باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

شىددەتلىك ئېقىندا مەزمۇت قەد كۆتۈرۈشكە جۈرئەت قىلىش

  ــــ پارتىيە 19 –قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش توغرىسىدىكى يۈرۈشلۈك مۇلاھىزىنىڭ «دىپلوماتىيە قىسمى»

2018.10.22 15:31         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بۇ بىر مۇرەككەپ، ئۆزگىرىش بولۇۋاتقان دۇنيا.

  دۇنيادا 100 يىلدىن بۇيان كۆرۈلمىگەن ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىدە ئۈمىدۋارلىق بىلەن ئۈمىدسىزلىك، ئاقىلانىلىك بىلەن ئەسەبىيلىك، بىرلىشىش بىلەن پارچىلىنىش، مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن چېكىنىش ئوتتۇرىسىدا كەسكىن سوقۇلۇش بولۇۋاتىدۇ. ھەربىر دۆلەت، ھەربىر مىللەت ئۆزىنىڭ تاللىشى ۋە يولى ئۈستىدە تەپەككۇر قىلىۋاتىدۇ.

  ‹‹بىزنىڭ قىلغانلىرىمىزنىڭ ھەممىسى خەلقنى بەختكە ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈن، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن، دۇنيانىڭ بۈيۈك بىرلىكى ئۈچۈن››دۇر. جۇڭگونىڭ جاۋابى قەتئىي ۋە كەسكىن.

  بۇلۇتنىڭ كۆزنى توسۇشىدىن قورقماي، شامالغا قارشى ئۇسسۇلغا چۈشۈشتىن قورقماي، ئومۇمىي ۋەزىيەتكە بېقىپ، زور مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ، داغدام يولدا مېڭىش كېرەك. پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە چوڭ دۆلەت دىپلوماتىيەسى ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، قالايمىقان دۇنيا ۋەزىيىتىدە، شىددەتلىك ئېقىندا مەزمۇت قەد كۆتۈرۈپ تۇرۇشقا جۈرئەت قىلدى.

  بۇ، ۋەزىيەتكە قاراپ پىلان تۈزىدىغان چوڭ دۆلەت ئەقىل – پاراسىتى

  2018 – يىلى 4 – ئايدا، ۋۇخەندىكى دۇڭخۇ كۆلىنىڭ باھار مەنزىرىسى ئىنتايىن گۈزەل ئىدى. بىر مەيدان ‹‹ئۆزگىچە بىرەسمىي كۆرۈشۈش›› پۈتۈن دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتتى. سەيلە قىلىش، چاي ئىچىش، قولۋاق ھەيدەش، رەئىس شى جىنپىڭ ھىندىستان زۇڭلىسى مودى بىلەن قەدىمدىن ھازىرغىچە بولغان ئىشلار توغرىسىدا سەمىمىي پىكىرلەشتى، ئېچىلىپ – يېيىلىپ سۆزلىشىش جەريانىدا جۇڭگو – ھىندىستان مۇناسىۋىتىدە يېڭى كەيپىيات بارلىققا كەلدى.

  تېخى يېقىندىلا، جۇڭگو – ھىندىستان چېگرا مۇداپىئە قىسىملىرى نەچچە كۈن تىركەشكەن ‹‹دۇڭلاڭ›› ۋەقەسى كىشىلەرنى جۇڭگو – ھىندىستان مۇناسىۋىتىنىڭ كەلگۈسى توغرىسىدا ئەندىشىگە سالغانىدى. 4 – ئايدىن 7 – ئايغىچە، ئىككى رەھبەر ئۈچ قېتىم كۆرۈشتى. دەل ۋاقتىدا بولغان يۇقىرى قاتلامدىن يېتەكلەش، توغرا ئىستراتېگىيەلىك ئىگىلەش جۇڭگو – ھىندىستان مۇناسىۋىتىنى ناچارلىشىشتىن مۇقىم ياخشىلىنىشقا يۈزلەندۈرۈپ، تېز تەرەققىيات يولىغا سالدى.

  يەنە جۇڭگو – چاۋشيەن رەھبەرلىرى ئارىسىدىكى قويۇق ئالاقە ئوخشاشلا كىشىلەرنىڭ ماختىشىغا ئېرىشتى. چاۋشيەن يېرىم ئارىلى ۋەزىيىتىدە ئۆزگىرىش بولغان ھالقىلىق پەيتتە، شى جىنپىڭ چاۋشيەننىڭ ئالىي رەھبىرى كىم جوڭئۇن بىلەن 100 كۈن ئىچىدە ئۈچ قېتىم كۆرۈشۈپ، جۇڭگو – چاۋشيەن يۇقىرى قاتلاملىق ئالاقىسىنىڭ يېڭى تارىخىنى يارىتىپ، يېرىم ئارال ۋەزىيىتىدە پائال ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولدى.

  ۋەزىيەتكە قاراپ پىلان تۈزۈپ، ۋەزىيەتكە قاراپ ئىش كۆرۈش، پۇرسەتنى دەل جايىدا تۇتۇپ، كەسكىن نەتىجە يارىتىش كېرەك. دۇنيا ۋەزىيىتى تېز ئۆزگەرمەكتە، بىر خىل ئۇسلۇب بىلەنلا چەكلىنىپ قالماستىن، ۋەزىيەتنى كۆزىتىپ دادىل نەتىجە يارىتىش زور ئەقىل – پاراسەت ھېسابلىنىدۇ.

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر