باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، يېڭى كەيپىيات، يېڭى مەسئۇلىيەتچانلىق، يېڭى نەتىجىلەرنى نامايان قىلايلى

− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شەرقىي شىمالنى گۈللەندۈرۈشنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈش سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش ھەققىدە

2018.10.10 16:51         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى كۈچەيتىش __ شەرقىي شىمالنى گۈللەندۈرۈشتىكى كۈچلۈك كاپالەتتۇر.

  «ئىدىيەدە ئازاد بولۇش، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، يۆنىلىشنى نىشانلاپ، كۈچنى ساقلاپ، ئىسـلاھـاتـنى چـوڭقۇرلاشتۇرۇش، زىددىيەتنى ھەل قىلىش، ئارتۇقچىلىقنى جارى قىلدۇرۇپ، كەمچىلىكتىن ساقلىنىش، ئۈستۈنلۈكنى جارى قىلدۇرۇپ، يېڭى كەيپىيات، يېڭى مەسئۇلىيەتچانلىق، يېڭى نەتىجىلەر بىلەن شەرقىي شىمالنى گۈللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش لازىم». شەرقىي شىمالنى گۈللەندۈرۈشنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈش سۆھبەت يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىيىتىنى چىقىش قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى شەرقىي شىمالنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈش، ھەر تەرەپلىمە گۈللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدا مۇھىم ئورۇنلاشتۇرۇش قىلىپ، پارتىيەنىڭ شەرقىي شىمالنى گۈللەندۈرۈشكە بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى كۈچەيتىش توغرىسىدا ئېنىق تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، بىزنىڭ مەۋقەنى يېڭى ئورۇنغا قويۇپ، يېڭى ئۆلچەمنى توغرا تېپىپ، يېڭى نەتىجىلەرنى نامايان قىلىشىمىز ئۈچۈن تىرىشىش يۆنىلىشىنى كۆرسىتىپ بېرىپ، ئىشەنچ ۋە ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ ئاتا قىلدى.

  بىر رايوننىڭ سىياسىتىنىڭ راۋان، ئەلنىڭ ئىناق، تىنچ-تەرتىپلىك بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ياخشى سىياسىي ئېكولوگىيەگە ئىگە قىلىش كېرەك. ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، سىياسىي ئېكولوگىيە پاك بولسا، ياخشى تىجارەت مۇھىتى بەرپا قىلىپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئىگىلىك تىكلەش قىزغىنلىقى ۋە ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئۇرغۇتقىلى بولىدۇ؛ سىياسىي ئېكولوگىيە بۇلغانسا، كىشىلەرنىڭ كۆڭلى پاراكەندە بولىدۇ، ئىللەتلەر كۆپىيىدۇ، شۇ جاينىڭ تەرەققىياتىغا سەلبىي تەسىر كۆرسىتىدۇ. 18-قۇرۇلتاي مابەينىدە، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى زور كۈچ بىلەن ئىستىلى دۇرۇس، كەيپىياتى توغرا بولغان سىياسىي ئېكولوگىيە بەرپا قىلىپ، كەڭ كادىرلارنىڭ زېھنىي كۈچىنى ئىش قىلىشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، سودا مۇھىتىنى ئۇدا ياخشىلاپ، شەرقىي شىمالنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلىدى.

  يېڭى كەيپىيات، يېڭى مەسئۇلىيەتچانلىق، يېڭى نەتىجىلەر ئارقىلىق شەرقىي شىمالنى گۈللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە شەرقىي شىمال رايونىدا پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي ئېكولوگىيەنى ئومۇميۈزلۈك ساپلاشتۇرۇپ، ئىستىلى دۇرۇس، كەيپىياتى توغرا، كۆتۈرەڭگۈ ئىجتىمائىي كەيپىيات يارىتىش لازىم؛ چەكلەنگەن رايون بولماسلىقتا، ھەممە تەرەپنى قاپلاشتا، قىلچە يول قويماسلىقتا چىڭ تۇرۇپ، تۈرلۈك چىرىكلىك دېلولىرىنى قەتئىي تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش، پارتىيە بىلەن خەلقنىڭ قان بىلەن گۆشتەك مۇناسىۋىتىنى باشتىن- ئاخىر ساقلاش كېرەك. بۇ ھەم پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتىكى مۇھىم ۋەزىپە، شۇنداقلا ياخشى تەرەققىيات مۇھىتى يارىتىشنىڭ مۇھىم ئاساسىدۇر.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر