باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ ئەسلىي مەقسىتىنى ئۇنتۇمايلى

__ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ گۇاڭدۇڭدا خىزمەتلەرنى تەكشۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا

2018.10.29 15:00         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ھەممە ئىشتا ئالدىغا قاراپ مېڭىشىمىز، ھەمدە نېمە ئۈچۈن ماڭغانلىقىمىزنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىمىز كېرەك.

  بىز ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ ئەسلىي مەقسىتىنى ئۇنتۇماي، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان 40 يىلدىن بۇيانقى مۇۋەپپەقىيەتلىك تەجرىبىلەرنى ئەستايىدىل يەكۈنلەپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ سۈپىتى ۋە سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشىمىز كېرەك. يېقىندا گۇاڭدۇڭدا خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈرگەندە، باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى قايتا تەكىتلىدى: خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، خەلقنىڭ بەختىنى كۆزلەشنى ئىسلاھات ئۈنۈمىنى سىناشنىڭ ئۆلچىمى دەپ قاراپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ نەتىجىلىرىدىن كەڭ خەلق ئاممىسىنى تېخىمۇ ياخشى مەنپەئەتلەندۈرۈش كېرەك. بۇ مۇھىم سۆز ئارقىلىق، كىم ئۈچۈن ئىسلاھات قىلىش ۋە ئېچىۋېتىش كېرەك، ھەم كىمگە تايىنىش كېرەك، دېگەن مەسىلىگە ئېنىق جاۋاب بەردى، ھەم شۇنداقلا، ئىسلاھات ۋە ئېچىۋېتىشنىڭ تۈپ نىشانى ۋە كۈچ مەنبەسىنى كۆرسىتىپ بەردى.

  ئىسلاھات خەلقنىڭ ئارزۇسىغا ئاساسەن ئېلىپ بېرىلدى. 40 يىللىق ئىسلاھات ۋە ئېچىۋېتىشنىڭ ئۇلۇغ مۇساپىسىنى ئەسلىسەك، «خەلق» بولسا،بۇنىڭدا باشتىن-ئاخىر سىڭدۈرۈلگەن بىر ئاساسىي لىنىيەدۇر. 40 يىلدىن بۇيان، ئۆزگەرمەس باھا بويىچە ھېسابلىغاندا، جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى يىلىغا ئوتتۇرىچە %9.5 ئاشقان، جۇڭگو خەلقىنىڭ تۇرمۇشى ئىلگىرىكى يېتىشمەسلىكتىن ھازىرقى يېتەرلىك بولۇشقا قاراپ ماڭغان، ئىلىرىكىدەك نامراتلىقتىن ھازىرقى ھاللىق سەۋىيەگە قاراپ ماڭغان، ئىسلاھات ۋە ئېچىۋېتىشنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشى دەل جۇڭگو خەلقىنىڭ راۋاجلاندۇرۇش، يېڭىلىق يارىتىش ۋە گۈزەل تۇرمۇشقا ئىنتىلىشتەك تارىخى تەلىپىگە ماس كەلگەنلىكتىن بولغان. 40 يىلدىن بۇيان، مەھسۇلاتنى ئائىلىلەرگە ھۆددىگە بېرىش مەسئۇلىيەت تۈزۈمىدە يېڭىلىق يارىتىش ئۈستىدە ئىزدىنىشتىن تارتىپ، تاكى يېزا-بازار كارخانىلىرىنىڭ ئۇشتۇمتۇت باش كۆتۈرۈپ چىقىشلىرىغىچە، ھەتتا رەقەملىك ئىقتىسادنىڭ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىشىغىچە، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى تونۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش جەريانىدىكى ھەربىر قېتىملىق بۆسۈش ۋە تەرەققىيات، خەلق ئاممىسىنىڭ ئەمەلىيىتى ۋە ئەقىل-پاراسىتىدىن كەلگەن. خەلقنى مەركەز قىلىشتا باشتىن-ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، خەلقنىڭ سۇبيېكتلىق ئورنىغا ھۆرمەت قىلىپ، ئاممىنىڭ ئىجادكارلىق روھىنى جارى قىلدۇرغاندىلا، ئاندىن خەلققە تايىنىپ ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ، ئاندىن خەلق ئۈچۈن مۆجىزە ياراتقىلى بولىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر