باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

يېزا ئىگىلىكى ۋە يېزا ئىشلىرىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشتىكى بۇ باش نىشاننى پۇختا ئىگىلەش كېرەك

--باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزىنىڭ روھى

2018.09.30 15:59         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېزىلار روناق تاپسا، دۆلەت گۈللىنىدۇ، يېزىلار خارابلاشسا، دۆلەت زاۋاللىققا يۈزلىنىدۇ. زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىدە، ئىشچى-دېھقانلار مۇناسىۋىتى ۋە شەھەر-يېزا مۇناسىۋىتىنى قانداق ياخشى بىر تەرەپ قىلىش، مەلۇم دەرىجىدە يەنە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشى ياكى مەغلۇپ بولۇشىنى بەلگىلەيدۇ.

  «يېزا ئىگىلىكى ۋە يېزا ئىشلىرىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش بولسا، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشنىڭ ئومۇمىي نىشانىدۇر؛ يېزا ئىگىلىكى ۋە يېزا ئىشلىرىنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇش بولسا، ئۇ ئىستراتېگىيەنىڭ ئومۇمىي فاڭجېنىدۇر؛ كەسىپلىرىنى روناق تاپقۇزۇش، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى ئولتۇراقلىشىشقا ماسلاشتۇرۇش، يېزا قىياپىتىنى مەدەنىيلەشتۈرۈش، ئىدارە قىلىنىشىنى ئۈنۈملۈك قىلىش ۋە تۇرمۇشىنى باياشات قىلىش بولسا، ئۇ ئىستراتېگىيەنىڭ ئومۇمىي تەلەپتۇر؛ شەھەر بىلەن يېزىنى يۇغۇرۇپ تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ تۈزۈلمە-مېخانىزمى ۋە سىياسەت سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش بولسا، ئۇ ئىستراتېگىيەنىڭ تۈزۈم كاپالىتىدۇر.» ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ 8- قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىش پائالىيىتىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنىڭ ئىلمىي مەزمۇنىنى كۆرسەتتى، يېزا ئىگىلىكى ۋە يېزا ئىشلىرىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ ئوي-پىكىرلىرى، يۆنىلىشى ۋە كۈچەش نۇقتىسىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدى، شۇ ئارقىلىق، بىزنىڭ يېزا ئىگىلىكى ۋە يېزا ئىشلىرىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشتىكى باش نىشاننى پۇختا ئىگىلىشىمىزنى ھەمدە يېزا ئىگىلىكى ۋە يېزا ئىشلىرىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ دەۋر تەلىپىنى توغرا چۈشىنىشىمىزنى تۈپ قوللانما ۋە ھەرىكەت قىبلىنامىسى بىلەن تەمىنلىدى.

  يېزا ئىگىلىكى ۋە يېزا ئىشلىرىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ باش نىشانىنى پۇختا ئىگىلەش ئۈچۈن، يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش بىلەن يېزا ئىشلىرىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ ئىككى ئىشنى بىر پۈتۈن گەۋدە سۈپىتىدە لايىھەلەش ۋە بۇ ئىككى ئىشنى بىرلىكتە ئىلگىرى سۈرۈشتە چىڭ تۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ. زامانىۋىلىشىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا، مۇھىم ھالقا يېزا ئىگىلىكىدە،ئەمما قىيىنچىلىق يېزا ئىشلىرىدا. 2017- يىلى، ئېلىمىزنىڭ يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكىسى تەرەققىياتىنىڭ تۆھپە قوشۇش نىسبىتى %57.5كە يەتتى، زىرائەت تېرىش ۋە يىغىشنىڭ ئۇنىۋېرسال ماشىنىلىشىش سەۋىيەسى %67كە يەتتى، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇلىدا، ئادەم كۈچى ۋە ئۇلاغ كۈچىنى ئاساس قىلىشتىن ماشىنىلاشقان مەشغۇلاتنى ئاساس قىلىشقا قاراپ تەرەققىي قىلىشتەك تارىخىي ھالقىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى. يېزا ئىگىلىكىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنىڭ تەرەققىياتى بىلەن روشەن سېلىشتۇرما ھاسىل قىلىدىغىنى شۇكى، ئېلىمىزدە يېزا ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنىڭ ئارقىدا قېلىش مەسىلىسى كۈنسېرى گەۋدىلىك بولماقتا. شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا، يېزا ئىشلىرىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش ۋەزىپىسىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدى، ھەمدە ئۇنى يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش ئىشى بىلەن بىر گەۋدە سۈپىتىدە قاراپ، ئۇنى يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشنىڭ نىشانى قىلىپ بېكىتتى. خۇددى يېزا ئىگىلىكىگە ئەھمىيەت بەرگەنگە ئوخشاشلا، يېزا ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغىمۇ تەڭ ئەھمىيەت بېرىپ، ئىككىسىنى تەڭ ئىلگىرى سۈرۈپ، بىر-بىرىنى گەۋدىلەندۈرگەندىلا، ئاندىن يېزا ئىگىلىكى چوڭ دۆلىتىدىن تەرەققىي قىلىپ، يېزا ئىگىلىكىدە قۇدرەت تاپقان دۆلەتكە ھالقىشنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ، پەقەت شۇنداققىلغاندىلا، ئاندىن دۆلىتىمىزنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى پۇختا تىرەك بىلەن تەمىنلەپ، مىليونلىغان دېھقانلارنى زامانىۋىلىشىش مۇساپىسىگە باراۋەر قاتناشتۇرۇپ، ئۇلارنى زامانىۋىلىشىشنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىرىدىن ئورتاق بەھرىمەن قىلدۇرغىلى بولىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر