باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

يېڭى دەۋر كۈرەشچىلىرىنىڭ ناخشىلىرىنى ياڭرىتايلى

- جۇڭگو ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ مەملىكەتلىك 17- قۇرۇلتىيىنىڭ ئېچىلغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز

2018.10.22 16:10         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئەمگەك قىلىش شەرەپلىك، ئىجادىيەت ئۇلۇغ.

  بۈگۈن، جۇڭگو ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ مەملىكەتلىك 17- قۇرۇلتىيى بېيجىڭدا داغدۇغىلىق ئېچىلدى. بۇ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ ھەل قىلغۇچ باسقۇچىدا ۋە جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرگە كىرگەن ئاچقۇچلۇق پەيتتە ئېچىلغان بىر قېتىملىق مۇھىم يىغىن ھېسابلىنىدۇ. ئۇ، مىليونلىغان ئىشچى-خىزمەتچىلەرنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇش ۋە سەپەرۋەر قىلىشتا، ئىشچىلار سىنىپىنىڭ ئاساسىي قوشۇنلۇق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن كۈرەش قىلىشتا، مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. بىز يىغىننىڭ ئېچىلغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز !

  ئىسلاھات ۋە ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان 40يىلدىن بۇيان، ئېلىمىزدىكى ئىشچىلار سىنىپى قەتئىي تۈردە دەۋرنىڭ ئالدىدا مېڭىپ، ئىلغار سىنىپقا خاس رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، كۆزنى چاقنىتىدىغان دەۋر سالاپىتىنى پورەكلەپ ئېچىلدۇردى. بولۇپمۇ پارتىيە 18ـ قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، دۆلىتىمىزنىڭ ئىشچىلار سىنىپىنىڭ يۈكسەك خوجايىنلىق تۇيغۇسى ۋە تارىخىي مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بىلەن، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ئۇلۇغ ئەمەلىيىتىگە پائال ئاتلىنىپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈش ۋە تارىخىي ئۆزگىرىشلەرنىڭ يۈز بېرىشىنى ئىلگىرى سۈردى. ئەمەلىيەت شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، ئېلىمىزدىكى ئىشچىلار سىنىپى جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ ئەڭ مۇستەھكەم، ئەڭ ئىشەنچلىك سىنىپ ئاساسى بولۇشقا، بىزنىڭ سوتسىيالىستىك دۆلىتىمىزنىڭ رەھبەرلىك سىنىپى بولۇشقا، ئىلغار ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى ۋە ئىشلەپچىقىرىش مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ۋەكىلى بولۇشقا، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە راۋاجلاندۇرۇشنىڭ ئاساسىي قوشۇنى بولۇشقا مۇناسىپ.

  ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى −− پارتىيە رەھبەرلىكىدىكى ئىشچىلار سىنىپىنىڭ ئاممىۋى تەشكىلاتى ھېسابلىنىدۇ. جۇڭگو ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى 16- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ھەر دەرىجىلىك ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى كەڭ ئىشچى-خىزمەتچىلەرنى تۆھپە يارىتىشقا تەشكىللەپ ۋە سەپەرۋەر قىلىپ، ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداشنىڭ مۇلازىمەت سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئىناق ئەمگەك مۇناسىۋىتى بەرپا قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، سانائەت ئىشچىلىرى قوشۇنى قۇرۇلۇشىنىڭ ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تۈرلۈك خىزمەتلەردە مۇھىم نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، نەتىجىدە ئۇلارنىڭ ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى تەشكىلاتى ۋە ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى خىزمىتىنىڭ سىياسىيلىقى، ئىلغارلىقى ۋە ئاممىۋىلىقى كۆرۈنەرلىك ئاشتى. باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىشچىلار سىنىپى ۋە ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى خىزمىتىگە باشتىن-ئاخىر يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، پارتىيە رەھبەرلىكىدىكى ئىشچىلار ھەرىكىتى ئىشلىرى ۋە ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى خىزمىتى ئەمەلىيىتى داۋامىدا، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى خىزمىتىنىڭ ئورنى ۋە رولىنى، دەۋرنىڭ ئاساسىي تېمىسى، تەرەققىيات يولى، نىشان-ۋەزىپە ۋە تۈپ كاپالىتىنى چوڭقۇر شەرھلىدى.نەتىجىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئىشچىلار سىنىپى ۋە ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرى شەكىللەندى. بۇ مۇھىم بايانلار ئۆز نۆۋىتىدە ئىشچىلار سىنىپى ۋە ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى خىزمىتىنىڭ بىر يۈرۈش يۆنىلىشلىك، تۈپ خاراكتېرلىك ۋە ئىستراتېگىيەلىك مۇھىم مەسىلىلىرىگە ئىلمىي جاۋاب بەردى. پارتىيەنىڭ جان-دىل بىلەن ئىشچىلار سىنىپىغا تايىنىش فاڭجېنىنى سىڭدۈرۈپ، ماركسىزمنىڭ ئىشچىلار سىنىپى ۋە ئىشچىلار ھەرىكىتى تەلىماتىنى بېيىتىپ، يېڭى دەۋردىكى ئىشچىلار ھەرىكىتى ۋە ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى خىزمىتىدە يېڭىلىق يارىتىش تەرەققىياتىغا قارىتا ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى كۆرسىتىپ بەردى ۋە ئۇنى تۈپ قوللانما بىلەن تەمىنلىدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر