باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

يېڭى دەۋردە پارتىيەنىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقىدا ئۈزلۈكسىز ئىلگىرىلەش

__ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئىشچىلار سىنىپى ۋە ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى خىزمىتىگە كۆڭۈل بۆلگەنلىك خاتىرىسى

2018.10.22 16:03         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئەمگەك كەلگۈسىنى يارىتىدۇ، كۈرەش ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ.

  ئىنقىلاب، قۇرۇلۇش، ئىسلاھاتنىڭ ھەرقايسى تارىخىي دەۋرلىرىدە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى جان-دىل بىلەن ئىشچىلار سىنىپىغا تايىنىش فاڭجېنىدا باشتىن-ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، ئەۋلادمۇ ئەۋلاد ئەمگەكچىلەرنى داۋاملىق كۈرەش قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈپ، ئۈزلۈكسىز غەلبىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، جۇڭگونىڭ چوڭ قەدەم تاشلاپ دۇنيا ئېقىمىغا يېتىشىشىدەك تەرەققىيات مۆجىزىسىنى ياراتتى.

  18-قۇرۇلتاي مابەينىدە، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، ئىشچىلار سىنىپى ۋە ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ئىشچىلار سىنىپىنىڭ ئاساسىي قوشۇنلۇق رولىنى جارى قىلدۇرۇش ۋە ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى. باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆپ قېتىم ئەمگەكچىلەر پائالىيىتىگە قاتنىشىپ، ئادەتتىكى ئىشچىلار بىلەن سىردىشىپ، ئەمگەك نەمۇنىچىلىرىگە جاۋاب خەت قايتۇرۇپ، ئەمگەكچىلەرنى ئىلھاملاندۇرۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ ئەمگەكچى ئامما بىلەن بولغان يۈزتۇرانە، سەمىمىي، ھەقىقىي مۇھەببىتىنى نامايان قىلدى.

  ئەمگەك روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، يېڭى دەۋرنىڭ كۈرەشكارى بولۇش لازىم

  «سوتسىيالىزم ئەمگەك ئارقىلىق يارىتىلىدۇ، يېڭى دەۋرمۇ ھەم ئەمگەك ئارقىلىق يارىتىلىدۇ. سىلەرنىڭ شان- شەرەپنى قەدىرلەپ، تىرىشىپ ئۆگىنىپ، ئۆز خىزمەت ئورنۇڭلاردا داۋاملىق كۈرەش قىلىپ، تېخىمۇ ياخشى نەتىجە قازىنىشىڭلارنى، ئىشچانلىقىڭلار، غەيرىتىڭلار، ئىزدىنىشىڭلار ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنى رىغبەتلەندۈرۈپ، كەڭ ئەمگەكچى ئاممىنى تىرىشىپ يېڭى دەۋرنىڭ كۈرەشكارى بولۇشقا ئىلھاملاندۇرۇشۇڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.»

  بۇ يىل 4-ئاينىڭ 30-كۈنى، جۇڭگو ئەمگەك مۇناسىۋىتى ئىنستىتۇتىنىڭ ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى تولۇق كۇرس سىنىپى ئوقۇغۇچىلىرى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سەمىمىي جاۋاب خېتىنى تاپشۇرۇپ ئالدى. باش شۇجىنىڭ مۇھىم جاۋاب خېتى ئېلىمىزدىكى بارلىق ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى، كەڭ ئەمگەكچىلەرنىڭ «1-ماي» بايرىمىغا بولغان سوۋغىتى، شۇنداقلا ئىشچىلار سىنىپىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پۈتۈن جۇڭگو خەلقىگە چىقىرىلغان قىزغىن تەشەببۇستۇر.

  ياخشى تۇرمۇش تىرىشچانلىقتىن كېلىدۇ، تىرىشقان تاپار

  نۇرغۇن سورۇنلاردا، باش شۇجى شى جىنپىڭ پۈتۈن مەملىكەت خەلقىگە كۈرەش قىلىش سەپەرۋەرلىك بۇيرۇقى چىقاردى

  2013-يىلى 10-ئاينىڭ 23- كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ جۇڭخۇا مەملىكەتلىك باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك رەھبەرلىك بەنزىسىدىكىلەر بىلەن كوللېكتىپ سۆھبەتلەشكەندە، ئېنىق قىلىپ مۇنداق كۆرسەتتى: دۆلىتىمىز ئىشچىلار ھەرىكىتىنىڭ دەۋر تېمىسى − جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلىش ئىكەنلىكىنى ئېنىق كۆرسىتىپ، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا، تۈپ جەھەتتىن ئىشچىلار سىنىپىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پۈتكۈل خەلقنىڭ ئەمگىكى، ئىجادچانلىقى، تۆھپە قوشۇشىغا تايىنىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

  بۇ يىل 2-ئاينىڭ 14-كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ 2018-يىللىق چاغانلىق كوللېكتىپ پەتىلەش يىغىنىدا مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: «پەقەت كۈرەشچان ھاياتنىلا بەختلىك ھايات، دېيىشكە بولىدۇ». «كۈرەش قىلغۇچىلار مەنىۋىيىتى ئەڭ باي كىشىلەردۇر، شۇنداقلا بەختنى ئەڭ چۈشىنىدىغان، بەختتىن ئەڭ بەھرىلىنەلەيدىغان كىشىلەردۇر».

  2017-يىلى 10-ئايدا ئېچىلغان پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ، نەمۇنىچىلىك روھى ۋە ھۈنەرۋەن روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئەمگەكنى شەرەپ بىلىدىغان ئىجتىمائىي كەيپىياتنى ۋە تېخىمۇ مۇكەممەللىشىشكە ئىنتىلىدىغان كەسپىي ئادەتنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك، دەپ ئېنىق كۆرسەتتى. باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزلىرى مىليونلىغان خەلقنىڭ يېڭى دەۋردىكى كۈرەش قىزغىنلىقىنى ئۇرغۇتۇپ، ھەر قايسى ساھەدىكى ئەمگەكچىلەرنى جۇڭگو ئارزۇسىدىن ئىبارەت گۈزەل كەلگۈسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا قاراپ ئىلگىرىلەشكە ئىلھاملاندۇردى.

  پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ھەر يىلى «1-ماي» ھارپىسىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئەمگەكچىلەر بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى ياكى مۇھىم يوليورۇق بېرىپ، ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى ۋە ئىشچىلار سىنىپىنى ئىلھاملاندۇرۇپ، ئەمگەك- ئىجادىيەتنى تەشەببۇس قىلىپ، ئەمگەك روھىنى كۈيلىدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر