باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشكە ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش نەزىرى بىلەن قارايلى

— باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ گۇاڭدۇڭدا خىزمەتلەرنى تەكشۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا

2018.10.30 14:07         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشكە قانداق قارايمىز؟ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى قانداق ئىلگىرى سۈرىمىز؟ بۇ، يېڭى دەۋردە ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشكە قايتا ئاتلىنىشتا چوقۇم جاۋاب بېرىشكە تېگىشلىك بىر ئاساسىي مەسىلە.

  «ماتېرىيالىزم ۋە تارىخىي ماتېرىيالىزملىق مېتودولوگىيەنى ئىگىلەپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشكە ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش نەزىرى بىلەن مۇئامىلە قىلىپ، يېڭى ۋەزىيەتتىكى ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ دەۋر خاراكتېرى، سىستېما خاراكتېرى، ئومۇمىيەت خاراكتېرى مەسىلىسىنى تولۇق تونۇپ، تېخىمۇ يۇقىرى پەللىدە، تېخىمۇ يۇقىرى قاتلامدا، تېخىمۇ يۇقىرى نىشاندا ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.» باش شۇجى شى جىنپىڭ گۇاڭدۇڭدا خىزمەتلەرنى تەكشۈرگەندە ئېنىق ئوتتۇرىغا قويغان بۇ يېڭى ھۆكۈم، يېڭى تەلەپلەر بىزنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى تېخىمۇ تولۇق، تېخىمۇ چوڭقۇر تونۇپ ۋە ئىگىلەپ، تېخىمۇ قەتئىي، تېخىمۇ ئاڭلىق ھالدا ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈشىمىزگە قارىتا ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

  ماتېرىيالىزملىق دىيالېكتىكا دۇنيانى بىلىش ۋە دۇنيانى ئۆزگەرتىشنىڭ تۈپ ئۇسۇلى. 40 يىلدىن بۇيان ئىرادىدىن سېپىل ياسىدۇق، 40 يىلدىن بۇيان جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىدۇق، 40 يىلدىن بۇيان ياخشى تەربىيەلەندۇق. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ جۇڭگونىڭ ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى زور دەرىجىدە ئازاد قىلىشى ۋە راۋاجلاندۇرۇشىدىكى بىر مۇھىم سەۋەب شۇكى، بىز باشتىن-ئاخىر دىيالېكتىكىلىق ماتېرىيالىزم ۋە تارىخىي ماتېرىيالىزملىق مېتودولوگىيەدە چىڭ تۇردۇق، بۇ ئارقىلىق ئەڭ چوڭ دۆلەت ئەھۋالىمىز، ئەڭ چوڭ ئەمەلىيىتىمىزنى توغرا ئىگىلەپ، دۇنيا ئەھۋالى، دۆلەت ئەھۋالى، پارتىيە ئەھۋالىنى چوڭقۇر تونۇپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئالغا سىلجىتىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ قۇدرەتلىك ھاياتىي كۈچىنى نامايان قىلدۇق. 40 يىلدىن بۇيان، بىز ھەم ئېھتىياتچانلىق بىلەن ئىلگىرىلىدۇق، ھەم يۇقىرى قاتلاملىق لايىھەلەشنى كۈچەيتىپ، يېڭى ئەھۋاللارنى ئۈزلۈكسىز تەتقىق قىلىپ، يېڭى مەسىلىلەرنى ئۈزلۈكسىز ھەل قىلىپ، يېڭى تەجرىبىلەرنى ئۈزلۈكسىز يەكۈنلىدۇق؛ بىز ئىدىيەدە ئازاد بولۇش، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىدىيەدە ئازاد بولۇش بىلەن ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ ئۆزئارا تەسىر قىلىشى، قاراشتا يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئەمەلىي ئىزدىنىشنىڭ ئۆزئارا ئىلگىرى سۈرۈشىنى ئىشقا ئاشۇردۇق؛ بىز ئۆزىمىز ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىپ، ئۆزىمىزنى يېڭىلاشقا جۈرئەت قىلىپ، تەرەققىياتقا توسالغۇ بولۇۋاتقان تۈزۈلمە-مېخانىزم ئىللەتلىرىنى ئۈزلۈكسىز تۈگەتتۇق. بولۇپمۇ پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، بىلىش نەزەرىيەسى، مېتودولوگىيەدىن قىممەت نەزەرىيەسىگىچە، باش نىشان، چوڭ يۆنىلىشتىن ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ مەنبەسىگىچە دەل بىلىش نەزەرىيەسى ۋە مېتودولوگىيەنى ئىسلاھ قىلغان ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىشنى تىرەك قىلىپ، بىر قاتار زور ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش تەدبىرلىرى ئارقا- ئارقىدىن يولغا قويۇلۇپ، ئۇزاقتىن بۇيان ھەل قىلىشنى ئويلىغان بولساقمۇ ھەل قىلالمىغان نۇرغۇن قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، ئىلگىرى بېجىرىشنى ئويلىغان بولساقمۇ ئەمما بېجىرىلمىگەن نۇرغۇن چوڭ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ يېڭى دەۋرگە كىرىشىنى ئىلگىرى سۈردۇق.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر