باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

يۇقىرىغا ئۆرلەۋاتقان شەرقتىكى يېڭى ئۆزگىرىشلەر

__ يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ يېتەكلەپ، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش خاتىرىسى

2018.10.18 15:37         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭخۇا زېمىنىنىڭ تارىخىي مۇساپىسى قالتىس بولىدۇ.

  بىر يىل ئىلگىرى، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى پۈتۈن پارتىيەنىڭ ھەرىكەت قىبلىنامىسى قىلىپ بېكىتىپ، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ تەرەققىياتىنى ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ ھەل قىلغۇچ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇشنىڭ ئۇلۇغ خەرىتىسىنى سىزىپ چىقتى.

  بىر يىلدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئۆتكۈر، كەڭ نەزەر دائىرىسى، تەمكىن ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىسى، ئېگىلمەس ئىرادە-پەزىلىتى بىلەن، «تۆت ئۇلۇغ»نى ئىگىلەپ، «بەشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈپ، «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئىلگىرى سۈرۈپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ يېتەكلەپ، «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىغا قاراپ تەۋرەنمەي جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىدى.«يېڭى دەۋردە يېڭى قىياپەت، يېڭى نەتىجە يارىتىش كېرەك.» پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 1-ئومۇمىي يىغىنى يېپىلغاندىن كېيىن، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىلىقىغا قايتا سايلانغان شى جىنپىڭ جۇڭگولۇق ۋە چەت ئەللىك مۇخبىرلار ئالدىدا جاراڭلىق دەۋر خىتابنامىسىنى جاكارلىدى.

  ۋاقىت ئاتقان ئوق. بىر يىلدىن بۇيان، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھى ئورگان، مەكتەپ، كارخانا، يېزا، مەھەللىلەرگە ... كىرگۈزۈلۈپ، مېڭىنى قوراللاندۇرۇپ، خىزمەتلەرگە يېتەكچىلىك قىلىپ، ئەمەلىيەتكە تۈرتكە بولدى. ھازىرقى جۇڭخۇا زېمىنى تېز تەرەققىي قىلىپ، يېڭىچە تۈسكە كىردى.

  يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا يەلكەننى چىقىرىپ، يىراق سەپەرگە ئاتلىنىش

  «جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرگە كىردى، بۇ ئېلىمىز تەرەققىياتىنىڭ يېڭى تارىخىي يۆنىلىشى»

  ____ پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى دوكلاتىدىن ئېلىندىميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش

  شاڭخەي شەھىرى شىڭيې يولىدىكى پارتىيە 1-قۇرۇلتىيى ئېچىلغان ئورۇننىڭ خاتىرە سارىيىنى ئېكسكۇرسىيە قىلغىلى كەلگەن كىشىلەرنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيتتى.

  2017 -يىلى 10-ئاينىڭ 31-كۈنى، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى يېپىلىپ بىر ھەپتىنىڭ ئىچىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرىنى باشلاپ بۇ يەرگە كېلىپ، ئوڭ مۇشتۇمىنى تۈگۈپ، كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزالىرىنىڭ جاراڭلىق قەسەم بەرگەندىكى كۆرۈنۈشىنى قايتا ئەسلىگىنى ھېلىمۇ كىشىلەرنىڭ يادىدا.

  بىر يىلدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، ئۇلۇغ قۇرۇلۇش بىلەن ئۇلۇغ ئارزۇلارنى تىكلەپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق باشقۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئاچتى.

  ئۇلۇغ كۈرەش، ئۇلۇغ قۇرۇلۇش، ئۇلۇغ ئىش، ئۇلۇغ ئارزۇ، «بۇنىڭ ئىچىدە ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدىغىنى پارتىيە قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت يېڭى ئۇلۇغ قۇرۇلۇش» __ پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتى چوڭقۇر شەرھلىنىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ باش نىشانى تۇنجى قېتىم ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، سىياسىي قۇرۇلۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش تەكىتلەندى.

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر