باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

ھەر بەش ئادەمنىڭ ئىچىدە بىرسىنىڭ قان بېسىمى يۇقىرى ئىكەن

مۇتەخەسسىسلەر تۇز ئىسېمالى ۋە بەدەن ئېغىرلىقىنى ئازايتىپ، كۆپرەك ھەرىكەت قىلىش تەكلىپى بەردى

2018.10.09 17:12         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 8-ئۆكتەبىر، 21-قېتىملىق مەملىكەت بويىچە يۇقىرى قان بېسىم كۈنى بولۇپ، جايلاردا تەشۋىقات پائالىيەتلىرى قانات يايدۇرۇلۇپ، كىشىلەرنىڭ يۇقىرى قان بېسىمىنىڭ زىيىنىغا بولغان تونۇشى ۋە ئالدىنى ئېلىش ئېڭى ئۆستۈرۈلدى.

  يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرى مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ قارىشىچە، يۇقىرى قان بېسىم بىمارلىرىنىڭ تۇرمۇش ئۇسۇلىغا ئارىلىشىش بىلەن بىر ۋاقىتتا دورا بىلەن داۋالاش كېرەك بولۇپ، توغرا بولغان تۇرمۇش ئۇسۇلىغا ئارىلىشىشمۇ مۇۋاپىق ئۈنۈملۈك داۋالاش ئۇسۇلى ئىكەن.

  دۆلەتلىك يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرى مەركىزىنىڭ مۇدىر ياردەمچىسى، جۇڭگو تېببىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى فۇۋەي دوختۇرخانىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جياڭ لىشىننىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، نۆۋەتتە ئېلىمىزدە يۇقىرى قان بېسىم كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلارنىڭ سانى 270 مىليونغا يەتكەن بولۇپ، يۇقىرى قان بېسىمى ئېلىپ كەلگەن بىۋاسىتە ئىقتىسادىي يۈك ئېلىمىزنىڭ سەھىيە ئومۇمىي خىراجىتىنىڭ 6.6 پىرسەنتىنى ئىگىلىگەن. مېڭە سەكتىسى، تاجسىمان يۈرەك كېسىلى، يۈرەك زەئىپلىشىش، بۆرەك كېسەللىكلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يۇقىرى قان بېسىمى كېسىلى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئېغىر ئەگەشمە كېسەللىكلىرىنىڭ مېيىپلىق ۋە ئۆلۈش نىسبىتى يۇقىرى بولۇپ، بىمارلارنىڭ ئائىلىسىگە ۋە جەمئىيەتكە ئېغىر يۈك ئېلىپ كەلمەكتە.

  بىراق، مۇتەخەسسىسلەر يۇقىرى قان بېسىمنى كونترول قىلغىلى، ئالدىنى ئالغىلى بولىدىغانلىقىنى كۆرسەتتى. دورا بىلەن داۋالاشتىن سىرت، توغرا بولغان تۇرمۇش ئۇسۇلىغا ئارىلىشىشمۇ قان بېسىمىنى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلىتەلەيدۇ.

  دۆلەتلىك يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرى مەركىزى ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى نەشىردىكى دۆلەتنىڭ ئاساسىي قاتلامدىكى يۇقىرى قان بېسىمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-باشقۇرۇش قوللانمىسىدا كۆرسىتىلىشىچە، يۇقىرى قان بېسىم بىمارلىرىغا نىسبەتەن، ھەر بىر ئادەمنىڭ كۈنىگە ئىستېمال قىلىدىغان تۇز مىقدارى ئالتە گرامدىن ئېشىپ كەتمىگەندە ھەمدە تۇزلانغان كۆكتات، توخۇ گۆشى جەۋھىرى، جياڭيۇ قاتارلىقلارنىڭ تەركىبىدىكى «يوشۇرۇن تۇز»نىڭ سۈمۈرۈلۈشىدىن دىققەت قىلغاندا، قىسقىراش بېسىمىنى 2-8 مىللىمېتىر سىماب تۈۋرۈكى تۆۋەنلىتىشكە بولىدۇ؛ بەدەن ئېغىرلىقى ئۆلچەمدىن ئېشىپ كەتكەن يۇقىرى قان بېسىمى كېسىلى بىمارلىرى ئېغىرلىقىنى ھەر 10 كىلوگىرام چۈشۈرگەندە، قىسقىراش بېسىمىنى 5-20 مىللىمېتىرغىچە سىماب تۈۋرۈكى تۆۋەنلىتىشكە بولىدۇ.

  بۇ كۆرسەتمىگە ئاساسەن، يۇقىرى قان بېسىم دەپ دىياگنوز قويۇلغان بىمارلارغا قارىتا تۇرمۇش ئۇسۇلىغا ئارىلىشىشنى دەرھال يولغا قويۇش ھەمدە ئۇزاق مۇددەت چىڭ تۇرۇش كېرەك، يەنى، تۇزغا چەك قويۇش، ئېغىرلىقىنى چۈشۈرۈش، كۆپ ھەرىكەت قىلىش، تاماكا چەكمەسلىك، ھاراق ئىچمەسلىك، روھىي ھالەتنى ياخشىلاش قاتارلىق ساغلام تۇرمۇش ئۇسۇلى بويىچە ئالتە تەلەپنى ئورۇنلاش لازىم.

  جۇڭگو كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش-كونترول قىلىش مەركىزىدىكى مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق تەكلىپ بەردى: يۇقىرى قان بېسىم بىمارلىرى ياخشى بولغان تۇرمۇش ئۇسۇلىنى يېتىلدۈرۈشتە يەنە مۇنداق ئۈچ ئىشنى قىلىشقا توغرا كېلىدۇ: ئۇيقۇنىڭ يېتەرلىك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش، تۈنىمەسلىك، ئۇخلاشتىن بۇرۇن ئېغىر جىسمانىي ياكى ئەقلىي پائالىيەت قىلىشتىن ساقلىنىش لازىم؛ قان بېسىم ئۆلچىگۈچ تەييارلاپ قويۇش، قان بېسىمىنى قەرەللىك تەكشۈرۈپ تۇرۇش ھەمدە خاتىرىلەش، ھەر ھەپتىدە ئاز دېگەندە بىر قېتىم ئۆلچەش لازىم؛ دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە دورا ئىچىش، ئۆز ئالدىغا دورىنى توختىتىپ قويماسلىق لازىم.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر