باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشى ئۈچۈن

__ پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى ئېچىلغانلىقىنىڭ بىر يىللىقىدا (2)

2018.10.19 16:38         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  30 نەچچە مىڭ خەتلىك 19- قۇرۇلتاي دوكلاتىدا، «خەلق» سۆزى 200 نەچچە قېتىم تىلغا ئېلىندى، «ئادەمنىڭ ئەتراپلىق يېتىلىشى» ئۈچ قېتىم تەكىتلەندى، «خەلقنى مەركەز قىلىش» تۆت قېتىم ئوتتۇرىغا قويۇلدى... جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ئۈچۈن ئېيتقاندا، مەيلى قانچە ئۇزۇن يوللارنى بېسىشى، قانچە يىراق كەلگۈسىگە يېتىشىدىن قەتئىينەزەر، بارلىق كۈرەشلىرىنىڭ تۈپ مەقسىتى − دەل خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشى ئۈچۈندۇر.

  دەۋر − سوئال چىقارغۇچى. پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى بۇ بىر يىلغا نەزەر سالساق، دۇنيا يۈز يىلدىن بۇيان كۆرۈلمىگەن چوڭ ئۆزگىرىشتە تۇرماقتا، بىخەتەرلىك، مۇقىملىق − خەلق قەلبىنىڭ مايىللىقىدۇر، ھەمكارلىشىپ تەڭ نەپ ئېلىش − ۋەزىيەتنىڭ يۈزلىنىشىدۇر، لېكىن بىر تەرەپلىك مەسلىكى، قورۇقچىلىق بارغانسېرى ئەۋج ئالماقتا، كۆپ تەرەپلىك ۋە كۆپ تەرەپلىك سودا تۈزۈلمىسى ئېغىر زەربىگە ئۇچراپ، دۇنيانىڭ تۇراقسىزلىقى ۋە ئېنىقسىزلىقى كۈچەيدى، «قارا ئاققۇ»، «كۈلرەڭ كەركىدان»لار پات-پات باش كۆتۈرۈپ چىقماقتا. بۇ بىر يىلدا، ئېلىمىز ئىقتىسادىنىڭ يۈرۈۈشى بەزى يېڭى مەسىلە، يېڭى خىرىسلارغا دۇچ كەلدى، ئىجتىمائىي ئاساسىي زىددىيەتنىڭ ئۆزگىرىشى پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتىگە نۇرغۇن يېڭى تەلەپلەرنى قويدى، «ئۈچ چوڭ جەڭ» ۋەزىپىسى مۈشكۈل. قانداق قىلىپ پۇرسەتنى تۇتۇپ خىرىسقا تاقابىل تۇرۇپ، «خەلقنى يېتەكلەپ ئۈزلۈكسىز گۈزەل تۇرمۇش يارىتىش»، جۇڭگودىن ئىبارەت «چوڭ پاراخوت»نى يېتەكلەپ پۇختا ئىلگىرىلەش − پارتىيەمىز دۇچ كەلگەن دەۋرنىڭ سىنىقىدۇر.

  بىز ئىمتىھان بەرگۈچى. بۇ بىر يىلدا، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، خەلقنىڭ بەخت-سائادىتىنى ئاشۇرۇشنى باشتىن- ئاخىر ئەڭ مۇھىم ئورۇنغا قويدى. خەلققە تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىش ئۈچۈن، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئاپپارات ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇردۇق؛ «ھاللىق سەۋىيەگە يېتىش يولىدا بىرەر كىشىنىمۇ سەپتىن چۈشۈرۈپ قويماسلىق» نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنى قەتئىي ياخشى قىلدۇق؛ تەرەققىيات تەڭپۇڭ، يېتەرلىك بولماسلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈردۇق... بىر يىلدىن بۇيان، خەلققە نەپ يەتكۈزۈش تۈرلۈك تەدبىرلىرى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، بىر قاتار ئىسلاھات ۋەزىپىلىرى تېز ئىلگىرى سۈرۈلدى، پارتىيەمىز باشتىن-ئاخىر خەلق بىلەن ئوي-پىكىردە، ئىشلەشتە بىللە بولۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ خەلقنىڭ كۈندىن-كۈنگە ئېشىپ بېرىۋاتقان گۈزەل تۇرمۇش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش نىشانىغا قاراپ ئىلگىرىلىشىنى ئىلگىرى سۈردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر