باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

جاسارەت بىلەن دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان نەتىجىلەرنى يارىتىدىغان مىللىي ئىرادىنى ئەۋج ئالدۇرايلى

بىر كۆۋرۈك ئۈچ جاينى تۇتاشتۇردى، كۆك دېڭىز راۋان يولغا ئايلاندى

2018.10.24 16:56         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  «بۇ، چۈش رېئاللىققا ئايلانغان كۆۋرۈك، قەلبداشلار كۆۋرۈكى، ئىشەنچ كۆۋرۈكى، گۈللىنىش كۆۋرۈكى»، 10-ئاينىڭ 23-كۈنى، «دەرىجىدىن تاشقىرى قۇرۇلۇش» دەپ تەرىپلەنگەن شياڭگاڭ- جۇخەي-ئاۋمېن چوڭ كۆۋرۈكىدە قاتناش باشلاش مۇراسىمى گۇاڭدۇڭنىڭ جۇخەيدە ئۆتكۈزۈلدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇراسىمغا قاتنىشىپ، چوڭ كۆۋرۈكتە رەسمىي قاتناش باشلانغانلىقىنى جاكارلىدى ھەمدە كۆۋرۈكتە ئايلاندى. گۇاڭدۇڭ- شياڭگاڭ-ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونىنىڭ ئۇل ئەسلىھەلىرى ئۆز ئارا تۇتاشتۇرۇلغانلىقىنىڭ بەلگە خاراكتېرلىك تۈرى بولغان شياڭگاڭ-جۇخەي-ئاۋمېن چوڭ كۆۋرۈكىنىڭ قۇرۇلۇشى − مەركەزنىڭ شياڭگاڭ، ئاۋمېن ۋە جۇجياڭ دېلتىسى رايونىنىڭ تېخىمۇ ياخشى تەرەققىي قىلىشىنى قوللاشتىكى بىر تۈرلۈك مۇھىم تەدبىرى، «بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم» بولۇشتىكى گۇاڭدۇڭ-شياڭگاڭ-ئاۋمېننىڭ زىچ ھەمكارلىقىنىڭ زور نەتىجىسى بولۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شياڭگاڭ، ئاۋمېننىڭ دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىيىتىگە سىڭىشىگە بولغان كۆڭۈل بۆلۈشى ۋە قوللىشىنى تولۇق نامايان قىلدى.

  شياڭگاڭ-جۇخەي-ئاۋمېن چوڭ كۆۋرۈكى دۆلەتلىك قۇرۇلۇش، دۆلەتنىڭ مۇھىم قورالىدۇر. بۇ، دۇنيا بويىچە ئومۇمىي ھالقىش كۆلىمى ئەڭ چوڭ، پولات قۇرۇلمىلىق كۆۋرۈك گەۋدىسى ئەڭ ئۇزۇن، دېڭىز ئاستى تونېلى ئەڭ ئۇزۇن دېڭىز ھالقىغان چوڭ كۆۋرۈك، شۇنداقلا دۇنيا تاشيول قۇرۇلۇشى تارىخىدىكى تېخنىكىسى ئەڭ مۇرەككەپ، قۇرۇلۇش قىلىشنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى ئەڭ يۇقىرى، قۇرۇلۇش كۆلىمى ئەڭ چوڭ كۆۋرۈك بولۇپ، قۇرۇلۇشچىلار نۇرغۇن دۇنياۋى قىيىن مەسىلىلەرنى يېڭىپ، دۇنيادىكى ئەڭ ئىلغار باشقۇرۇش تېخنىكىسى ۋە تەجرىبىسىنى توپلاپ، سان ۋە سۈپەتكە كاپالەتلىك قىلىپ ۋەزىپىنى ئورۇندىدى. خۇددى باش شۇجى شى جىنپىڭ تەكىتلىگەندەك، «شياڭگاڭ-جۇخەي- ئاۋمېن چوڭ كۆۋرۈكى قۇرۇلۇشى كۆپ تۈرلۈك دۇنيا رېكورتىنى ياراتتى، بۇ بەك قالتىس ئىش بولۇپ، بىر دۆلەتنىڭ جاپا- مۇشەققەتنى يېڭىپ كۈرەش قىلىش روھىنى، ئېلىمىزنىڭ ئۇنىۋېرسال دۆلەت كۈچى، ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى نامايان قىلىپ، جاسارەت بىلەن دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان نەتىجىلەرنى يارىتىدىغان مىللىي ئىرادىنى نامايان قىلدى». ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 55 كىلومېتىر كېلىدىغان بۇ كۆۋرۈك پۈتۈپ قاتناش باشلىنىشى − بىزنىڭ جۇڭگوچە سوتسىيالىزمغا بولغان يول ئىشەنچى، نەزەرىيە ئىشەنچى، تۈزۈم ئىشەنچى، مەدەنىيەت ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، سوتسىيالىزمنىڭ ئەمگەك ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كەلگەنلىكىنى، يېڭى دەۋرنىڭمۇ ھەم ئەمگەك ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كەلگەنلىكىنى تولۇق چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر