خەتلەر يېزىلغان تاختىنى تۇتۇپ ۋە ئۈچ كېچە، ئۈچ كۈندۈز ئۆچرەت تۇرۇپ ساقلاش ئارقىلىق، خۇ گوخۇا ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغاندىن كېيىنكى بىرىنچى پاتېنتقا ئېرىشكەن بۇيۇمنىڭ كەشىپ قىلغۇچىسى بولۇپ قالدى. «85100001.0» بۇ پاتېنت نومۇرى خۇ گوخۇانىڭ ئىسمىغا باغلىنىپ، جۇڭگو بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش تارىخىدا بەلگە خاراكتېرلىك بەلگىنىڭ بىرى بولۇپ قالدى.

  پاتېنت ھوقۇقى قانۇنى يولغا قويۇلۇشتىن بۇرۇن، تېخنىكا بولسا ئومۇمىي مۈلۈكچىلىك ئاساسىدىكى ئورتاق بەھرىمەن بولىدىغان نەرسە ئىدى، پەقەت بىر تونۇشتۇرۇش قەغىزى ئارقىلىق سالاھىيىتىنى ئېيتسىلا، باشقىلارنىڭ كۆپ يىللىق تەتقىقاتىنىڭ نەتىجىسىنى كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە ئۆگىنىۋالغىلى بولاتتى. بۇ يىل 75 ياشقا كىرگەن خۇ گوخۇا شۇ چاغلارنى ئېسىگە ئېلىپ ھاياجانغا چۆمدى. «ھەممە ئۆيدىكىلەر بىر ئەپكەشتە توشۇلغان سۇ ئىچەتتى»، بۇنداق ئۇسۇل گەرچە يۈزەكى جەھەتتە ئالاقە ۋە تەرەققىياتقا پايدىلىق بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە پەن-تېخنىكا خادىملىرىنىڭ ئاكتىپلىقىنى پەسەيتىۋەتكەن ئىدى. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش پەن-تېخنىكا خادىملىرى ئۈچۈن ئارغامچىنى بوشاتتى، بىلىمنى باھاغا ئىگە قىلدى، كۆپچىلىكنىڭ ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىش ئاكتىپچانلىقىنى ئاشۇردى.

  «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ پاتېنت قانۇنى» 1984-يىلى 3-ئاينىڭ 12-كۈنى 6-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 4-يىغىنىدا قاراپ چىقىلىپ ماقۇللاندى، 1985-يىلى 4-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ رەسمىي يولغا قويۇلدى. بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ئەسلىدىكى ئاۋىياتسىيە سانائىتى مىنىستىرلىقى 207-پونكىتىدا خىزمەت قىلىدىغان خۇ گوخۇا كاللىسىنى ئىشلىتىپ: «بىز بىرىنچى پاتېنت ئىلتىماسىنى سۇنۇشىمىز كېرەك»، دېدى.

  خۇ گوخۇا ئىلتىماس قىلغان پاتېنت بولسا «ئۆزگىرىشچان ئوپتىكىلىق دولقۇن سۈزگۈچى رېئال ۋاقىتلىق يالغان رەڭلىك كۆرسىتىش قۇرۇلمىسى»، خۇ گوخۇا مۇنداق دەيدۇ: «بۇ خىل قۇرۇلما سۈنئىي ھەمراھتىن تارتىلغان يەر يۈزى سۈرىتىنى مەلۇم ئالاھىدىلىكىنىڭ ئوخشىماسلىقى بويىچە رەڭلىك سۈرەت قىلىپ تۈزۈپ كۆرسىتىدۇ، بۇ ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرلارنى كۆرگىلى بولىدۇ.» 1985-يىلى 12-ئايدا، خۇ گوخۇا ئوڭۇشلۇق ھالدا پاتېنت ھوقۇقى گۇۋاھنامىسىغا ئېرىشىدۇ، شۇنىڭدىن ئېتىبارەن، ئېلىمىزنىڭ پاتېنت ھوقۇقىنى ئىلتىماس قىلىش ئىشلىرى تېز سۈرئەتلىك يولغا چىقىدۇ. 2017-يىلى، ئېلىمىزدە كەشپىيات پاتېنت ھوقۇقىنى ئىلتىماس قىلىش مىقدارى 1 مىليون 382 مىڭ پارچىغا يېتىپ، ئۇدا يەتتە يىل دۇنيا بويىچە 1-ئورۇندا تۇردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر