باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش بايرىقىنى تېخىمۇ ئېگىز كۆتۈرەيلى

__ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ گۇاڭدۇڭنى كۆزدىن كەچۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا

2018.10.26 16:04         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش قەدىمى توختاپ قالمايدۇ.

  پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن كېيىن، باش شۇجى شى جىنپىڭ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش تۇنجى بېكىتىدە شېنجېننى تاللىدى. پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى ئېچىلغانلىقىنىڭ بىر يىللىقى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ 40 يىللىقى پەيتىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ بۇ يەرگە قايتا كېلىپ، دۇنياغا يېڭى دەۋر ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىكى قەتئىي ئىرادىسىنى جاكارلىدى.

  يېقىندا، باش شۇجى شى جىنپىڭ گۇاڭدۇڭنى كۆزدىن كەچۈرگەندە، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ جۇخەي، چىڭيۈەن، شېنجېن، گۇاڭجۇ قاتارلىق جايلارغا بېرىپ، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئېچىۋېتىشنى ئومۇميۈزلۈك كېڭەيتىش توغرىسىدا بىر قاتار يېڭى ھۆكۈم، يېڭى تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، كەڭ كادىرلار، ئاممىنىڭ كۈچلۈك ئىنكاسىنى قوزغىدى. كۆپچىلىك مۇنداق قارىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى يېڭى دەۋردە ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشقا قايتا ئاتلىنىشنىڭ خىتابنامىسى، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولىدا تەۋرەنمەي مېڭىشكە ئىلھاملاندۇرۇش سەپەرۋەرلىك بۇيرۇقى بولۇپ، بىزنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى تېخىمۇ يۇقىرى باشلىنىش نۇقتىسى، يۇقىرى قاتلام، يۇقىرى نىشان بويىچە ئىلگىرى سۈرۈشىمىزدە زور ئەھمىيەتكە ئىگە.

  پارتىيەمىزنىڭ بىر قېتىملىق ئۇلۇغ ئويغىنىشى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتەك تارىخىي خاراكتېرلىك تەدبىر ــ پارتىيە ۋە دۆلەت تارىخىدىكى چوڭقۇر ئەھمىيەتكە ئىگە ئۇلۇغ بۇرۇلۇش نۇقتىسى ھېسابلىنىدۇ. پارتىيە 11-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3-ئومۇمىي يىغىنىنى بەلگە قىلىپ، يېزىلاردىن شەھەرگىچە، نۇقتىدا سىناق قىلىشتىن كېڭەيتىشكىچە، ئىقتىساد تۈزۈلمە ئىسلاھاتىدىن ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقىچە، بىز ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ ئۇلۇغ تارىخىي مۇساپىسىنى ئاچتۇق. 40 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو دۇنيا بويىچە 2-چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدىگە، 1-چوڭ سانائەت دۆلىتىگە، 1-چوڭ مال سودىسى دۆلىتىگە، 1-چوڭ تاشقى پېرېۋوت دۆلىتىگە ئايلاندى، 700 مىليوندىن ئارتۇق نامرات ئاھالە نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ، دۇنيادىكى ئوخشاش مەزگىلدە نامراتلىقتىن قۇتۇلغان ئاھالىنىڭ %70تىن كۆپرەكىنى ئىگىلەپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىدىكى ئاساسلىق تۇراقلاشتۇرغۇچ ۋە ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ مەنبەسىگە ئايلاندى. 40 يىللىق ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش مابەينىدە، پارتىيەمىز خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ دۆلەت ۋە مىللەتنىڭ تەرەققىياتىغا توسقۇنلۇق قىلىدىغان بارلىق ئىدىيە ۋە تۈزۈلمە توساقلىرىنى بۇزۇپ تاشلاپ، جۇڭگو يولىنى ئېچىپ، جۇڭگو ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، جۇڭگو كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، دەۋرگە يېتىشىشتىن دەۋرگە يېتەكچىلىك قىلىشتەك ئۇلۇغ ھالقىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، دۆلەت ۋە مىللەتنىڭ تەرەققىيات تارىخىدا سەلتەنەتلىك سەھىپىلەرنى پۈتۈپ، جۇڭگونى چوڭقۇر ئۆزگەرتىپلا قالماي، يەنە دۇنياغا چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر