باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

ئۈستۈنلۈكنى جارى قىلدۇرۇپ، شەرقىي شىمالنى گۈللەندۈرۈشنىڭ نۇقتىلىق ۋەزىپىسىنى ئىگىلەش كېرەك

‐‐‐ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شەرقىي شىمالنى گۈللەندۈرۈشنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈش سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى توغرىسىدا

2018.10.09 15:28         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  گېزىتىمىز ئوبزورچىسى

  شەرقىي شىمالنى گۈللەندۈرۈشنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈش بولسا، ئېلىمىزنىڭ رايونلار تەرەققىياتى ئومۇمىي ئىستراتېگىيەسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك، ئېلىمىزنىڭ يېڭىچە سانائەتلىشىشى، ئۇچۇرلىشىشى، شەھەر-بازارلىشىشى ۋە يېزا ئىگىلىكىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنىڭ ماس تەرەققىياتىغا مۇناسىۋەتلىك، ئېلىمىز ئەتراپىنىڭ ۋە شەرقىي شىمالىي ئاسىيا رايونىنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە مۇقىملىقىغا مۇناسىۋەتلىك.

  شەرقىي شىمالنى گۈللەندۈرۈشنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈش سۆھبەت يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ دۆلەت تەرەققىيات ئومۇمىيىتىنى نەزەردە تۇتۇپ، شەرقىي شىمالنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇش مەۋقەسىدە تۇرۇپ، ئالتە جەھەتتىكى تەلەپنى، يەنى مۇھىم خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ ئورۇنلاشتۇرمىلار يېڭى دەۋردە شەرقىي شىمالنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈش ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈشىمىزدە، ھەمدە دۆلەتنىڭ زور ئىستراتېگىيەسىگە كۈچلۈك تىرەك ھاسىل قىلىشىمىزدا چوڭقۇر ئەھمىيەتكە ئىگە.

  سودا مۇھىتىنى سەرخىللاشتۇرۇشنى ئاساس قىلىپ، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك؛ يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى يېتىلدۈرۈش ۋە زورايتىشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچنى ئۇرغۇتۇپ، يېڭىلىق يارىتىشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك؛ ئىلمىي ھالدا بىرتۇتاش پىلانلاپ، دەل جايىدا تەدبىر قوللىنىپ، ماس تەرەققىيات يېڭى ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىش كېرەك؛ ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشى ۋە ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشنى تېخىمۇ ياخشى قوللاپ، يېشىل تەرەققىيات ئەۋزەللىكىنى مۇستەھكەملەش ۋە ئۆستۈرۈش كېرەك؛ چوڭقۇر سىڭىشىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇپ، ئېچىۋېتىلگەن ۋە ھەمكارلىشىدىغان ئەلا سۇپىلارنى بەرپا قىلىش كېرەك؛ خەلق تۇرمۇشى ساھەسىدىكى كەمتۈكلۈكنى تولۇقلاشقا تېخىمۇ كۆڭۈل بۆلۈپ، خەلق ئاممىسىنى شەرقىي شىمالنى گۈللەندۈرۈش نەتىجىلىرىدىن تەڭ بەھرىمەن قىلدۇرۇش كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭ ۋەزىيەتنى ئىلمىي ھالدا ئىگىلەپ، مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، شەرقىي شىمالنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشنىڭ نۇقتىلىق ۋەزىپىسىنى بېكىتتى. يۇقىرىقى بۇ ئورۇنلاشتۇرمىلار ئىنتايىن كۈچلۈك بولغان ئىلمىيلىققا ۋە يېتەكچى خاراكتېرگە ئىگە بولۇپ، بۇ ئورۇنلاشتۇرمىلار ئۆز نۆۋىتىدە يەنە يېڭى دەۋردىكى شەرقىي شىمالنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ مۇھىم مېتودولوگىيە ھېسابلىنىدۇ. بۇنىڭ بىلەن، شەرقىي شىمال رايونىدىكى زىددىيەتنى ھەل قىلىش، ئارتۇقچىلىقىنى جارى قىلدۇرۇپ كەمچىلىكتىن ساقلىنىش ۋە ئەۋزەللىكنى جارى قىلدۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىش يۆنىلىشىنى كۆرسىتىپ بەردى.

  شەرقىي شىمالنى گۈللەندۈرۈشنىڭ نۇقتىلىق ۋەزىپىسىنى ئىگىلەش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشى كېرەك. شەرقىي شىمال رايونىنىڭ تەرەققىياتى يېڭى قىيىنچىلىق ۋە مەسىلىلەرگە دۇچ كەلمەكتە، بۇ قىيىنچىلىق ۋە مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش تېگى ـ تەكتىدىن ئېيتقاندا يەنىلا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا باغلىق. بۇ قېتىمقى سۆھبەت يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ «رايون ئىسلاھاتى ۋە تەرەققىياتىنىڭ پىكىر يولىنى پىلانلاش جەھەتتە كۈچ سەرپ قىلىش كېرەك، گەۋدىلىك زىددىيەت ۋە مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش جەھەتتە كۈچ سەرپ قىلىش كېرەك، ئاساسىي قاتلام ئىسلاھاتىدا يېڭىلىق يارىتىشنىڭ ھاياتىي كۈچىنى قوزغاش جەھەتتە كۈچ سەرپ قىلىش كېرەك.» دېگەن پىكىرنى ئوتتۇرىغا قويدى؛ ھەمدە «نۇقتىلىق ھالدا تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا پايدىلىق بولۇش، ئىقتىسادنى ئاشۇرۇشنىڭ يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى تېزدىن يېتىشتۈرۈشكە پايدىلىق بولۇش، تۈرلۈك بازار سۇبيېكتلىرىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇشقا پايدىلىق بولۇش، خەلق ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسىنى ئاشۇرۇشقا پايدىلىق بولۇش، كەڭ كادىر ۋە ئاممىنىڭ ئاكتىپلىقىنى قوزغىتىپ قوغداشقا پايدىلىق بولۇش قاتارلىق جەھەتلەردىن ئىسلاھات قىلىشنىڭ ئوي- پىكىرلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك.» دەپ تەكىتلىدى. «ئۈچ جەھەتتە كۈچ سەرپ قىلىش» پىكرى ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى ئايدىڭلاشتۇرۇپ بەردى، «بەشكە پايدىلىق بولۇش»تا، ئىسلاھات قىلىشنىڭ ئوي- پىكىرلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنىڭ ئومۇمىي پىرىنسىپى گەۋدىلەندۈرۈلدى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تەلىپى بويىچە، ئىسلاھاتقا بولغان ئىشەنچىمىزنى چىڭىتىپ، ئىسلاھاتنىڭ تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىسلاھاتنىڭ ھاياتىي كۈچىنى قويۇۋېتىپ، ئىسلاھاتنىڭ ئۈنۈمىنى ئۆستۈرىدىغانلا بولساق، يېڭى دەۋردىكى شەرقىي شىمالنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشنى كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ بىلەن تەمىنلىيەلەيمىز.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر